گۈلچىھرە غوجا خانىم « ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تارىم

2020-5-20

ئاتاقلىق ژورنالىسىت گۈلچىھرە خانىم شەرەپ بىلەن 2020- يىللىق IWMF خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندىنىڭ «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت » مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ تاللانغان .

بۇ مۇكاپات ساھىبىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن جاسارەتلىك مۇخبىرلار بىر گەۋدىلىك نامزاتلىرى ئارىسىدىن، IWMF نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىر ۋە تەھرىر قاتارلىق مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان كومىتېت تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلۇپ سېلىشتۇرۇپ بېكىتىلىگەن. گۈلچىھرە خانىم كومىتىت مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن تولۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان.

جاسارەت مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغىنىغا بۇ يىل 30 يىل بولغان بولۇپ ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرۇپمۇ ھەقىقەتنى دوكلات قىلغان ئايال ژۇرنالىستلارغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈش بولۇپمۇ خەتەر ۋە تەھدىت ئاشقان بىر مەزگىلدە يەر شارى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ مۇھىم تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن تەسىس قىلىنغان .

گۈلچىھرە خانىمغا كومىتىتتىكىلەر «بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتايدىكى ئۇيغۇر لاگېرلىرىنى ئاشكارىلاش بەدىلىگە، ئائىلىڭىزنى زور خەتەرگە دۇچار قىلىدىغان جەسۇر خىزمىتىڭىزنىڭ ئېتراپ قىلىنىشىنى ۋە دېققەت تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دىگەن.

بۇ مۇكاپاتقا گۈلچىھرە خانىمدىن باشقا يەنە ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان مىسىرلىق ژۇرنالىست سولافا ماگدى.
روسىيەدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان فىنلاندىيەلىك ژۇرنالىست جېشكا ئارو.
ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپى ھەققىدە دوكلات بەرگەن سۈرىيەلىك ژۇرنالىست ياكىن بىدو قاتارلىقلار تاللانغان.

بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلەر بۇ مۇكاپات ساھبلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا بېغىشلانماقچى .
IWMF مۇكاپات ساھىبلىرى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇكاپات ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنىڭ خەلقارا سەۋىيىدە ئېتراپ قىلىنىشى، شۇنداقلا بۇ مۇكاپات گۈلچىھرەگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى سەبداشلارغا ئورتاق شەرەپ!

گۈلچىھرە خانىمنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە تەبرىكلەيمىز، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە ئىككى دۇنيالىق بەخىت تىلەيمىز!

سەمىمىيەت ۋە ئېھتىرام بىلەن:
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2020-5-20

مەنبە: https://www.iwmf.org/awards/courage-in-journalism-awards/