تۈركىيەدىكى كارخانىچىلار خىتاي ماللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى باشلىغان

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

سەدەف

2020-6-5

تۈركىيەدە بىر قىسىم ئوتتۇرا كىچىك شىركەت، كارخانىلار خىتايدىن مال كىرگۈزۈشنى توختىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، نۆۋەتكە بۇنىڭغا ئەگەشكەن كارخانىلار 50 كە ۋە بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 1مىليۇن 514 مىڭ ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ پائالىيەتنى دېڭىزلىدىكى denkrom يىمەكلىكىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچقىرىش، سېتىش ئىمپورت ئېكسپورت شىركىتنىڭ لىدىرى، ئىلگىرى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ۋە ئالپەرەن ئوجاكلىردا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۈتىگەن، ھازىر مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قادىر ئاكىنجى تەرىپىدىن 2019_يىلى 12_ئايدا باشلانغان بۇلۇپ، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە بۇ پائالىيەتكە ئەگەشكەن كارخانا، شىركەتلەر كۈندىن كۈنگە كۈپەيگەن. خىتاي ماللىرىنى سىتىشنى ۋە خىتايدىن مال كىرگۈزۈشنى توختاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە دېڭىزلى، ئىستانبۇل، كوجا ئەلى، ساكارىيا، بۇرسا ۋە ئانتالىيادىكى بىرقىسىم رەخ، پلاستىك ماتىريال، ئائىلە بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، تىكىش ماشىنىلىرى ۋە پۇلات تۈمۈر بۇيۇملىرى قاتارلىق تۈرلەردە تىجارەت قىلىدىغان شىركەت كارخانىلار بار بۇلۇپ، نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە ۋە ھەرساھە تىجارەت بازىرىغا كېڭەيمەكتە.


بۇ ھەقتە قادىر ئاكىنجى مۇنداق دەيدۇ. “ شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قانىغان يارىمىز. بىز يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۈلۈپ كەلدۇق. ئەپسۇس بىزنىڭ ئېلىپ بارغان نامايىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قارشىلىق ھەركەتلىرمىزدە كۆرنەرلىك نەتىجە بولمىدى. ھازىرقى دۇنيا ئىقتىساد ئۇچقاندەك راۋاجلىنۋاتقان، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىقتىساتقا باغلانغان دۇنيادۇر. شۇنداق ئىكەن بىزمۇ دەۋا يۆلىنىشىمىزنى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. گەرچە بۇ پائالىيەت ئىقتىسادى جەھەتتىن بىزگە مەلۇم زىيانلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، لىكىن بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى قىلىشقا مەجبۇرمىز ۋە بىز بۇ پائالىيەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ شىركەت، كارخانىلارنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ بۇ ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن سودا قىلۋاتقان خىتاي تىجارەتچىلىرنى قىستاش ئارقلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش. ئىشىنىمىزكى پات يېقىندا تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار بىز بىلەن بىر سەپتە بۇلىدۇ. ”
ئاخىردا ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقنى نامىدىن قادىر ئاكىنجى باشلىق بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق كارخانىچىلارغا رەھمىتىمىزنى ۋە سالىمىمىزنى يوللايمىز ۋە پات پۇرسەتتە پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز