خىتاينىڭ تېرورلۇق سىياسىتى –مەجبۇرىي كۆچۈرۈش

 ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ھەبىبۇللا ئىزچى               

           2020-5-20

                                                        

          يېقىنقى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە بەزى رايونلىرىدىكى مەسچىت ۋە ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋەيران قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر تارتقان سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ، گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن كونا سۈرەت ۋە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تارىخى يادىكارلىقلىرىدىن نۇرغۇن مەسچىتلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايولىرىنى چېقىۋەتكەن. خىتايلار يەنە شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىنى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ يەردىكى  مەجبۇرى جەنۇپقا قايتۇرۇۋېتكەن.

خىتاي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى، غەربىي قىسمىنى نۇپۇس جەھەتتىن ئۆزگەرتىش قارا نىيىتى ۋە بۇنىڭغا دائىر سىياسەتلىرى داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونلارغا  كۆچۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىڭ تۈرلۈك  سۇيىقەست سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. خىتاي نوپۇس يۆتكەشتە ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ئىمكانسىز تەلەپلەرنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ ، شەرقى تۈركىستاننىڭ  جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار  ئۇرۇمچى ، قاراماي ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىغا ھەر خىل يوللار بىلەن كۆچۈپ چىقىپ  ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  بۇ رايونلارنى ئۇيغۇرسىز رايون قىلىشقا ئۇرۇنۇشىغا  قارشى بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلىماقتا ئىدى.

     ئۇيغۇرلارنى جەنۇپتىن  شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلارغا كۆچۈشىگە سەۋەپ بولىدىغان  يەنە بىر ئازابلىق پاكىت ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  ئۇلارغا بېرىلگەن مەجبۇرىي دېھقانچىلىق قەرزىنى تۆلىيەلمىگەچكە يەرلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنغان ياكى ھەددىدىن ئاشقان ئىرىقچى سىياسىتىدىن قاچقان  قەشقەر ، خوتەن ۋە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى بىراز بولسىمۇ مۇھىت ۋە سىياسەت پەرقى بولغان شىمالغا كۆچۈپ كېلىپ، ھاياتتا قېلىش ۋە  تېخمۇ ياخشى بىر مۇھىتقا ئېرىشىش ئۈمىدىدە يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى كەلگەن يەرلىرىنى سودا قىلىپ بازار قۇرۇپ كەلگەن يەرلىرىنى ئاۋات قىلىپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز  ۋەتىنى ئىچىدە ئوڭدىن سولغا سۈرۈنۈپ ھاياتتا قېلىش مۇجادىلىسىنى قىلىۋاتقان خەلقتۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىنى ۋە بىر يەرگە جەم بولۇشىنى خالىمايدىغان ۋە تەھدىت ھىساپلايدىغان خىتاي ھۈكۈمىتى، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى تۆمۈر سىم ۋە ئېگىز تاملار بىلەن توساپ رېشاتكا رايونىغا  ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى رايونلىرىدا ئۇيغۇر نۇپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ، قاتتىق قوللۇق بىلەن نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا  شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ رايونلىرىدا   ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئاساس قىلغان شوۋىنىزىم سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ  مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلدى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى.

   بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قانداق جىنايەتلەرنى سادىر  قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ 2017- يىلدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە ۋەيران قىلغان تارىخى مەسچىت ۋە مەھەللىلەرنىڭ سانى 13 تىن ئاشىدۇ. ۋەيران قىلىنغان بۇ مەسچىتلەرنىڭ ئىسمى دەريا بويى مەسچىتى ، بەيتۇللا مەسچىتى ، يوپۇرغا مەسچىتى ۋە پويىز ئىستانسىسى مەسچىتى قاتارلىقلار.

ئۇرۇمچىدىلا  ۋەيران قىلىنغان ئۆي 100 مىڭدىن، ئۈرۈمچىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن نوپۇس  300،000  دىن ئاشىدۇ.

           پەقەت يۇقارقى  سانلىق مەلۇماتتىلا  44210  ئۆي ياكى تۇرالغۇ ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ، 20  دىن ئارتۇق مەسچىت ۋە تارىخى يادىكارلىقلار ۋەيران قىلىنغان. ئۈرۈمچىدە 300  مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن  ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كونكرېت پاكىت. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل مەجبۇرى تارقاقلاشتۇتۇرۇش ياكى كۆچۈرۈش مەسىلىسى پەقەت يېقىنقى زامانكى مەسىلە ئەمەس ، 1994-يىلدىكى ئارقا بۇلاق( خېيجاشەن) رايونى ، 1996- يىلدىكى قارا سۇ جىلغىسى ( ئالتۇن بۇلاق) رايونى ، 2006-يىلدىن 2014-يىلغىچە يامالىق رايونى، ۋە 2014-يىلدىن كېيىن تۆشۈكتام رايونى ئۇيغۇر مەھەللىسى قاتارلىقلار بىر يۈرۈش ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىمۇ مەجبۇرى كۆچۈرۈلدى.  بۇ جايلاردىكى ئۆيلەرنى ۋەيران قىلغاندىن كىيىن ، يۇرتىغا قايتسا يول خىراجىتىنى تۆلەش ئارقىلىق بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇردى.

بۇنىڭ ئىچىدە  ئەڭ ئازابلىق چېقىش-كۆچۈرۈش ۋەقەسى قاراسۇ جىلغىسىدا  يۈز بەرگەن بولۇپ، بەزەن ئۆيلەردە  ئۆي ئىگىلىرى قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆيىدىن چىقمىغاندا ، يۈزلەرچە كىشى ئۆي ئىچىدىكى ھالەتتە  ئۆيلىرى تۈزلىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن مەھەللىنى ئەسكەر ساقچى قوراللىق كۆچۈرگەن ئىدى. مەن بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر بىلەن قىلغان سۆھبەت ۋە رەسمىي كۆچۈرۈش ئىشىغا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بەرگەن سانىغا ئاساسەن،   3000  مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ، 30000 دىن ئارتۇق ئادەم ، بىر مەسچىت، بىر  مەكتەپ ۋەيران قىلىنغان. بۇ يەردىكى ئىنسانلار زىيانلىرى  ھىچبىر قارشىلىقىسىز ھالدا  ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان .  بۇ جەريانلارنى ئەينى ۋاقىتتا  مەن رەسىمگە تارتىپ نەق مەيداندا خاتىرىلىگەن ئىدىم.

400