ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتىكى يوشۇرۇن ھەمراھى : ئامېرىكا

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىليارۇق

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2020-6-23

ئاپتورى: شان روبېرتس

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دوكتور شان روبېرتس ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا مەسلىلەر مەكتىپى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى، ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى. دوكتور روبېرتس ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان چەتئەللىك ئاكادېمىكلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ”ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش“ ناملىق كىتابى بۇ يىل سېنتەبىردە نەشر قىلىنماقچى.

ترامپنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە  تۇتقۇن قىلىشنى ئىلھاملاندۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىكچىلىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن باشلانغان.

ئالدىنقى ھەپتە ، پرېزىدېنت ترامپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىغا ئىمزا قويدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى بولۇپ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەركەز قىلغان تۇنجى قانۇن چىقىرىشىدۇر. دەل شۇ كۈنى، سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئۆز كىتابىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىدە ترامپنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭغا، تەخمىنەن  2017-يىلى تۇنجى قېتىم ۋە 2019-يىلى قايتا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىشى سىياسىتىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گەرچە زىددىيەتلىك گەپ قىلىش ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ زىددىيەتلىك بايانلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى پەسەيتىشتە ئوينىغان رولىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇرلار تىبەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ھەر ئىككى خەلقنى دائىم باستۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشتىكى بۇ باھانە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە دۇنياۋى «تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ تەڭلىمىنى ئۆزگەرتتى. خىتاي 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشتىكى باھانىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تېرورلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

دەسلەپتە ، بۇش ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى بۇخىل  چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغان. ئەمما 2002-يىلى يازدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تېرورىستلارنى ئايرىپ چىقىش تىزىملىكىدە بولغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر تۈركۈم قوراللىقلارنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىگەللىگەندە، ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2002-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا يەنە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم «بىرلەشتۈرۈلگەن تىزىملىكى» گە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى كىرگۈزۈشىگە ياردەم بەردى.

ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن بولغان قوراللىقلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاكتىپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز، «تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش» قا مۇناسىۋەتسىز، ئامېرىكىغا، ھەتتا خىتايغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيتتى. ئامېرىكا بۇ مەزگىلدە گۇۋاننتانامو قولتۇقىدا 22 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈچىنچى دۆلەتكە قويۇپ بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جىھادچى تەشكىلاتلارغا سادىق ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك بىر تەشكىلات دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ رەھبىرى 2003-يىلى پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى يوقىتىلغان. .ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام تېرورلۇق تەھدىتى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر 2008-يىلى ۋەزىرىستاندىكى يېڭى ئۇيغۇرلار توپىغا يۆتكەلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن بىر دەپ قارالغان بۇ تەشكىلات، ئۆزىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (TIP) دەپ ئاتىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن پاكىستاندىكى جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاچقان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى.

گەرچە تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى 2013-يىلدىن كېيىن سۈرىيىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خىتايدىكى زۇلۇمدىن قاچقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ گۇرۇپپىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئۆزىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت يوق. تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەھدىت سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تور سىنلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى. بۇ سىنلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىنى ئاقلاشقا خىزمەت قىلدى.

ئەمەلىيەتتە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدىغان بۇ خىل تەھدىتلەر خىتاينىڭ  شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) رايونىدا، بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى يېزا ۋە شەھەرلەردە ھەربىي-ساقچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاقلاش ئۈچۈن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،بۇ ئىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان. 2009-يىلى، رايوندىكى جىددىيلىك ئۈرۈمچىدىكى مىللىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ”ساداقەتسىزلىكى“ گە ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن نەتىجىلەنگەن.

بۇ ۋەزىيەت كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باستۇرۇشتىن قېچىشى ۋە 2013-ۋە 2014-يىللىرى خىتاي دۆلىتىگە زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى بۇ ۋەقەلەر قارىماققا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشايدۇھەمدە سىياسىي جەھەتتىن كۈشكۈرتۈلگەن، ئالدىن پىلانلانغان ۋە ئاددىي پۇخرالارنىشان قىلىنغاندەك كۆرۈنىدۇ. تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ، تىنچلىق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش چاقىرىقىغا زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئەزەلدىن تەسەۋۋۇر قىلىپ كەلگەن دۈشمەن بولۇشقا ئېلىپ باردى.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىملىكىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقىدەك قالايمىقانچىلىق ۋاقتىدا مەنبەلىرى تېپىلىدۇ. 2014-يىلى، خىتاي «تېرورىزىمغا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نى ئېلان قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش تورى قۇرۇشقا، سىياسىي كاللا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «قايتا تەربىيىلەش» سىنىپلىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئالامىتى دەپ جىنايەت بېكىتتى. 2017-يىلى ، بۇ ئۇرۇش ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق تولۇق ھۇجۇمغا ئۆتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنى بىرلىككە كەلگەن ۋە كۆپ مەنبەلىك خىتاي دۆلىتىگە تولۇق سىڭدۈرۈشىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇ ئەزەلدىن رېئال ياكى تەسەۋۋۇر قىلىنغان تېرورلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەس. ئەمما ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى «تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش» تىكى ئىسلام تېرورلۇقىدىن ئىبارەت ھېكايە ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى قولايلىق باھانىسى بولۇپ كەلدى.

بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، بولتوننىڭ ترامپنىڭ بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىنى خاتىرجەم تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاشكارىلىغانلىرى راست بولسا، ھېچكىم ھەيران قالماسلىقى كېرەك. تىرامپ 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ بارلىق مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ئالدىراش قىلغان ئىسلام تېرورلۇقى چىرمىۋالغان سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدىنلا ئەمەس،  ئۇ يەنە دائىم ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە مۇستەبىتلەر بىلەن بىر سەپتە. دەرۋەقە، نېمىشقا بەزىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ترامپنىڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىغا قوشۇلمىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

بولتوننىڭ بۇلارنى ئاشكارىلىشىدىكى ھەقىقىي پاجىئە ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىغا پايدىسىزلىقىدۇر. بۇ قانۇن ئەزەلدىن پارلامېنتتا ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك تەشەببۇسى بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. بۇ قانۇن كۆپ جەھەتلەردىن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان چېكىنىشكە باشلىغان خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىسىنى قايتىدىن تەكىتلەشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

مەنبە: گاردىيان گىزىتى

https://www.theguardian.com/commentisfree/2020/jun/24/china-suppressing-muslim-uighurs-us-trump-9-11