تايلاند تۈرمەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ياردەم كۈتمەكتە

سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-6-25

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، باشقا بىر دۆلەتتىن پاناھلىق كۈتكەن ئۇيغۇرلارنى يېڭى بىر زۇلۇم كۈتۈۋالدى.
تۈركىيەدە چىقىدىغان مىللىي گېزىتتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم يۈرەكلەرنى پارچىلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، زۇلۇمدىن قېچىش ئۈچۈن يولغا چىققان مەزلۇملار باشقا بىر زۇلۇمنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشتى.
قاتىل خىتاي كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىل قوبۇل قىلالماس زۇلۇملىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقلارغا تەۋەككۈل قىلىپ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەرلەرگە ئاتلاندى.
زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنى خىيال قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن تايلاند، مالايسىيا، كامبودژا ۋە ۋە ۋىيېتناملاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان كۆپ قىسملارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بىر قىسمىنىڭ بۇ جايلاردا يېڭى زۇلۇملارغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
زالىم خىتايدىن قېچىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زولمىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى يولدا ھاياتىدىن ئايرىلسا، يەنە بەزىلىرى پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلماقتا. مەقسەتكە كەلسەك كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى 50 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئالتە يىلدىن بىرى تايلاند تۈرمەسىدە ئىكەنلىكى. ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قارار ۋە دەلىللەش سىياسىتى بويىچە ئالتە يىلدىن بېرى، ناچار شارائىتلاردا تايلاند تۈرمەسىدە ئېنىقسىز ۋە ھوقۇقسىز بىر شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.