5- ئىيۇل شەھىتلىرىنى ئەسلەيمەن

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ھەبىبۇللا ئىزچى

قانلىق كۈنلەر خاتىرىسى

2020-7-5


  2009.07.05    قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك كۈنلەردىن بىرى !

بىز بۇ كۈن بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئاددى ئەمما ئولۇغ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا تەرىپلىيەلەيمىز ____ ئىيۇل شېھىتلىرى !

(بۇ كۈن يېنىمدا بولغان بارلىق دوستلىرىم، ۋە ھەر بىر ۋەتەن ئەۋلاتلىرىغا چوڭقۇر مىننەتارلىق بىلدۈرىمەن.ۋە بۇ ساھەدە ماڭا ھايات ھېكايىلىرى ئارقىلىق  تەجرىبە –ساۋاقلىرىنى ئۆگەتكەن ئۇستازلىرىمغا ۋە بارلىق شەھىتلەرگە ئاللاھتىن يۈكسەك مەرتىۋە تىلەيمەن. ھەر پۇرسەتتە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، ۋەتەن ئىچىدە مەخپى خىزمەت  قىلىشتەك  ئەڭ شەرەپلىك ،ئەڭ مۈشلكۈل زامانلاردا  ياردەم قىلغان بارلىق دوستلىرىمنىڭ قىلغان ھەر بىر ياردىمى ۋەتەن ئۈچۈن قىلىنغان مۇقەددەس خىزمەتنىڭ بىر پارچىسىدۇر.    ئۇلارنى قوغداش ،ۋە زالىم ختاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش مەقسىدىدە بەزى جەريانلار قىسقارتىلدى، ئۆزگەرتىلدى. ئىسىملەر ئالماشتۇرۇلدى،  ئىنشائاللاھ ھەممىنى تولۇق يازىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە ئىشىنىمەن )

   ئەتىگەندە ئۆيدىن چىققىنىمدا ھەممە يەر نورمالدەك كۆرۈنەتتى .

شوپۇرغا زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ كېلىش خىيالىمنى ئېيتتىم ۋە ئەتىگەندە تۆشۈكتامغا قاراپ ماڭدۇق . خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھرىدىن ئوقۇشنى تاماملاپ تېخى جۈمە كۈنى كەلگەن ئىدىم. نەچچە ئايدىن بېرى كۆرمىگەن بولغاچقا بېرىپ ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ باللار بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش مەقسىدىدە ئاز تولا يەيدىغان – ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئالدۇق.تېز بېرىش ئۈچۈن قازاق مەھەللىسى تەرەپ بىلەن ماڭغان ئىدۇق.

ئىخلاسنىڭ زاۋۇتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ،قازاق مەھەللىسىدىن ئۆتكەندە ساقچى ۋە ھەربىلەرنىڭ ماشىنا مەشقى قىلىدىغان مەيداندا بەش ئالتە يۈزدەك قارا كىيىملىك، كىيىمىدە ھىچقانداق بەلگە بولمىغان كىشىلەر تارقاق بىر شەكىلدە تۇراتتى ،بىز بەلكىم بۈگۈن بۇلارنىڭ مەشقى بولسا كېرەك دېيىشتۇق، ۋە 7.5 نامايىش قىلىمىز دېگەن مىش مىش گەپلەر ۋە كومپىيۇتېردا ئاپتوماتىك پەيدا بولغان لەيلىمە ئېلان ھەققىدە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق.

زاۋۇتقا يېقىن كەلگەندە تۈشۈكتام تەكشۈرۈش پونكىتى بولۇپ ساقچىلار توپلىشىپ تۇراتتى ،ئەمما تەكشۈرۈش يوقتى. زاۋاتقا كەلسەك زاۋۇت  ھەيلىسىدا  يەرنى بىتونلاۋاتقان بىر نەچچە تۇڭگان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئامانلىق خادىمى مەمەتئېلى ئىشلەۋاتقان ئىدى. مەمەتئېلى بىزگە بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاشپەز يوق قانداق قىلىمىز دېدى. مەن شوپۇرغا ئۇنداقتا بىز ئۆيگە قايتىپ تاماق يەپ بۇلارغا تاماق ئەكىلىپ بېرەيلى، ئەتراپتا ئاشخانا يوق دەپ ئارقىمىزغا قايتتۇق .

سائەت8:30 ئەتراپىدا ئىدى ، يولنى قىسقارتىمىز دېگەن خىيال بىلەن قايتىشتا يەنە ئوخشاشلا  ئۇلانباي تەرەپتىن قازاق مەھەللىسى يولى بىلەن قايتتۇق . قايتىشتا بىز كۆرگەن ئۇ قارا كىيىملىك كىشىلەرگە  قازاق مەھەللىسى ئۈستى تەرەپتىكى قارلىغاچلىق يولى بويىدا، قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدە، مىڭلارچە ئەسكەر ، ۋە ئالاھىدە ساقچى قوشۇلغان  بولۇپ ئورۇشقا چىقىدىغاندەك ھازىر ھالەتتە ئىدى.

يېنىمدىكى بالا ماڭا – بۈگۈن نامايىش باردەپ  ھەممە يەر ساقچى بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. مەنچە بىز تاماق ئاپىرىپ بېرىشنى قويۇپ تۇرۇپ باللانىڭ خەۋىرىنى ئالايلى ، زاۋۇتتىكىلەرگە تۈنۈگۈن پۇل بېرىپ قويغان ئۇلار بىر ئامالىنى قىلىدۇ، تېلىپوندا دەپ قويايلى دېدى. مېنىڭمۇ چ چ نى ئاچقاندا ئاپتوماتىك ھالدا ۋىرۇسقا ئوخشاش كومپىيوتېر ئېكرانىدا ئۇچۇپ يۈرگەن 7-ئاينىڭ 5- كۈنى خەلق مەيدانىدا توپلىنىمىز دېگەن ئېلان كۆز ئالدىمغا كەلدى(ھەتتا 7-ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە ئېنتېرنېت كېسىلمەستە تارتقان رەسىملەرنى …….گە ئەۋەتىش ئۈچۈن چ چ نى ئاچقىنىمدا ، 6- كۈنى ھېيتگاھتا يىغىلىشنىڭ ئېلانلىرىمۇ چىقىۋاتاتتى).

بىز نىمىش قىلىمىز دېيىشتۇق؟

مەنچە بىزمۇ خەلق مەيدانى تەرەپكە بېرىپ باقايلى !

ئۆيگە كېلىپ ئۈستى بېشىمىزنى ئالماشتۇرۇپ چىقماقچى بولدۇق . سائەت 10 ئەتراپىدا تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونىغا كەلدۇق.  ئايالىم ئوغلۇم بىلەن  يەكشەنبە بولغانلىقى ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈك تەرەپكە كەتكەن بولۇپ، مەن توختىماي تېلىفون قىلىپ دەرھال ئۆيگە قايتىشىنى، ۋە تېشىغا چىقماسىلىقىنى تاپىلىدىم .ھەمدە  بىز دەرھال خەلق مەيدانى تەرەپكە باردۇق،مەيداننىڭ ئەتراپىدا قوراللىق ساقچىلار ،ئەسكەرلەر ، پۇقراچە كىيىنگەن ئەسكەرلەر تولۇپ كەتكەن بولۇپ ،ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككىدىن ياشلار بۇ يەرگە توپلىنىۋاتاتتى . شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىدىن نامايىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، گۇاڭدوڭدا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سورىقىنى قىلىش ،ۋە ھۈكۈمەتتىن ئۇيغۇر  قىزلارنى خىتايغا يۆتكەشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ياشلار كەلگەن ئىدى. مەيدانغا كىرمەكچى بولغانلار كىرىۋاتاتتى ئەمما چىققىلى قۇيۇشمىغان بولۇپ مەيداندا بىلەكلىرىگە ئاق باغلىغان ،ياكى ئاق ياغلىق چەككەن ياش قىز –ئوغۇللار ئاۋازسسىز ئولتۇرغان ئىدى.بۇ ۋاقىتتا تېخى قالايمىقانچىلىق باشلانمىغان بولۇپ مەيداننىڭ ئىچىگە كىرىپ قالمىغانلار قايتىپ كېتەلەيتى. مەن شەھەرنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى كۆرۈش ۋە رەسىم تارتىۋېلىش مەقسىدىدە ،ئارقا كوچىلار بىلەن ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان يەرگە كەلدىم .ماشىنىدا ئات بەيگە مەيدانى  تەرەپتىن ئۆتكەندە دىققىتىمنى جەلپ قىلغىنى بىر مىنىبۇس ماشىنىدا ئۇلامبايدا كۆرگەندەك سىرلىق كىشىلەرنىڭ تاش قاچىلانغان تاغارنى يول بويىدىكى چىملىققا ماشىنىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۋېتىپ  كەتكىنى بولدى.بىز بىر دوستىمىزدىن كەلگەن تېلېفون بويىچە ئۇلامبايدىن ئۇنى ئەكىرىپ قويۇشىمىز كېرەك ئىدى،قارلىغاچلىقتىكى بىر رېستۇراندىن بىر قانچە ئائىلە كىشىنى ئەكىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردۇق.بىز بارغاندا ئاپتونۇم رايونلۇق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر قانچە مەمۇرى شۇ يەردە ئىدى،بۇلار بىلەن بىللە بىر قانچە قاتناش ساقچىسىمۇ بارتى.بۇلار ئەسلى بۇ يەرگە شەنبە كۈنىلا ئوينىغىلى كەلگەن بولۇپ ، شەھەر ئىچىدىكى ئىشلاردىن تېخى خەۋەرسىز ئىكەن .بىز كەلگەندىن  كېيىن ئاندىن بۇلارغا ئىدارىلىرىدىن تېلېفون كېلىشكە باشلىدى.ۋە ئۇلار شەھەر ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى بىزدىن سورىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قاتناش ساقچىسى سىلەر بىزنى دەپ كەلدىڭلار ئۇكىلىرىم ، بىرەر ئاۋارىچىلىققا قالماڭلار دەپ، بىزنى ئۆيگىچە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، قايتىشىمىزدا ئۇلانبايدىن شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭغان تۈز يول بىلەنلا قايتقان ئىدۇق. ئۈچ تاش بېكەتنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل چىراقتىنلا ساقچىلار يولنى توسۇپ ماشىنا كىرگۈزمەيۋاتاتتى . بىز ئات بەيگە مەيدانى تەرەپكە ماڭغان يول بىلەن ماڭغان ئىدۇق. بۇ ۋاقىتتا ئات بەيگە مەيدانى تەرەپ تېخى جىمجىت ئىدى. ئەمما ماشىنىدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن كۆرگىنىمىز بىر مىنىبۇس ماشىندا تاش ۋە خىش پارچىلىرىنى ئەكەپ ئات بەيگە مەيدانى تەرەپتىكى توڭتوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى ئالدىغا تۆككىنىنى كۆرۈپ بىز بۇ ۋاقىتتا باشقىچە ئويلىمىغانكەنمىز. بىز ماشىنىدا كىچىك باللا ۋە ئاياللار بولغاچقا سەنەت يۇرتى ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە بىر ماشىنا بىلەن ئۆزىمىز كەتمەكچى  بولدۇق. بۇ ۋاقىتتا تېخى بۇ يەرلەر تېنچ ئىدى .شۇنىڭ بىلەن يەنئەن يولى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق .

ياشلار باغچىسى ئالدىغا كېلىشىمىزگە تەتۈر يۆنۈلۈشتىن كەلگەن ئونلارچە ئەسكەر ماشىنىسى يولنى ياشلار باغچىسى ئالدىدىن توستى . بۇ ۋاقىتتا تېخى تېلېفونلار كېسىلمىگەن ئىدى ،ئادەملەر ئالاقزادە ھالدا شەھەر ئىچى تەرەپتىن قېچىپ چىقىۋاتاتتى . ماشىنا ماڭغىلى قويمىدى ،ساقچى ماشىنىسىدىن باشقا ماشىنا بۇ ۋاقىتتا شەھەرگە كىرىشى ۋە چىقىشى توختىغان ئىدى.

بىز ئامالسىز ماشىنىنى ياشلار باغچىسى قارشى تەرىپىدىكى   ئەنجۈ ئولتۇراق رايونى ئالدىغا توختىتىپ پىيادە بارماقچى بولۇپ ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئالدىغىچە كەلدۇق، يول ئۇ يەردىمۇ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن  توسۇۋېلىنغان ئىدى . ئۆپكە كسسەللەر دوختۇرخانىسى ئالدىدا پەلەمپەي ئۈستىدە بىر دەم  قاراپ تۇردۇق. بۇ ئارىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا ئالدىغا ئۈچ ھەربى ماشىنىدا ئەسكەرلەر كەلدى ، ۋە ئەسكەرلەر چاققانلىق بىلەن يەرگە چۈشۈپ يولنى توساپ تۇردى . ئارقىدىن بىر ماشىنا كەلدى  ۋە ماشىنىدىن ئەسكەرلەرگە باغلام – باغلام كالتەكلەرنى تارقىتىشقا باشلىدى . بۇ ئارىدا دوختۇرخانا ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەق يىغقۇچىسى خىتاي بىزدىن سوراشقا باشلىدى: – نىمە بوپتۇ؟

گۇاڭدوڭ شاۋگۈەندىكى ۋەقە سەۋەبىدىن ئوقوغۇچىلارھۈكۈمەت جاۋاپ بەرسۇن دەپ  نامايىش قىلغانلىقىنى دەپ بېرىۋاتاتتى ياندا تۇرغان بىرەيلەن.

   تويۇقسىز جاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن ئەسكەرلەرگە بىر تاش ئېتىلدى ، تاش ماشىنىغا تەككەن ئىدى . ئەسكەرلەر ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئون سەككىز ياشلاردىكى بىر بالىنى پۇت –قولىنى قاتلاپ يېشىككە سالدى.  ئۇلار توڭلاتقۇ يېشىكىگە ئوخشاش بىر يەشىكلەرنى ماشىندىن چۈشۈرگەن ئىدى ،يېشىككە سېلىشتىن بۇرۇن بىر ئەسكەر كالتەك بىلەن ئۇ بالىنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇرغان ئىدى .بۇ يەردە  بىر دەمدە قاچ قاچ باشلىنىپ كەتكەچكە ھىچكىم بۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى.  ۋە كۆرگەنلەرنىڭمۇ كارى بولمىدى. ئادەملەر قاتتىق قورققان ئىدى. ئەسكەرلەرمۇ ھەمدە ئۇ قەدەر چاققانلىق بىلەن يېشىككە سالدىكى، ئەتراپتىكىلەرمۇ نىمە بولغىنىنى بىلەلمەي قالدى بەلكى .   ئەمما تاشنى ئۇ بالىنىڭ ئاتقانلىقى نامەلۇم ئىدى. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن مەن يېنىمدىكى بالىنى ئۈيىگە كەتكۈزۈۋەتتىم. ئەگەر ئالالىسا ماشىنىنى ئەكىتىشنى تاپىلىدىم. ۋە ئىشخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئارقا كوچىلاردىن باۋخېڭ سارىيىغا قاراپ ماڭدىم .  خاڭچېڭ تەرەپتىن چىقىپ 19- بەشلانغۇچ ئىچىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭغان ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا يەنى ھازىرقى ھورۇنباغ  ئاتالغان، ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى ئالدىدىكى كىچىك باغچە ئىچىدە ئىكى ئۈچيۈز ئالاھىدە ساقچى ۋە ئەسكەرلەر ھازىر ھالەتتە تۇرغان ئىدى.
ماڭا بۇ يەردە تەڭرىتاغ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كۆمتىتى باشلىقى  XXئۇچرىدى،     ۋە نەگە ماڭدىڭ ساراڭمۇسەن ،ئۇ تەرەپكە ئۆتەلمەيسەن ھەممە يەر قامال قىلىندى- دېدى.
  ئەگەر  ئىشخانىغا ماڭساڭ چىق ماشىنىغا مەن ئاپىرىپ قوياي دەپ ئۈستىدە ساقچى ئۈشتىگى بار ماشىنا بىلەن مېنى ئودۇل تاشقى ئايلانما يولى تەرەپ بىلەن ئەپ ماڭدى ، ۋە ماڭا كۆرۈپ باقايلى، ھەم يولمۇ شۇ تەرەپ ئوچۇق دەپ ئايلانما يولى بىلەن ماڭغان ئىدى.
 بەخت يولى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە بۇ يەرلەرمۇ ئاساسەن قامال قىلىنغان بولۇپ ھەممە يەر ساقچى ۋە ھەربىلەرگە تولغان ئىدى. پۇقراچە كىيىنگەن ،چاچ پاسونلىرى،ۋە يۈرۈش تۇرۇشى ئوخشاش بىر تۈركۈم كىشىلەر قوللىرىدا ئاپارات ئىككىدىن – ئۈچتىن بولۇپ مىنىبۇسلاردىن چۈشۈپ نامايىشچىلار تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.
ھەر تەرەپتىن ئەسكەرلەرنىڭ ۋاقىراش- جارقىراشلىرى،ھۇقۇيتۇپ ماڭغان ساقچى ماشىنىلىرى،  ۋە بەزەن  خىتايلارنىڭ پىتراپ قېچىشلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەتراپ تولىمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۈسكە كىرگەن بولۇپ ئادەملەر بىردە قىزىقىش، ۋە قورقۇنچ ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغاندەك ئىدى ،ئەمما بۇ تەرەپتە ئۇيغۇرلارمۇ جىق بولمىغاچقا ھەممىسى ئىشچى- خىزمەتچى خىتايلار ۋە تۇڭگانلار بولۇپ،بەزى ئادەملەر قىزىقىش ئىچىدە تاماشا كۆرگەندەك  يولغا چىقىۋالغان ئىدى.
  تېخى بۇ ۋاقىتتا ئورۇپ چېقىش ياكى قىرغىنچىلىق باشلانمىغان ، ھەممە يەردە ۋەھىمە ۋە سۈرلۈك كەيپىياتلار، تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر ،ساقچىلار ،پۇقراچە كىيىنگەن ئىشپىيۇنلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ،  بىز بەخت يولى قىزىل چىراقتىن نەنمېن تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق، بۇ ۋاقىتتا ئۇچيۈز ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە ياشلار ھەر تەرەپتىن ساقچى ،ئەسكەر ،ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن  قىسماققا ئېلىنىپ خەلق مەيدانىدىن جەنۇبى قوۋۇق تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.ئەسلى نامايىشچىلار قوشۇنى خەلق مەيدانىدىن جوڭسەن يولى تەرەپكە ،ئۇيەردىن شىنخۇا جەنۇبى يولى تەرەپ بىلەن ماڭغان بولۇپ ،جوڭسەن يولىدىكى تېلېپون تىجارىتى قىلىدىغانلاردىن ئۇ كۈن تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرمۇ خېلى بار.ھەربىلەر نەنمېن،سەھىيە نازارىتى ،ۋە دۆڭكۆۈرۈك تەرەپتىن شىنخۇا جەنۇبى يولىغا چىقىدىغان يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىۋالغاچقا  نامايىشچىلا قوشۇنىغا قوشۇلۇپ بولالمىغان ۋە گۇاڭدوڭ ۋەقەسىگە غەزىپى تېشىپ تۇرغان خەلقمۇ ئىستىخيىلىك ھالدا خەلق مەيدانىدىكى توپقا قوشۇلالمىغان نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ نەنمېن تەرەپتىن رابىيە قادېر سودا سارىيىغىچە بولغان ئارىلىقتا غايەت زور بىر نامايىشچىلار توپىنى شەكەللەندۈرگەن ئىدى.
( ساقچىلارنىڭ بېشىدا   شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى باشلىقى قادىر جۈجاڭ دېگەن مۇناپىق جاللات،  ۋە ئالىم خېڭتېر دېگەنلەر شالىسىنى چېچىپ ئالاھىدە ساقچىلارغا ۋە ئەسكەرلەرگە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشنى بۇيرۇق قىلغانلىقىنى خوشنىمىز قورودا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئېيتىپ بەردى، مەن خېلى بىر كۈنلەرگىچە بۇ خوشنىمىزنى ھەربى دەپ بىلەتتىم ۋە خوشنىلارمۇ شۇنداق بىلەتتى،كېيىن بىر دوستىمىز بىلەن بۇ خوشنىمىز تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالغاندا ئاندىن ئۇنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدىم،چۈنكى ئۇ دوستىمىزنى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقاندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تۇتۇپ سوراق قىلغانلىقىنى ۋە بۇ بىزنىڭ خوشنىمىزنىڭ ئۆزىنى سوراق قىلغانلىقىنى دەپ بەردى )

ئەمما ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئەسكەرلەرنىڭ پىلانلىق ھەركەتلىرىدىن نامايىشنىڭ خىتاينىڭ رەزىل پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەستەن  قويۇۋېتىلگەنلىكى ئېنىق تۇراتتى.
        ھەممە يەر قاتمۇ – قات مۇھاسىرەدە بولۇپ، تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر،ۋە  ساقچى ئىشپىيۇنلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى ،مېنى ئىشخانىغىچە ئەكەپ قويغان كىشى  ماڭا بۇ گۇيلار ئەسلى ھەممە ئىشنى بىلىدۇ، ھەم  بۇ نايىشچىلارنىمۇ  بىلىپ قويۇۋەتتى.  بۇ بىر قىلتاق دېدى.  ۋە تېنچلىق يولى تەرەپ بىلەن مېنى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىغىچە ئەكەپ قويدى. بۇ ۋاقىتتا  بىنانىڭ ئالدى ئىشىكى  تاقالغان بولۇپ، ئارقا ئىشىكتىن كىردىم. ۋە نىمە قىلىشىمنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئامانلىق ساقلىغۇچى كېلىپ دەرھال بىنادىن ئايرىلىشىمنى ئېيتىپ چۈشۈپ كەتتى. ۋە ماڭا قالساڭمۇ سېنى مەن كۆرمىدىم، ئىپادىسىدە كۆزىنى قىستى.  ئىشخانا باۋخېڭ سارىيىنىڭ 6  قەۋەتتە بولۇپ ،يول تەرەپكە قارىغاچقا پەستىكى ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.   بۇ تەرەپتىكى نامايىشچىلار توپى جەنۇبى قوۋۇق تەرەپتىن سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ دېرىزىدىن رەسىم تارتىشقا باشلىدىم. ياشلار  مۇنەۋۋەر بودەك خانىمنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كېلىپ توسۇلۇپ قالغان ئىدى . ھەر تەرەپتىن قورشىۋېلىنغان نامايىشچىلار قوشۇنى ۋە بازارغا كۈنلۈك سودا – سېتىققا چىققان كىشىلەر قوشۇلۇپ نامايىشچىلار كوچىغا پاتقۇسىز ھالغا كەلگەن ئىدى. جەنۇبى قوۋۇق تەرەپتىن ئاتبازىرى كوچىسى ئالدىغا كەلگەندە رابىيە قادىر سودا سارىيى تەرەپتىن پۈتۈن تىجارەتچى ۋە بازارچىلار بىر قىسمى پىتراپ قېچىشقا باشلىدى ،بىر قىسمى ئىستىخىيىلىك ھالدا نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ قالايمىقانچىلىق چىقىشقا باشلىدى. ۋە بۇنى ئەتراپنى قورشاۋغا ئالغانلار پىلانلاپ قىلىۋاتكەندەك ئىدى.چۈنكى ياشلارنى تا خەلق مەيدانىدىن جەنۇبى قوۋۇققا سۈرۈپ كەلگۈچە توپتىن ئايرىلىپ قالغاننى ئوۋلاپ ماڭغان بولسا ،ئۇيغۇرلارنىڭ توپلاشقان يېرىگە كەلگەندە ياشلارنى كالتەكلەر بىلەن ئورۇپ باستۇرۇشقا ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ ئىستىخىيىلىك ھالدا نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە، ۋە نامايىشنى قالايمىقانچىلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىشكە  قىزىقتۇرۇۋاتاتتى .بىر تەرەپتىن نامايىشچىلار قوشۇنى شىنخۇا جەنۇبى يولى ۋە كېيىن تەشكىللەنگەن ياكى توپتىن چۈشۈپ قالغانلار نەنمېندىن رابىيە قادىر سودا سارىيى تەرەپكە سۈرۈلۈۋاتاتتى. مېنىڭ بۇ ۋاقىتتا  بىنادىن ئايرىلىشىم خەتەرلىك ئىدى.   ئەمما تېلېفونلار كېسىلگەن بولغاچقا مېنىڭ خەۋىرىمنى ئالالماي ئۆيدىكىلەرنىڭ تېشىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالسام تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار كەپ چىقاتتى،شۇڭا ئۆيگە كەتمىسەم تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. ئاخىرى پەسكە چۈشۈپ ئەھۋالغا قاراپ باقماقچى بولدۇم. باۋخېڭ سارىيىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئارقا تەرەپكە چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ يولغا چىقىشىمغا بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى كەلدى. مىرزات ئالىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىز بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنىلا ئويلىغان ئىدۇق. مىڭبىر مۇشەققەتتە بىز مىرزاتكامنىڭ جېپ ماشىنىسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك ئاستىغا كەلدۇق .( مىرزاتكام مىللى غۇرۇرى كۈچلۈك ئادەم بولۇپ توختىماي تىللاپ ماڭاتتى،ھەتتا نورمال ۋاقىتلاردىمۇ ساقچىلار بىلەن تولا ئېتىشاتتى. خوتەندە ئىشلىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى ،جەنۇپتا يوللاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا كەلسە چوقۇم بىر سوقۇشۇپ تىللىۋالمىسا ئىچ پۇشۇقى چىقمايتى.) بۇ ۋاقىتتا ھاۋا قارايغان بولۇپ ئەتراپتا ھەربىلەر ۋە ساقچىلار تولۇپ كەتكەن، تەرەپ – تەرەپتىن ئوق ئاۋازى كېلەتتى. شەھەرنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ئىس – تۈتۈن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ يوللاردا غايىپ ئوقنىڭ قۇربانلىرى ھەر يەردە ياتاتتى. رابىيە قادىر سودا سارىيى ئالدى تەرەپتە ۋە جەنۇبى تېنچلىق يولىدا ئاپتۇۋۇزلا گۈكىرەپ كۆيۈۋاتاتتى. بۇ ئارىدا  ئېھتىيات بىلەن رەسىم تارتىۋاتاتتىم. جەريان ۋە  ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنى رەسىم تىلى بىلەن خاتىرىلەش  ئۈچۈن پۈتۈن ئەس يادىم رەسىم تارتىشقا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى.  ۋە كاللامدا  بۇ كۈنگە شاھىتلىك قىلىش دېگەن بىرلا ئۇقۇم بارتى. شىنخۇا جەنۇبى يولى تەرەپتىن قېچىپ كەۋاتقان ئوقۇچىلار ۋە ياشلار ئۇ تەرەپتە ئەسكەرلەرنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ،ۋە بەك جىق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.  دۆلەت بىخەتەرلىك سانائىتى ئىدارىسى ئالدىدا ئىتتىپاق تىياتىرى ۋە خەلقارا بازار تەرەپنى رەسىم تارتىۋاتقاندا يېنىمدا رەھمەتلىك مىرزاتكام بار ئىدى . كۆۋرۈك ئاستىدىكى ماشىنىغا قاراپ ماڭغاندا تۇيۇقسىزيولدىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن  يەرگە پۇتلاشقاندەك بولدۇم ۋە بىرسى كۈچەپ ئىتتىرگەندەك  مىرزاتكامغا سوقۇلدۇم،ئوڭ مۈرەمدىن ۋىژ قىلىپ ئېچىشقان بىر سېزىم كەلگەندەك بولدى. ئەمما ھېچقايسىمىز ئۇ يەردىكى ھايات –ماماتلىق پەيتىدە  دېققەت قىلمىغان ئىكەنمىز.پۈتۈن دىققىتىمىز  پەقەت ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ كۆۋرۈك ئاستىدا توختاتقان ماشىنىغا چىقىۋېلىشقا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى.كۆۋرۈك ئاستىدىكى بۇ ماشىنا قويغان يەر بولسا شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋە ھۈكۈمەتنىڭ ماشىنىلىرىنى توختىتىدىغان يەر ئىدى. يەنى چىراق تۈۋى قاراڭغۇ . كېيىن ماشىنىغا چىقىۋالغاندىن كېيىن مىرزاتكام ماڭا ئۇكام مۈرەڭ قان تۇرۇدۇ دېدى .مەن  تېخى شۇ كۈنى ئەتىگەندە دۈمبىسىگە 6.26  نى قىزىل رەڭدە يېزىپ چىقماقچى بولغان مايكام ئەمدى راستىنلا   قىزىل بويالغان ئىدى.  مىرزاتكام مۈرەمنى تۇتۇپ بېقىپ بۇ نىمە؟

تۆشۈك تۇرۇدۇغۇ دەپ ھەيران قالدى.  مەنمۇ ھەيران قالدىم . مۈرەمنى سىلاپ باقسام ئالدى تەرەپتە بىر تۈشۈك بار ئەمما ئارقىسى ئازراق كۆپۈپ قالغان ئىدى.قول بىلەن سىلىسا ئىچىدە بىر نەرسە باردەك ئىدى.

ئوق !ئوق !

مىرزاتكام  تەكرار تەكرار ئوق دەپ تىپىرلاپ قالدى.مەنمۇ دەسلەپتە قان دەپ ئويلىغان بىلەن كېيىن ئوق دېگەننى ئاڭلاپ ئىچىمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى. مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بېشىمغا بۇنداق بىر ئىش كېلىۋاتاتتى ، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك.دەماللىققا بىر ئاز جىددىلەشتىم ئەمما دەررۇ چوقۇم كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇشۇم كېرەك دېگەننى ئويلىدىم.

بۇ ۋاقىتتا قان ئاساسەن ئۆزى توختاپ قالغان بولۇپ ئاز تەپچىرەپ  چىقىۋاتاتتى. خۇداغا شۈكرى ماشىنىدىكى جىددى قۇتۇلدۇرۇش ساندۇقىدا داكا باركەن ،ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئاختۇرۇپ بىر قۇتا چىش مەجۈنى تاپتۇق. چىش مەجۈنى ياللۇغدىن ساقلايدۇ ۋە قان توختىتىدۇ دېگەن ئېسىمدە قاپتىكەن.  تۈشۈككە مەجۈننى بولۇشىغا سىقىپ داكا بىلەن يۆگىدۇق،ئەمما تۇتقۇزىدىغان نەرسە  تاپالماي، پىلاستىر بىلەن يۆگەپ تاڭدۇق . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قاتار توختىپ قويغان ماشىنا ئارىسىدىكى جىپ ماشىنا ئىچىدە قىلدۇق. رەھمەتلىك ئۇ كۈن ئۆقولى بىلەن يارامنى تاڭدى. تارىخ يېزىلغان بىر كېچىگە بىللە شاھىت بولدۇق.بۇ كۈن شەھەرنىڭ پۈتۈن ئېلېكتېرلىرى كېسىلگەن بولۇپ ھەممە يەر قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ،ھەر تەرەپتىن ئىس تۈتەك،مىلتىق ئاۋازلىرى كېلەتتى.

ئەمدى باشقا كېتىدىغان يەر يوق ، شەھەر تېشىغا چىقىپ كېتەيلى دېگەننى مەسلىھەت قىلىشتۇق ۋە قەبرىستانلىق تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق،بىز يولغا چىققاندا مائارىپ نازارىتى ئالدى تەرەپتىن قويۇق ئىس تۈتەك كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.(كېيىنكى كۈنلەردە بېرىپ كۆرگەندە مائارىپ نازارىتىنىڭ قىيپاش ئودۇلىدىكى چىيەنبەيخې تاللا بازىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن ئىكەن، مەن بۇنىڭغا شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم ،چۈنكى مەن مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە بىر قېتىم بۇ دۇكانغا كىرىپ مەھسۇلات تونۇغتۇرغاندا بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى خىتاي ،مىللى كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى ساتمايمىز دېگەن ئىدى.民族产品不要دەپ ۋاقىرغان بولۇپ قاتتىق ئورۇشۇپ كەتكەن ئىدىم).

   بىز قەبرىستانلىقنىڭ قارشىدىكى يېڭى ئېچىلغان مازارلىق رايونى ئۈستىدىكى قوتان تەرەپكە  كەتمەكچى بولدۇق، ئەمما ھەربى ماشىنىلار يوللارنى قامال قىلغان ئىدى.  تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا قالغان ئىدۇق. ئاخىرى  مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا داۋەندىكى ئامبار تەرەپكە  كەتمەكچى بولدۇق. بىر قولايلىق يېرى مىرزاتكامنى كۆپچىلىك ساقچىلار تونۇيتتى ،ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر دەپ ماشىنىسىدا ھۈكۈمەت ماشىنىلىرىنىڭ يول خېتى، بەلگىسى بار ئىدى.

ئامالسىز تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرەپكە بىلەن باخۇلياڭ ساقچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە   تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئالدى،ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئۆتكەندىكى يول ئېغىزى  ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ئىدى. مىرزاتكامنىڭمۇ ۋە مېنىڭمۇ دوستىمىز ساقچى ****يولدا ساقچىخانا ئالدىدا ئىكەن . ساقچىخانىنىمۇ ئەسكەرلەر قوغداۋاتاتتى. مىرزاتكام ماشىنىنى توختاتتى ۋە ئۇنى چاقىردى .بىزنى كۆرۈپ كۆزلىرى چاچراپ چىققۇدەك بولغان دوستىمىز ھەيران قېلىپ سىلەر ساراڭ بولدۇڭلارمۇ ؟

كۆرگەننى ئېتىۋاتىدۇ ،بىرەر مىڭدەك ئۆلۈك بار ھازىر يوللاردا ،تېخى يېنىڭدا بۇ بار، تەكشۈرسە قانداق قىلىسىلەر دېدى.(مېنى دېمەكچى) ۋە ئىككى مىنۇت ساقلا دەپ ساقچىخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى ۋە بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

    بۇنى سەن كىيىۋال بۈگۈن كىم  بىلەن كىمنىڭ چاتىقى ،كىم كىمگە دىققەت قىلاتتى ، ئەمما سىلەر دېققەت قىلىڭلار دېدى ۋە ئاللاغا ئامانەت،تېز كېتىڭلار دەپ ئەسلىدىكى تۇرغان يېرىگە بېرىپ بىزگە قاراپ تۇردى.بۇ ۋاقىتتا ساقچىخانا ئالدىمۇ كىرىپ چىقشلار ۋە ھازىرلا بىرى باستۇرۇپ كىرىدىغاندەك تەييارلىقلا ئىچىدە ئاجايىپ جىددىچىلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى.دوستىمىزنىڭ ماشىنا يېنىدا تۇرۇشى ۋە ماشىنىنىڭ ئالدىدكى بەلگىلەردىنمۇ ئەيتاۋۇر ھېچكىم دىققەت قىلمىغاندەك ،خالتىدا بىر يۈرۈش ساقچى كىيىمى ۋە ئىككى قۇتا سۇ بار  ئىدى، ساقچىخانا ئالدىدىلا  مەن ماشىنا ئىچىدە كىيىمنى كىيىپ ئالدى ئورۇنغا ئۆتۈپ ئولتۇردۇم . دوستىمىز بىزگە ھەربىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىمىساڭلارلا ھىچ ئىش بولمايدۇ.ھازىر سىلەرگە بۇ كىيىم بىلەن قارىغىلىمۇ چولىسى يوق دېگەن ئىدى. داۋەنگە قاراپ ماڭساق ئالدىمىزدىلا دوقمۇشتا ھەربى ماشىنىلار يول توساپ تۇرغان بولۇپ سوئال سوراق بولۇشى ئېنىق ئىدى .باشقا تەرەپ بىلەن كېتەيلى دەپ يەنە ئارقىمىزغا ماڭدۇق. بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئۈستىدە ساقچى ئۈشتىكى(دوستىمىز بەرگەن)  يولدا ھېچكىم بىز بىلەن كارى يوق، ھەر يەر ئەسكەر ،ساقچى ماشىنىسى ، يوللاردا گۈكىرەپ كۆيۈۋاتقان ئاپتۇۋۇز ۋە ختاينىڭ دۇكانلىرى.  مەن ھاياتىمدا بۇنداق ھاياجانلارنى ياشاشنى خىيالمۇ  قىلمىغان ئىدىم.بۇ ھاياتىمدا كۆز بىلەن بۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆرۈشنى ئويلاپمۇ تەسەۋۇر قىلالمايتىم.

ئاپاراتنى سىلەرگە ئاۋارىچىلىق بولىدۇ ، دەپ ئۇ دوستىمىز  ئېلىپ قالغان ئىدى.   يەنى بىز ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدۇق.

    تېلىپوندا توكمۇ يوق، بىز سەنئەت مەكتەپ ئالدىدىن ، رەئىسلەر قوروسى ئالدىدىن ئۆتۈپ  (قورۇ ئالدىغا ئەسكەرلەرنى تىزىۋەتكەن بولۇپ نامايىشچى ياشلاراىن بىر تارماق بۇ يەرگىمۇ كەلگەن ئىكەن)خوڭخۇي ئولتۇراق رايونى ئالدىغا كەلگەندە، يالەن دوختۇرخانىسى ئالدىدا بىر ساقچى مىنىبۇسىغا ئۆلۈكلەرنى بېسىۋاتاتتى.   ماشىنىنىڭ ئارقىدىن جىگەررەڭ قان كوكىراپ يەرگە ئېقىۋاتاتتى. قىيا ئوچۇق ماشىنا ئىچىدە جەسەتلەرنى ئۈستى ئۈستىگە ئارتىۋەتكەن بولۇپ ئىنسان بۇنداق بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن.

   يوللاردا ئۇ يەر بۇ يەردە قانلار ،ئورۇپ چېقىلغان ماشىنىلار ،چىملىقتا ياتقان جەسەتلەر تۇراتتى.  خەلقارا بازار ئالدىغا كەلگەندە يوللارنى ئەسكەرلەر تولۇق قامال قىلغان بولۇپ پەقەت ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرگەن ساقچى ۋە ھەربى ماشىنىدىن باشقا ، يوللاردا بىڭتۈەندىن يۆتكەپ كەلگەن كالېشنىكوپ كۆتۈرۈۋالغان بىڭتۈەننىڭ قوراللىق  ئادەملىرى،  ۋە ئەسكەر ساقچىدىن باشقا بىر قانچە يەردە  ئۈستى – ئۈستىگە ئارتىپ يىغىپ قويغان جەسەتلەر بار ئىدى.

  نەگىلام قارىساق ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن يا ئوت قويۇلغان ماشىنا ياكى دۇكانلار كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ھەر تەرەپتىن قورال ئاۋازلىرى ،پومپالىق مىلتىقتىن چىققان كۈچلۈك ئاۋازلار كېلەتتى . خەلقارا بازار ۋە كۆۋرۈك ئۈستىدە،خەلقارا بازاردىكى مۇناردا مەرگەنلەر يەر ئالغان بولۇپ ۋىژ –ۋىژ قىلىپ ئېتىلغان مىلتىقتىن چىققان كۈچلۈك نۇرنى كۆرگىلى بولاتتى. مىرزاتكام ماڭا ،قارا مەرگەنلەر باكەن ما گۇيلار قىرغىن قىلىۋاتىدۇ دېگەن .

تەڭگە تاغ ئاشخانىسى ئالدىغا كەلگەندە مىرزاتكام رەھمەتلىكنىڭ يەنە بىر ساقچى دوستى ئۇنى كۆرۈپ ئاغزىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى .

مىرزاتكام ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىماستىنلا ئۇ ئۆزىلا كوچىدىكى ئۆلۈكلەرنى يىغىۋاتىدۇ ئەڭ جىق رابىيە داسا تەرەپتە دېدى.

بىز رابىيە قادېر سودا سارىيى ئالدىغا كەلگەندە بەيتۇللا مەسچىتى كوچىسى ئالدىدا بىر ھەربى ماشىنىغا جەسەتلەرنى پىقىرىتىپ ئېتىپ ئەسكەرلەر جەسەت توپلاۋاتاتتى .يولدا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر ساقچى ماشىنىسى ۋە كوچا ئاپتۇۋۇزى تۇراتتى . ئەسكەر ساقچىلار رابنيە قادېر سودا سارىيى ،ۋە ئولتۇراق رايونىنى پۈتۈن قامال قىلغان ئىدى.

ئىكىنجى دوختۇرخانا تەرەپ ئاساسەن قامال قىلىنغان بولۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئەمما بىز ئۈستۈمدىكى كىيىم  يۈزىدىن دوختۇرخانا ئالدىغا كېلەلمىسەكمۇ سەھىيە نازارىتى ئالدىغىچە كېلەلىدۇق.

    ئۇكام بىردەمدە  تاڭ ئاتىدۇ ،  بىزگە ئاۋارىچىلىق بولمىسۇن سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي دەپ داۋەن تەرەپكە ماڭدۇق.بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغان بولۇپ كوچىدا بۇنداق يالغان ساقچى بولۇپ يۈرۈش خەتەرلىك ئىدى.

ئارقىمىزغا قايتىپ ماڭغاندا قوللىرىدا سۈرتكۈچ ، چىلەكلەردىكى سۇ بىلەن يوللارنى كوچا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆرۈۋېتىلگەن رېشاتكىلاردىكى قانلارنى ئۇيغۇر تازىلىق ئىشچىلىرى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى، ۋە ئەسكەر ساقچىلارنىڭمۇ يوللاردىكى قانلارنى ،جەسەتلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. يوللارنى يوقۇرى بېسىملىق سۇ ناسوسلىرى بىلەن يۇيۇۋاتقان بولۇپ جىگەررەڭ قاتقان قانلار ئەۋرەز يوللىرىغا ئېقىۋاتقان سۇنىڭ رەڭگىنى قىپقىزىل قان دەرياسىغا ئايلاندۇرغان ، جەسەتلەرنى باسقان ماشىنىدىن جىگەررەڭ قان چىپ-چىپ ئېقىۋاتقان ئىدى.

بۇ ۋەقە بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىنمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان بىر مەنزىرە ياشقا چوڭ بىر ئايال كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا ئۆرە تۇرۇپ رابىيە قادېر ئالدىدىكى ئۆرۈۋېتىلگەن رېشاتكىدىكى قاننى سۈرتۈۋاتاتتى.

    ھەر يەر قانغا بويالغان بولۇپ كوچىلاردا ھەربىلەر بىلەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ئىشپبيونلاردىن ، ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ ئارقا كوچىلاردىن ئاچىقىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقىنى كۆرگىلى بولمايتى .  تويۇقسىز مىرزاتكامنىڭ كۆزلىرى چاچراپ چىققۇدەك بولدى .  12-11 ياشلاردىكى ئىككى بالىنىڭ جەسىدىنى پىرقىرىتىپ ھەربى ماشىنىغا ئىككى ئەسكەر ئاتقان ئىدى .  كۇچارلىق ئەنۋەرجان ئىسىملىك تونۇيدىغان تىجارەتچىنى ئون ياشلاردىكى بالىسى بىلەن دادىسىنىڭ كۆينىكى سالدۇرۇلغان ھالەتتە كىچىك بالىسى بىلەن كوزۇپلۇق ماشىنىغا باسقان ئىدى ،بالا دادمنى قويۇپ بەر چوشقىلار ،كاپىرلار دەپ ئەسكەرلەرنىڭ پاچىقىغا تېپىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز بالا بىر ئەسكەرنىڭ تېپىكى بىلەن بىر مېتىر ئۇزاقلىققا پۇرلىشىپ چۈشتى ،قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى.ئۇ كۈنى سەھەردىلا تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان بولۇپ ،ئادەملەرنى يۈك ماشىنىسىغا باسقان ئىدى.ھەتتا ساندۇق ماشىنىغا كىچىك بالىلارنى پۇتىنى پىرقىرىتىپ ئاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە شۇنى بىۋاستە ياشىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم كېيىن.

(كېيىن 2016- يىلى ئۇچۇر ئېلىش مەقسىدىدە ئىز قوغلاپ ، بۇ ئەنۋەرجان ئىسىملىك ئادەم بىلەن بىزنىڭ ئىشخانىدا كۆرۈشتۇق . ئەنۋەرجاننىڭ دەپ بېرىشىچە بالىسىنى يوقۇرى بېسىملىق سۇ بىلەن قىينىغانلىقى، ئىككى كۈن ساقچى ئاپشاركىسى بىلەن بىر قەپەزگە سولاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ، بالىسى ئەقلىدىن كەتكەن بولۇپ سۇنى كۆرسە قورقۇدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . يۈزۈنى يۇيمايدۇ شۇ ۋەقەدىن كېيىن دەپ كۆز يېشى قىلدى،بالا سۇنى كۆرسە قورقىدىغان ، چىرقىراپ يىغلايدىغان ، ۋە ئويغانغان ھامان تامغا قاراپ ئولتۇرۇدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن.شۇ ۋاقىتتا دادا بالا ئىككەيلەننى ئايرىم –ئايرىم سولاپ كېيىن نامايىشقا چىقمىغان دەپ يۇرتىدىن كەلگەن ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىگەن بولۇپ ،بىر يىلغا يېقىن تۈرمىدە يېتىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. بالىسىنى ئۈچ ئايدا قويۇپ بەرگەن ئىكەن .بۇ ھەقتە باشقا توپلىغان ماتېرياللار بىلەن ئىيۇل شاھىتلىرى دېگەن بۆلۈمدە ئايرىم توختىلىمىز)

   بىز قايتىش ئۈچۈن جەنۇبى تېنچلىق يولى تەرەپتىن تەڭگە تاغ ئاشخانىسى ئالدىغا كەلگەندە   ئاياس تاللا بازىرى ئارقىسىدىكى كوچىدا يىگىرمىگە يېقىن جەسەتنى بىر يۈك تۇشۇيدىغان ساندۇق ماشىنىغا بېسىۋاتاتتى. بىز دىققەت چەكمەسلىك ئۈچۈن ئودۇل راھەتباغ تەرەپكە كەتتۇق.  ئۇ تەرەپ ئاساسەن تازىلىنىپ بولغان بولۇپ ھەر يەردىن ساقچى ئەسكەرلەر ئادەم تۇتۇشنى باشلىغان بولۇپ كىشىلەرنى ئۈستىدىكى ئىچ كىيىم بىلەن يۈك باسقاندەك ماشىنىلارغا بېسىۋاتاتتى.

راھەتباغ تەرەپتە ئارقا كوچىدىكى بىر خىتاينىڭ ھاراق – تاماكا دۇكىنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

( كېيىن كۇچار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىرىنىڭ دېيىشىچە ئۇ تۆلەم مەسلىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ ،بۇ خىتاي ئالتە كۋادېراتلىق دۇكاندىكى ئازراق نەرسىسى ئۈچۈن بىرمىليۇن ئۈچيۈزمىڭ تۆلەم ئالغان ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ قەدەر تۆلەم ئالالمىغان.مەسىلەن 7 ئىيۇل كۈنى تەرەققىيات رايونىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بېھىشباغ ئاشخانىسىدا 4 ئۇيغۇر ئۆلگەن،بىر ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلانغان،نەچچە مىليۇنلۇق رېستۇران كۈلگە ئايلاندۇرۇلغان بۇلۇپ ئادەملەرنى ئۆز پۇلى بىلەن داۋالاتقان ۋە تۆلەم ئالالمىغان)

مېنى مىرزاتكام ئۇكام بىرسى كىملىك سوراپ قالسا چاتاق چىقمىسۇن ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي دەپ تاڭنۇرى گۈللۈكى تەرەپ بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانا كوچىسىغا كەلگەندە ، توختىماي ئادەم توشۇۋاتقان ساقچى ماشىنىلىرىدىن باشقىنى ئۆتكۈزمەيۋاتاتتى . خۇداغا شۈكرى بىزنى كوچىنى قامال قىلغان ئەسكەرلەر ساقچى دەپ ئويلىدى بەلكى ، يولنى ئېچىپ بېرىشى بىلەن تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونىغا كەلدۇق . ۋە قورو دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى ئىشخانا قىلغان ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم . بۇ قورو يېڭىدىن سېلىنغان بولغاچ يول تەرەپ ئېتىۋېلمىگەن ئىدى. ئىشخانىغاچىقتۇق ، ئىشخانىدا ھەر زامان دورا ،داكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ساقلايتىم.

مىرزاتكام مېنى ئەكىرىپ قويۇپ چاتاق يوقتۇ دەپ مۈرەمنى تۇتتى ۋە بۇ بىر تارىخ ،كۆرگەنلىرىڭنى ھېچ ئونۇتما ، كۈنلەردىن بىرى چەتئەلگە چىققاندا دۇنياغا ئاڭلات ،مەن سېنى كۆرسۈن دەپلا  جېنىمنى دوغا تىكتىم،سەنمۇشۇ .سېنى بىلىمەن كۆرگەنلىرىڭ ئىچىڭدە سېسىپ كەتمەيدۇ دەپ خوشلىشىپ قورو ئىچى بىلەن تاڭنۇرى گۈللۈكى تەرەپكە ئۈيۈگە  كەتتى.

مەن پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ ، يارا ئېغىزىنى تاڭغان پېلاستېرنى چىقاردىم ، تۇز سۇيى بىلەن پاكىزە يۇيۇپ <يۈننەن بەيياۋ> قان توختىتىش دورىسىنى توكتۈم . قان ئەسلىدىنلا توختاپ بولغان ئىدى،  ئاندىن بىلىنمىگىدەك قىلىپ تاڭدىم.

   ئىككىنجى قۇرۇلۇش ئەترىتى قوروسىنىڭ ئىچى تەرەپتىن تاڭنۇرى قوروسىغا ئۆتتۈم ۋە ئۆيگە كىردىم .  ھەممەيلەن تېلىفون ئۇلانمىغاچقا يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن . بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن تاڭ يورۇغان ئىدى.

قورۇنىڭ ئىچىدە ئادەملەر توپلىنىپ ئۇ يەردە بۇ يەردە توپ-  توپ بولۇپ چىملىقتا ئولتۇراتتى. خوشنىلاردىن مۇھەممەدجان روزى سايىت ،پولات تۇرسۇن ،ۋە سېرىك ئۆمىكىنىڭ بىر نەچچە ئارتىستلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرغان ئىدى . شەبنەم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇر ئېلى شۇ كۈنى قورودا مۆمىنجان ئابلىكىملار بىلەن ئولتۇراتتى.

    يان قوشنىمىز ئۆمەر ئاكا ۋە قىزى شىركەت خىزمەتچىمىز ئىبادەتلەر چىقتى، بامۇ سىلەر قوشنىلار دەپ بىر بىرىمىزدىن ھال سوراشتۇق . بۇ ۋاقىتتا ئەتىگەن سائەت توققۇزلار بولغان ئىدى  ئۆمەر ئاكا ئۇكام چىرايىڭ سارغىرىپ كېتىپتۇغۇ دەپ سورىدى.

بەك بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ كېچىدىن ئۇخلىيالمىدىم دېدىم.

ھەممىمىز شۇ ،دورىخانا ئوچۇقكەن دېدى ماڭا.

ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈچۈن دورا ئالغىلى چىقايمۇ – چىقمايمۇ دەپ ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇرغان ئىدىم ،ئاخىرى ئۆمەر ئاكا بىلەن بىللە  چىقتىم . دورىخانىنىڭ قورۇنىڭ ئىچى تەرەپتىكى  ئىشىكى يېرىم ئوچۇق ئىدى. دورىخانىدىكى خىتاي مېنى كۆرۈپ سەن تېخى ئۆلمىدىڭمۇ ؟ دەپ مېنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى.

ئەقلىمگە بۇ خىتاي مېنى ئاخشام كۆرگەنمىدۇ دېگەندەك قورقۇنچلۇق خىياللار كېلىشكە باشلىدى.

نىمە دەيسەن -قوپاللىق بىلەن سورىدىم مەن.

ھەر يەر ئۆلۈكلەر بىلەن تولدى شۇڭا دېدىم دېدى ئۇمۇ.

مەن سېنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە ، مۇشۇ يەردە ، يەنە كېلىپ بۈگۈن قورقماي دۇكان ئاچقىنىڭغا مەن ھەيران بولدۇم دېدىم.

ئاخشام ئۆيگە كېتەلمىدىم ، قورونىڭ نۆۋەتچى ئىشخانىسىدا ئامىنە بىلەن ئولتۇردۇم دىدى ئۇ خىتاي.

بۇ ئامىنە دېگىنى تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونى خوجۇلۇق مۇدېرى ئىدى .كېيىن بۇ ئايال ئۇ كېچىدىكى كۆرگەنلىرى سەۋەپلىك ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

سەھەرگە يېقىن بەك جىق  كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈكىنى ئەكەتتى بۇ يەردىن دېدى دورىخانىدىكى ختتاي.

ئەسلىدە نۇر بەكرى چىقىپ ،شۇ ئوقۇغۇچىلارنى چىرايلىق ئاپتۇۋۇزغا بېسىپ، مەكتەپلىرىگە ئاپىرىۋەتسە بۇ ھالغا كەلمەستى ، مەنمۇ كۆردۈم گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى ، ئوچۇق ئاشكارا قىرغىنچىلىق بۇ دېدى ئارقىدىن.

مەن بالامنىڭ مىجەزى يوق، ئوكۇل ئورۇۋاتقان، دوختۇرغا ئاپىرالمىدىم، دەپ بىر كارتون جۈنبېيجۈن ۋە ئىككى قۇتا گېلكۇزا  ئالدىم .  بىر قاپ ئا چىڭمىسۇ تابلېتى ئالدىم . ئودۇل ئىشخانىغا كىرىپ پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ ئۆزەم ئوكۇللارنى تەڭشىدىم، ئۆزەمگە ئۆزەم ئوكۇل ئاستىم. ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. قوغۇشۇن زەھەرلىك ،ياللۇغلىنىپ قالىدۇ دېگەن ئىدى ماڭا بىر دوختۇر تونۇشۇم.

مەنمۇ بۇ ئىشلارنى خېلى بىلەتتىم ، يەنى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن داۋالىنىش جەريانىدا ئۆگەنگەن ئىدىم. بەش –ئالتە يىللىق داۋالىنىش تەجرىبىسى مېنى خېلى تەجرىبىلىك قىلىپ قويغان ئىدى.ئۈچىنجى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ياتقاندا بىمارلار بىر بىرىگە ئوكۇل ئورۇپ قوياتتى ،ھەم ئۇ يەردىمۇ ئۆزەمگە ئۆزەم ئاسما ئوكۇل ئورۇش ،دورا تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. ۋە ئوزۇن مۇددەت داۋالىنىش جەريانىدا بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولغان ، دادامنى ئالتە ئاي ئۆيدە داۋالاش جەريانىدىمۇ ئوكۇلنى ئۆزەم ئورۇپ قوياتتىم.

داۋامى بار

1.بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ئاددى ۋەقە ئەمەس قانلىق قىرغىنچىلىق.ئىز قوغلاپ توپلىغان ئۇچۇردا  قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلار 5 ۋە 7-ئىيۇل كۈنىلا 3000 دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

2. ئەۋرەز يولىدىن تېپىلغان ۋە ئاشكارىلانمىغان جەسەت سانى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئالغان مەلۇمات 170 دىن جىق.

3. 5 . ئىيۇلدا داۋەندىكى ئەسكەرى گازارما ئىچىگە توشۇلۇپ مۇز ساندۇقىغا سېلىنغان جەسەت سانىلا  جەسەت توشۇغان ساقچىنىڭ تارتقان رەسمىدە جەسەتنىڭ ئايىقىغا باغلانغان نومۇر 723 دەپ نومۇر ئېسىلغان.

4. ھەتتا 6 .ئىيۇل كۈنىمۇ مىلتىق ئاۋازلىرى داۋەن تەرەپتە بېسىقمىدى،ۋە ئۆي ئاختۇرۇشتىمۇ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى .6- ئىيۇل كۈنى بېيمېن يەنى شىمالى قۇۋۇقتا ۋە رېنيۆ شىنگۇاڭ تەرەپتە ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ كاللىسىنى چېچىدىن دەرەخقە ئېسىپ قويغان.

5.      7  ئىيۇل كۈنى ۋاڭلېچۈەننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە ، خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر 812 كىشى .كۆپى پويىز ئىستانسىسى تەرەپتە،شىمالى قوۋۇق،غەربى شىمال يولى،دوستلۇق،تىببى ئۇنۋېرسىتىت،تەرەققىيات رايونى،كۆكتاغ رايونى،بەخت يولى، شۈيمۈگو،ئۇن زاۋۇتى ،تۆشۈكتام،سمۇنت زاۋۇتى قاتارلىق تەرەپتە خىتايلار كوچىدا كۆرگەنلىكى ئۇيغۇرنى كالتەك توقماقلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.بۇ كۈنى ھەتتابۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ قوراللىرى يىغىۋېلىنغان بولۇپ ئۆيىدىن چىقماسلىق بۇيرۇقى بىلەن تارقىتىۋەتكەن ئىدى.

 7. خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى مەن كۆرگەن ،بۇ شۇ كىشى دېگەندەك تۆھمەت بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنى كوچىدا رەسىم تارتىۋېلىپ سولىتىۋەتتى ،يەنى خىتايچە (就是他) غا كەتتى.

8. ئىستىخبارات ئىدارىسى سانجى قاماقخانىسىدىكى ئىلھام ئىسىملىك بىرىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى ،5. ئىيۇل كېچىسى ۋە 7 .ئىيۇلغىچە ئېتىۋېتىلگەنلەر، ھەمدەخىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر 3000 دىن جىق ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك شەھەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.ھەقىقەتەن شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى سىرلىق ئۆلگەن.

داۋامى:

  قاباھەتلىك كۈنلەردە

  5    ۋە 7  – ئىيۇل قىرغىنچىلىقلىرى

ۋاڭلېچۈەننىڭ باياناتى  

رابيە قادىر سودا سارىيى ۋە بىناسىدا بولغان ۋەقەلەر

ئىيۇل شاھىتلىرى

قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار

 ئوقۇچىلارنىڭ تەقدىرى (ئىز قوغلاپ توپلىغان ئۇچۇرلار)

مىرزات ئالىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى

خىتايلارنىڭ نامايىشى ( 7ئىيۇل ۋە ئاۋغوست ختايلارنىڭ نامايىشى،سۇمرۇغ تېلېۋېزىيەسى مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى)

  مەجبۇرى ھال سورىتىش

 ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر  

خىتاينىڭ ئىيۇل باھانىسىدە ئىجرا قىلغان تەدبىرلىرى

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نازارەت سېستىمىسى

شىمالنى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش ۋە نۇپۇس يۆتكىلىشىنى كونترول قىلىشى

رېشاتكا رايونى ۋە ئىكىنجى يىلىدىكى 5-ئىيۇل