گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار

ئەردەم

2020-6-22

گوللاندىيە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەت تىرىتورىيەسى تەخمىنەن 41 مىڭ 865 كىۋادىرات كىلومىتىر، نوپوسى  17 يىرىم مىلىيون ئەتراپىدا ھىسابلىنىدۇ.  گوللاندىيەنىڭ كىلىماتى نەم، يىللىق يامغۇرلۇق كۈن 170 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر كۆپ، قار ئاز ياغىدۇ. يازدا كۈندۈز ۋاقتى 18 سائەتكە قەدەر، قىشتا 8 سائەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەتىيازدا سالقىن، يازدا نەم ئېسسىق، قىشتا شىۋىرغانلىق سوغۇق بولىدۇ.

گوللاندىيەنىڭ يەنە بىر ئىسمى نىدىرلاند بولۇپ، «تۆۋەن يەر» دىگەن مەنىدە، چۈنكى گوللاندىيەنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تۈزلەڭلىك، دىڭىز يۈزىدىن ئانچە ئىگىز ئەمەس ياكى تۆۋەن، ئەڭ ئىگىز جايلىرىمۇ 320 مىتىردىن ئاشمايدۇ. ئۇندىن باشقا، بۈگۈنكى گوللاندىيە زىمىنىنىڭ %17 قىسمى 16- ئەسىردىن بىرى  تىرىشچان گوللاندىيەلىكلەر سازلىق، كۆل ۋە دىڭىز بويلىرىنى تىندۇرۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. شۇڭا گوللاندىيەلىكلەر سۇ ئىنشائاتى، توسما قۇرۇلۇشى تىخنىكىلىرىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. گوللاندىيە  يەنە غەربى ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان، ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تىخنىكا، يىزا ئىگىلىك، دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى.

تۇنجى تۈركۈمدىكى ئ‍ۇيغۇرلار گوللاندىيەگە 1995- يىللىرى كەلگەن بولۇپ،  كىيىنچە 2001- يىلى، 2009-يىلى، 2017- يىللىرى كۆپلەپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر گوللاندىيەدە 3000~2500 گە قەدەر ئۇيغۇرلار بارلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ، بۇ سان ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كۆپ ھىسابلىنىدۇ. گوللاندىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاقتۇرما بىلەت ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ،  ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن كەلگەنلەر ئاز. تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى، ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مەركىزى، ئۇيغۇر رادىئو-تىلۋىزىيەسى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىقلار بار(مەنبە: kvk.nl ). 2019- يىلى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋى بىلەن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى قۇرۇلغان بولۇپ،  ھۆكۈمەت بىلەن كۈچلۈك ئالاقىنى ساقلاپ،  ۋەتىنىمىزدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.

 مەزكۇر تەشكىلاتلار ئىچىدە 2009- يىلى 9- ئايدا قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 2019- يىلى 6- ئايدا گوللاندىيەدنىڭ زەيىست شەھرى مەركىزىدىن 650 كىۋادىرات مىتىرلىق، قوش قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى سېتىۋالغان بولۇپ، نۆۋەتتە زىننەتلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا. مائارىپ جەمىيىتى ھەر يىلى ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسلىرى تەشكىللەپ، بالىلارغا ئانا تىل، ۋەتەن، تارىخ، مەدەنىيەت، ئىتىقاد مىراسلىرىمىزنى يەتكۈزۈشكە ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. مائارىپ جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ياكى ساھىپخانلىق قىلغان تۈرلۈك لىكسىيە، يىمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ۋە رامىزانلىق پائالىيەتلەر گوللاندىيە جامائ‍ىتىنى جەملەش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. مائارىپ جەمىيىتىدە بىر يىل داۋاملاشقان ئىنگىلىز تىلى، كومپىيوتىر دەرسى كەلگۈسىدە كۆپلىگەن پىروگراممىرلارنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.  مائارىپ جەمىيىتىدىن باشقا تەشكىلات ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىمۇ بىر نەچچە شەھەر- ۋىلايەتلەردە شەنبە كۈنلۈك ئانا تىل كۇرسلىرى ئارقىلىق ياش غۇنچىلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت بۇلاقلىرىمىز بىلەن سۇغارماقتا.

 ئىلشات ئىسلام ۋە ئابدۇسالام غىنىلار يىتەكچىلىكىدىكى «ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى» بالىلار ئۈچۈن تەشكىللەپ كىلىۋاتقان « ئەھمىيەتلىك بىر كۈن» پائالىيىتى يىلدا ئىككى قىتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرلىكتە ئويناپ، دوستلۇشۇپ كۆڭۈللىرى يايرايدىغان، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئ‍ۇيغۇرلۇقىغا يۈرەكلىرى قانمايدىغان بايرام كۈنى بولۇپ كەلمەكتە. توققۇز دۆلەتتىكى پۇتبۇلچىلاردىن تەشكىللەنگەن تۇنجى «شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى»نىڭ  باش شىتابى « شەرقىي تۈركىستان پۇتبۇل جەمىيىتى» ھەم مۇشۇ ياشلاردىن ئىلشات ئىسلام  قاتارلىقلار تەرىپىدىن  گوللاندىيەدە تىزىمغا ئالدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 

  ئۇيغۇرلار گوللاندىيەدە ئاساسلىق ئىگىلىك تىكلىگەن كەسىپلەردىن ئاشخانا- رىستۇران، تىرانسپورت، تاكسىچىلىق،  ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇر دوختۇرلار ئاچقان داۋالاش مەركىزىدىن سىخىدامدا بىرى، ئۇترىخىتتا بىرى بار. ئۇيغۇرلار قۇرغان مىللىيچە ئاشخانا – رىستۇرانلاردىن بولسا نۆۋەتتە ئۈرۈمچى رىستۇرانى(روتتىردام)، كانۋاي رىستۇرانى ۋە تارىم رىستۇرانى(دەنھاخ)،  دولان رىستۇرانى ۋە يىپەك يولى رىستۇرانى (ئامىستىردام) قاتارلىقلار بار. گوللاندىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر رىستۇرانى «ئۈرۈمچى رىستۇرانى» بولۇپ،  زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى 2015- يىلى روتتىردام شەھرىدە ئاچقان، ھازىرغىچە تىجارىتى ياخشى. مىللىي تائاملاردىن سىرت، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مۇستەقىل ئاچقان ياپونچە سۇشىخانىلاردىن ھازىرچە توققۇزى بولۇشى مۇمكىن. ئالكمار شەھرىدىكى «موتتو سۇشى»  داڭقى ۋە چوڭلۇقى بىلەن بۇ قاتاردا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالكماردا ئ‍ولتۇرۇشلۇق ئەھەتجان 2019-يىلى 9- ئايدىن باشلاپ «موتتو سۇشى رىستۇرانى»نى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغان. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە نۆۋەتتە 30 غا يىقىن ئادەم ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر سۇشى ئۇستاملىرى بىلەن زەنجىرسىمان دۇكان قۇرۇش پىلانى بار. ئۇيغۇر تىرانسىپورت شىركەتلىرىدىن 2013- يىلى ئىلشات ئىسلام قۇرغان «ئۇيغۇر تىرانسپورت»، ئابدۇشكۈر قۇرغان «كارۋان تىرانسىپورت» قاتارلىقلار بار. تاكسىچىلىقتا يەككە شەخىسلەردىن باشقا، ئالىمجان قۇرغان «ئ‍ۇيغۇر تاكسى» نامىدا بىر شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇلغان.  بۇ جەرياندا ئىش باشلاپ توختاپ قالغان باشقا يەككە ئىگىلىكلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس، نۆۋەتتە مەۋجۇتلىرى ئاساسلىق بايان قىلىندى.

گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى يەنە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشماقتا. بۇلاردىن ئابدۇسالام نىياز باشچىلىقىدىكى «ئۇيغۇر رادىئو-تىلۋىزىيەسى» ئىلگىرىكى نىدا رادىئوسىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل ئىسىل پىروگراممىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئوزۇق بىرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر رادىئو- تىلۋىزىيەسى 2019- يىلى 3- ئايدا ئورۇنلاشتۇرغان نورۇز بايرىمىلىق ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مىھمانلارنىڭ قاتنىشىشى، ئ‍الاھىدە تەسىرلىك سەنئەت نۇمۇرلىرى بىلەن زور ئۇتۇققا ئىرىشتى. ھۈسەيىن تەجەللىي رىياسەتچىلىكىدىكى « قىرىنداشلىق سىتودىيەسى»، ئەخمەتجان كاشغەرى رىياسەتچىلىكىدىكى « پىدائىيلار ئىكرانى» دىئاسپورادىكى خەلقىمىزگە ھەپتىلىك جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاكادىمىكلار، تەتقىقاتچىلار، ئاكتىۋىسىتلەر، تەشكىلات ۋەكىللىرى، چەتئەللىك دوستلارنى ئىكران سەھنىسىگە تەكلىپ قىلىپ، نەقمەيدان سۆھبىتى ئارقىلىق كۆرەش يولىمىزدىكى ھەر ساھە ئاۋانگارتلىرىنى خەلقىمىز بىلەن يۈزلەشتۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇلاردىن باشقا،  گوللاندىيەدىكى ئابدۇغىنى سابىت ئەپەندى بىلەن ئاۋىستىرالىيەدىن ئارسلان ھىدايەت رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستانغا سۆزلەڭ» تور قانىلى ئىنگىلىزچە تاراتقۇلاردا نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات سۇپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرى گوللاندىيە ئىچى- سىرتىدىكى چەتئەللىك دوستلارنى مەخسۇس سەھىپىسىدە زىيارەت قىلىپ،  چەتئەللىك دوستلارغا ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا ئۆزگىچە يول تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئامىستىردام مەيدانىدا 2018- يىلى 6- ئايدىن بىرى يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئابدۇرىھىم غىنى گوللاندىيە خەلقى ۋە چەتئەللىكلەرگە دەۋايىمىزنى ئاڭلىتىشتا يەنە بىر نامايەندە شەخىس. ئابدۇرىھىم غىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى باشلىغاندىن بىرى ئىجابىي تەسىر قوزغاپ، باشقا دۆلەتلەردىمۇ نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك دوستلارنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئۈلگە تىكلىدى. ئۇ ئۆز ئ‍ۆيىدىن 50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئامىستىردام دام مەيدانىدا نامايىش قىلىشنى قىشمۇ-ياز دىمەي ئىزچىل دەۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۆزى يالغۇز بىر نەچچە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، پۇرسەت بولسىلا ھەرقايسى چوڭ- كىچىك پائالىيەتلەردە تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن قاتنىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى ھارماي-تالماي ئاڭلاتماقتا.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم بولسا 2019- يىلى 11- ئايدا ئاشكارىلانغان 24 بەتلىك خىتاي مەخپى ھۆججەتلىرىنى ھاياتىغا تەھدىت كەلگىنىگە قارىماستىن ئاشكارىلىغان ئايال بولۇپ، مەزكۇر مەخپى ھۆججەتلەر ۋەتىنىمىزدە سىلىنغان يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ قانداق مەخپى ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ پولات ئىسپاتى، خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان.

گوللاندىيەدىكى ۋىدىيوگىرافىكچى تاھىرجان ئەنۋەر  2020- يىلى فىۋرالدا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى»نى تەمىنلىگۈچى بولۇپ، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» قاراقاش ناھىيەسى بوستان يىزىسىدىكى ئاھالىلەردىن قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى،  ۋاقتى، كېسىلىشتىكى تۇترۇقسىز سەۋەبلەرگە ئائىت مۇھىم مەلۇماتلار  ئورۇن ئالغان. بۇ ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بىرىشتە زور رول ئوينىغان.  تاھىرجان ئەر-ئايال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «ئۇيغۇر ئاۋازى Uyghur voice» تور قانىلىدا ئۆزلىرى سىنغا ئالغان، ئىشلىگەن ۋىدىيولارنى تارقىتىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ كۆرەش يولىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرىنى خاتىرەلەپ كەلمەكتە. ئۇلار ئىككى يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن ۋىدىيولىرىلا 185 پارچە بولۇپ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر سىن خاتىرەسى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان نادىر ماقالىلەرنى  ئاۋازلىق ئوقۇپ، ۋىدىيو كىرىشتۈرۈپ، تارىخىمىزنى جانلىق شەكىلدە يورۇتۇپ بەرمەكتە.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۆلەت كىچىك، ئارىلىق يىقىن، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاكتىپ ئاڭلىتىش، دەۋادا يىڭىلىق يارىتىش، مىللىي كىملىكىنى ساقلاش، ئىگىلىك يارىتىش جەھەتلەردە ئىجابىي تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە.  يازاي دىسە تىللاردا داستان بولغدەك ھىكايىلەر  نۇرغۇن، قەلەمگە ئالغىنىمىز پەقەت ئۇلاردىن ئۆزگىچە ئۈلگە بولغانلىرى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەمىمىي تەشەككۈر ۋە گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز! گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلادىن تېخىمۇ كۆپ ئاۋانگارتلار، ئىختىساسلىقلار، ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئوت يۈرەك پىداكارلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز!

2020-06-22

«ئۇيغۇرلار» ناملىق تور ژورنىلى ئۈچۈن تەييارلاندى.

«ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» چىقىرىدىغان «ئۇيغۇرلار» تور جۇرنىلىنىڭ 10-سانى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. بولسا ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلار پايدىلانغاندىن سىرت، ئۇنى يەنە كەڭ تارقىتىپ قويغان بولساڭلار. ئۇنى چۈشۈرىۋېلىش ئۈچۈن رەسىمنى چەكمەي، ماۋۇ ئۇلىنىشىنى چېكىڭلار:

https://uyghursfoundation.org/img/The%20Uyghurs%2010%20.pdf (كىچىك)
https://uyghursfoundation.org/img/The%20Uyghurs%2010(HD).pdf (چوڭ)

بۇ جۇرنالنىڭ ھەممە سانلىرى بۇ يەردە:
https://uyghursfoundation.org/kitaplar.html