خىتاي ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ئامېرىكىدىن قىساس ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ئامېرىكىدىن قساس ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون

2020-07-13

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىن چۈەنگو قاتارلىق تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قساس ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي جازالاشنى ئېلان قىلغانلار ئىچىدە، ئۇيغۇر قانۇنى باش ئىنجىنىرى ماركو رۇبىئو ۋە كىرس سىمىس، خىتاينى جازالاش تەرەپدارى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەد كىرۇز، دىنى ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بىراۋنبەك قاتارلىقلار بار ئىكەن. خىتاي ئۇلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى، خىتايدىكى مال مۈلكىنى توڭلىتىشنى قارار قىلغان. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگەللىشىچە، بۇلاردىن ھىچقايسى ئەمەلدارنىڭ خىتايدا مۈلكى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ خىتاي يالۋۇرغان تەقدردىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، كېسەل ۋە سېسىقچىلىق بىلەن قاپلانغان، مەينەتچىلىك بىلەن تولغان مىكروپ خىتايغا بېرىپ تاماشا قىلىش پىلانىمۇ يوق ئىكەن. خىتاي بۇنى پەقەت ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكىنى دوراپ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە سمۋوللۇق ئاچچىق چىقىرىش ئۈچۈن قىلدى دەپ قاراشقا بولىدۇ.