«بۇخارى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» نىڭ ئۇيغۇرچە شەرھىسى نەشر قىلىندى!

تارىم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-06-10

مۇسۇلمان دۇنياسىدا، ھەدىس ساھەسىدە ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلارنىڭ بىرى بولغان «بۇخارى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» نىڭ  يەتتە توملۇق شەرھىسىنى ئەۋلات گۇرۇپپىسى نەشىر قىلدى. بۇ ئەسەرنى پاكىستانلىق مەشھۇر ھەدىس ئالىمى مۇھەممەد سەرۋەر «سەھىھۇلبۇخارى» غا يىزىلغان ئاتمىشقا يىقىن شەرھى ۋە ھاشىيەدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىنى بۇ ئۇستازدا بىۋاستە دەرس ئوقۇپ ئىجازەت ئالغان «ساھىبۇلفۇنۇن» تەخەللۇسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ئۇزۇن يىل ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقارغان.

بۇ ئەسەر دىنىي ئۇستازلارنىڭ، مەدرىسە ۋە دىنىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇخارى شەرىف ۋە ھەدىس ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەر ئۇلارغا ھەدىس ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشتىكى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاش ئۇسۇل- مېتودنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«بۇخارى ھەدىسلەر توپلىمى» نى ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ سۇلتانى ئىمام بۇخارى ھىجىرىيە 232-يىلى تاماملىغان، 600 مىڭ ھەدىس ئارىسىدىن 7563 سەھىھ ھەدىسنى تاللاپ، بابلارغا بۆلۈپ خاتىرەلەپ ھەدىس توپلىمى تۈزىگەن. مەزكۇر  كىتابنىڭ تەرجىمەسىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان خىزمەت بولۇپ، ئۇنىڭ شەرھىسىنى يالغۇز تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ كاتتا خىزمەتتۇر!

كىتابنىڭ تۈركىيە ئىچى باھاسى 250 لىرا، غەرب ئەللىرىگە پوچتا ھەققى بىلەن 60 دوللار ياكى 60 ياۋرو.

مەزكۇر يەتتە توملۇق سەھىھۇلبۇخارى شەرھىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېكراندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

090-553-070-73-50+