خىتاي سەئۇدىيلىق بايلارغا ھالال ئورگان توپلاش ئۈچۈن مۇسۇلمان مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرمەكتە

CCN خەۋەر تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 26.يانۋار

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020.يىلى 4.ئىيۇن

خىتاي، سەئۇدىيلىق بايلارغا ھالال ئورگان توپلاش ئۈچۈن مۇسۇلمان مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.

يېڭى بىر پارچە گۇۋاھلىق دوكلاتى خىتايدىكى مۇسۇلمان مەھبۇسلارنىڭ سەئۇدىيلىق بايلارغا ھالال ئورگان تەمىنلەش ئۈچۈن تەلەپكە ئاساسەن بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. 

ئاپتورى: Zak Doffman @ukzak

* بۇ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ”چەكتىن ئاشقان قەبىھلىك” دەپ تەسۋىرلەنگەن بىر مىليارد دوللارلىق مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش تۈرىدىكى ئۆلۈم تىجارىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

* شىنجاڭ ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دوۋزىقىغا ئايلاندى. 

ئورگان سۇغۇرۇشلار تىرىك قۇربانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلدى- ئورگانلار ئاللىبۇرۇن بۇيرۇتۇلغان ھەم ئالدىن پۇل تۆلەنگەن ئىدى. ئالاقىدار توختاملار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن كېيىن ، خېرىدار سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى ئۆيىدىن خىتايدىكى بىر دوختۇرخانىغا كەلدى. ئۇ يەردە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدى ۋە سودا تاماملاندى.

بىر  تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەمما نەپەس ئېلىۋاتقان بىر ياشتىن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئورگان ئېلىنغانلىقىنى تەسۋىرلىدى. بۇ ياش ئەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدىيلىق خېرىدارنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئورگىنى ھالال بولۇپ، ھەم دىنىي جەھەتتىن مۇناسىپ ھەم قىممەت باھاغا لايىق ئىدى.

خىتاي مەجبۇرى ئورگان كۆچۈرۈش سانائىتىنىڭ دەھشتىگە خوش كەپسىز- خىتاينىڭ ئۆلۈم تىجارىتىنىڭ سوممىسى بىر مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

شەك- شۈبھىسىز گۇناھكار 

بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدا ، خىتاينىڭ مەھبۇسلاردىن مەجبۇرىي ئورگان توپلاش تىجارىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈۋاتقان بىر مەھكىمە ئاخىرقى ھۆكمىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ جىنايىتىنىڭ «ئاللىبۇرۇن گۇمان قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى»گە ھۆكۈم قىلىندى. 

مەھكىمىنىڭ بىردەك ھۆكۈم قىلىشىچە، ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن مەجبۇرى ئورگان توپلاش قىلمىشى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان ۋە ناھايىتى كۆپ ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. مەھكىمىنىڭ بايقىشىچە يەنە، دىنىي ئازسانلىق مىللەتلەر مەجبۇرىي ئورگان ئىئانىلىرى ئۈچۈن نىشان قىلىنغان. فالۇنگۇڭ مۇخلىسلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ  زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ئۇلار ۋىجدان مەھبۇسلىرى بولۇپ ھىچقانداق  جىنايەت سادىر قىلمىغان. 

 ھازىر بىر گۇۋاھچى، بۇ مۇسۇلمان مەھبۇسلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەلەپكە ئاساسەن قەتلە قىلىنغانلىقىغا دائىر ئاۋالقى دەۋانى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلدى. 

ئۇلارنىڭ ئەزالىرى “ھالال ئورگان“ تەلەپ قىلغان سەئۇدىيلىق بايلارغا سېتىلدى. گۇۋاھچى، ئۆتكەن ھەپتە بىر تاراتقۇ زىيارىتىدە مەجبۇرىي ئورگان سۇغۇرۇشقا گۇۋاھ بولغانلىقىنى ئېيتقان بىر خىتاي ئايال ئىدى.  باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدەك ئورگان توپلاشنىڭ  تىرىك ئادەملەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 

بۇ خىل ئورگان توپلاشلارغا قاتناشقانلىقىنى تەستىقلىغان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئەنۋەر توختى’دۇر. بىر يىل بۇرۇن، سەئۇدى خېرىدارلىرىنىڭ پەقەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئورگانلارنىڭ دىنىي جەھەتتتىن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ “ھالال ئورگانلىرى”نى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ ھەقىقىي ئىسلام تەبىرى ئەمەس، ئەمما تىجارەتنى توختىتالمىدى. 

ئەنۋەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خېرىدارلار ئۆيىدىلا ئورگان بۇيرۇتۇش ۋە پۇل تۆلەش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدىكەن، پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتا تىرىك ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن يولغا چىقىدىكەن. 

ھەقىقەتنى نىقابلاش 

2014.يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەتتە مەجبۇرىي ئورگان سۇغۇرۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جار سالغانىدى. ھەقىقەت دەل ئەكىسچە. مۇستەقىل مەھكىمىنىڭ گۇۋاھچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈشىدىن ئېرىشكەن خۇلاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  خىتايدا ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇۋاتقان  كۆپ ساندىكى ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرى خىتاينىڭ رەزىل جىنايىتىنى ئىسپاتلايدۇ. دوكلاتلاردا بۇ خىل مەشغۇلاتلارنىڭ يىللىق قېتىم سانى 60000 دىن 100000 غىچە دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. 

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغاندا ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۈكۈت قىلماقتا.

ئەسلى مەنبە:

https://www.ccn.com/welcome-to-the-death-trade-china-kills-muslim-prisoners-to-harvest-halal-organs-for-rich-saudis/