فىجۇلىندىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللاش

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى

مەرھابا

2020-7-4

تۈركىيە گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ جازايىرلىق پۇتبولچىسى سوفىئانە فىجۇلى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى سىياسىي بېسىملىرىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.
فىجۇلى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى قىممەتلىك » دېگەن مەزمۇندا ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى .
بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تۈرك مىللىتىدىن بولغان دۇنياغا داڭلىق گېرمانىيەلىك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىللىرى ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرگەن ئىدى ، بۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى نۇرغۇن مەستانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
بىز فىجۇلى ۋە مەسئۇت ئۆزىلگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
بۇلارنىڭ كۈچلۈكلەرنىڭ يېنىدا ئەمەس بەلكى كىم ھەقلىق بولسا شۇنىڭ يېنىدا تۇرۇشتەك جەسۇر روھى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مەنبە:

https://www.ntvspor.net/futbol/feghouli-den-uygur-turklerine-destek-5eea867d608ec51214e5d596