لاگىرلاردىن قۇتۇلۇپ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار 300 مىڭ ئەتراپىدا!

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تارىم

2020-5-21

گىرمانىيە ئاۋازى خىتايچە قانىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزىي ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كەم دىگەندە 300 مىڭ ئادەم 2020- يىلىدىن بۇيان « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، ياقا يۇرت ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھاشارغا تۇتۇلغان.

خىتاي مەركىزىي ئىستانسىسى 13- ماي ئىلان قىلغان مەزكۇر خەۋەردە، 1-ئاينىڭ 14- كۈنى مەركەز ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. 3-ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولغان 15 كۈن ئىچىدىلا جەنۇپتىكى نامرات يىزىلاردىن 51 مىڭ ئادەمنى 30 نۆۋەت پويىز بىلەن شەرق ۋە شىمالدىكى ئوبلاستلارغا يۆتكىگەن. مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغانلارنىڭ قەيەردە، قانداق خىزمەت قىلىشنى تاللاش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، خىتايچە بىلىدىغانلار ۋە كەسپىي تىخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ياخشى بولىدىكەن.

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/%E4%BB%8E%E5%86%8D%E6%95%99%E8%82%B2%E8%90%A5%E5%88%B0%E5%BC%BA%E8%BF%AB%E5%8A%B3%E5%8A%A8-%E8%87%B3%E5%B0%9129%E4%B8%87%E7%BB%B4%E6%97%8F%E4%BA%BA%E5%8F%97%E7%89%B5%E8%BF%9E/a-53510465