ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقنى ئەيىبلىدى

سەدەف

2020-6-26

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باش لىدىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى.
6-ئاينىڭ 24-كۈنى Fox تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىنغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ باش لىدىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ «بۇ كۈنلەردە مىنىستىرلار ياكى جۇمھۇر باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن مىللىي ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا بۇلارنىڭ يەنە نېمە مەقسىتى باردۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان بولدۇم» دېدى.
FOX تېلېۋىزىيەسىدە ئىسمائىل كۈچۈككايا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن داۋۇت ئوغلى «ئۇيغۇر توغرىسىدا نېمىشقا ئىپادە بىلدۈرۈلمەيدۇ؟ مىللىي دېگەن سۆزنى پەقەتلا ئۆز ئىچىدىكى تەشۋىقاتلاردا ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىدۇ.» دېدى.