”خىتاينىڭ ياۋايى غەربى“ – كرىستىئان تايلېر

 5-باب:   قىزىل سەھەر

تەرجىمە قىلغۇچى:  تۇغلۇق ئابدۇرازاق

1949- يىلى 20- ئۆكتەبىر ئاتالمىش «خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى» نىڭ تۇنجى قوشۇنى ئۈرۈمچىگە كىرگەندە، يەرلىك خەلقلەر مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىرئاز خۇرسەن بولغان ئىدى. كوممۇنىستلار بۇ ھەربىي قوشۇنىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەنلىكىنى «ئازاتلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ھەر تۈرلۈك باندىتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق ۋە زوراۋانلىقلار تۈپەيلىدىن ئۇزۇن يىل ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن خەلقنىڭ مەزكۈر «ئازاتلىق» تىن خۇرسەن بولغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن ھەر ئىككى تەرەپ بۇ يېڭى ھاكىميەت ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ، خەلق ئارىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى تىكلەيدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ھېچ بولمىغاندا كوممۇنىستلارنىڭ خىتاي ئىچكى ئۇرۇشتىكى غەلىبىسى كېلەچەكتىكى تىنچلىققا كاپالەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان بولۇشمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دىكتاتورلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق زوارۋانلىقى ئاستىدا ئازاب چېكىپ ھەم شۇنىڭغا بويسۇنۇپ كەلگەن يەرلىك خەلقنى ئاخىرى بېيجىڭ تەرەپتىن بىۋاستە باشقۇرۇلدىغانلىقى ئېنىق بولدى.

ئەمما، شۇ مەزگىلدە ھېچكىم بېيجىڭنىڭ كونتروللىقى نەقەدەر قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئويلاپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بورۇن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، دەل كوممۇنىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغۇچىلار ئەڭ ئاۋۋال كومپارتىيەنىڭ كونترولقىنىڭ قانچىلىك ئىغىر بولىدىغانلىقىنى سەزگەنلەر بولدى. شۇنداقتىمۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بۇلارمۇ ئازاتلىق ئارمىيەنى ئۈرۈمچىدە ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشى تەلەپ قىلىندى.

سېنتەبرنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بارلىق خەلق ئاممىسىغا تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئۈرۈمچى شەھەرىگە 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئايرودرومغا يىغىلىپ، ئارمىيە قوشۇننى قارشى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىندى. ئالاھىدە رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ ئايرودرومغا بارمىغانلار سېزىلگەن ھامان نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. شەھەر ئاھالىسى بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، شۇ كۈنى ئايرودرومغا يىغىلىپ، بىر كۈن ساقلىغان بولسىمۇ قوشۇننىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. كىشىلەر ھېرىپ-چارچاپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كېچىسى يەنە بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈپ، تاڭ ئاتقاندا ئايرودرومغا قايتا بېرىشقا بۇيرۇلدى. ئەتىسى خەلق پايپاسلاپ بېرىپ، ئايرودرومدا يەنە بىر كۈن ساقلىغان بولسىمۇ، قوشۇن ئوخشاشلا يېتىپ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى خەلق ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا 200 دەك رۇسىيە ئايرۇپىلانلىرى بىلەن توشۇلغان 4-5 مىڭ ئەسكەردىن تەركىبتاپقان كوممۇنىست ھەربىي قوشۇنىنى كۈتىۋالدى. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئاللىقاچان سوۋۇپ قالغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرى چوڭ داۋراڭ سېلىپ، نۇرغۇن تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئېسىپ، كۈتۈۋېلىش مۇراسىمنى ناھايتى داغدۇغىلىق ھالدا دۇنياغا تونۇشتۇردى. 

بۇ زېمىننى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي كومپارتىيەسىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا، مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى مۇستەملىكە قىلغان بۇ زېمىننى قولغا كەلتۈرگەن مەزكۈر غەلىبە ئۇلارنى كۆپ خىجالەتچلىككە سالغان ئىدى. سەۋەبى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغۇسى يوق ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىشقا ئىدىئولوگىيىلىك باھانىسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ 1912-يىلى سۈن ياتسېن (سۇن جۇڭسەن) «خىتاينى شەكىللەندۈرگەن خىتاي چېگراسى ئىچىدە پەقەت بىرلا مىللەت مەۋجۇت بولۇپ، باشقا مىللەتلەر ئاستا-ئاستا يوقىلىپ كېتىپ خەن مىللىتىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.» دەپ يوقىلاڭ نەزەرىيە توقىغان. ئەمما بۇ كۆز قاراشقا قايىل بولىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى.

جاڭ كەيشى بولسا سۈننىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆز قاراشتا ئىدى. ئۇ «خىتاي خەلقى ئەجدادى بىر بولغان ئوخشىمىغان بەش مىللەتتىن تەركىبتاپقان ئىمپريە.» دېگەن قەدىمىي خىتاي ئۇقۇمنى قوبۇل قىلغان. بۇ بەش مىللەتنىڭ پەرقى يۈزەكى ھالەتتە بولۇپ، بۇ پەرقنى پەقەت دىن ۋە گېئولوگىيەلىك پەرق دەپلا قاراپ، بۈيۈك چىن ئىمپىريە تارىختىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەقسىتى ئارقىلىق قۇرۇلغان، دېگەن كۆزقاراشتا بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە تىبەت، موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا قوشۇلغانلىقى مانجۇلار قۇرغان چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئىشغالىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىندىكى خەلقلەر 2 مىڭ يىلدىن بۇيان تەدرىجى ھالدا خىتايغا ئۆزلىگىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولغانمىش.

مەيلى زاماننىڭ قانچىلىك كەينىدە قالغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، تۈرك (شەرقىي تۈركىستان يەرلىك خەلقىگە قارىتا دېيىلگەن) ۋە مۇڭغۇللار ئاق تەنلىك بولغاچقا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولالايدۇ، خۇددى ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر تەبئىي ھالدا قىزىل تەنلىكلەرنى ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغاندەك، خىتاينىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىرقشۇناسلىرنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە قىزىل تەنلىك، قوڭۇر تەنلىك ۋە قارا تەنلىك ئىرقىدىكى خەلق يەر شارىدىن جەزمەن يوقىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاق تەنلىك بىلەن سېرىق تەنلىكلەر ئۈستۈنلىكنى تالىشىپ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىدۇ، دەپ قارىلاتتى. شۇڭا خىتاي ئىرقشۇناسلىرى ئەگەر خىتايلار ناھايىتى ھۇشيار بولمىسا، خۇددى ئامېرىكىلىقلار قىزىل تەنلىك قالاق مىللەتلەرنى قىرىپ تاشلىغاندەك، ئاق تەنلىكلەر بىرلىشىپ خىتاينىمۇ تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلايدۇ ياكى بولمىسا «ھورۇن، ئەخمەق، ھەمجىنىس، ساراڭ» غا ئوخشاش قارا تەنلىكلەردەك قۇل قىلىپ ئىشلىتىدۇ دېگەن نەزەريىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇپ كەلگەن سۇقۇشقاق بەگلىكلەر يەرلىك خەلققە قارىتا ئۆز ئالدىغا ئايرىم سىياسەت تۈزگەن بولۇپ، ھۆكۈمران ياڭ زېڭشىن قاتتىق قوللۇق بىلەن مەخپىي ھەم ھىلىگەرلىك بىلەن باشقۇرغان. جىن شۇرىن زوراۋانلىق ھەم تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن خەلقنى باشقۇرغان. شىڭ شىسەيگە كەلسەك ئۇ باشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىپ، يەرلىك خەلققە يۇمشاق سىيەسەتنى يۈرگۈزگەن بولسا، كېيىنچە دىكتاتورلۇق تۈزۈمنى يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن رايوننى ساقچى ھاكىميەتكە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرغان. جاڭ كەيشىنىڭ سىياسىتىنى ھەربىي قوشۇنىنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن خۇلاسلاشقا بولىدۇ. يەنى 1942- يىلى جاڭ يەرلىك خەلقنىڭ نارازلىقىنى قوزغايدىغان بىر قارارنى چىقارغان بولۇپ، ئۇ بولىسمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يەر مۈلۈكلرىدىن ئايرىلغان خىتاي دېھقانلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەنلىك ئىدى. ئەمما بۇ مۇستەملىكىچىلىك سياسىتىنى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان ئىدى. 1946- يىلدا غۇلجا قوزغىلاڭچىلار بىلەن تۈزگەن بېتىمدىن كېيىن، جاڭ ئامالسىزلىقتىن يەرلىك خەلققە مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىشقا مەجبۇر بولغان. روشەنكى شۇ دەرىجىدىكى ئەركىنلىككە شەرقىي تۈركىستان خەلقى 20- ئەسىر ئىچىدە قايتا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان ئەپۇ سوراشنى خەن ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدى. شۇ تارىخىي دەۋردە جاڭ كەيشى گېنېرال جاڭ جىجۇڭنى غۇلجىدىكى قوزغىلاڭنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇ ئىنتايىن ئوچۇق ھالدا «نېمە ئۈچۈن ئاران 5% نى ئېگىلىگەن خەن مىللەت بۇ رايوننىڭ %95 يەرلىك خەلقىنى باشقۇرىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «نېمە سەۋەبتىن بىز سىياسىي ھوقۇقلارنى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئۆتكۈزىۋەتمەيمىز؟» دېگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇ ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلارنى ئەيىبلەپ «ئۇلار تامامەن خاتا قىلدى، بۇنداق ئىش بېجىرىش ماھىيەتتە ئىمپېرىئالىست دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسىدىكى مەملىكەتكە يۈرگۈزگەن ئىگىلىۋىلىش سىياسىتى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.» دەپ ئۆتكەن. بىراق شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى جاڭ كەيشىگە خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن «ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سورىغاندا جاڭنىڭ قاتتىق غەزىپى قوزغىلىپ، ناھايىتى كەسكىنلىكتە رەت قىلغان ئىكەن.

خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ نۇقتىغا كەلگەندە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گومىنداڭ بىلەن قارىمۇ-قارشى كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇرۇنقىلارنى ئىرقچىلىق يۈرگۈزدى دەپ تەنقىتلەپ، تۇغۇت چەكلەش پىلانلىرىنى تۈزگەن دەپ تۆھمەت قىلدى. ماۋزېدۇڭ «ئىرقىي ئۈستۈنلۈك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىك ماركسىزىمغا قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ دەپ، «بۈيۈك خىتاي» شوۋىنىزملىقى بولسا «پانتۈركىزم» دىنمۇ ئېغىر بولغان ئىنقىلاپقا قارشى ھەرىكەت دەپ جاكارلىدى. ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تۈرك مىللەتلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى پەرقنى يوقىتىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا قويۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. خىتاينىڭ 2 مىڭ يىللىق تارىخىدا غەربتىكى «قالاق مىللەتلەر» گە ھېچقاچان بۇنداق ياخشى ئىشارەتلەر (كەڭچىلىك) بېرىلىپ باقمىغان ئىدى.

بىراق ماۋ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ماركىسزم-لېنىنىزم پرىنسىىپلىرىغا بوي سۇنۇشقا قارىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش، خىتاي چېگراسنى قوغداش، يەرلىك بايلىقنى قېزىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن كەڭ زېمىندىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى. خۇددى سوۋېت بولشېۋىكلىرى چارپادىشاھ قۇرغان ئىمپېرىيەدىن پايدىلىنىپ سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمنى قۇرۇپ چىققاندەك، خىتاي كوممۇنىستلىرىمۇ مانجۇلار قۇرغان ئىمپېرىيە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رېجىمىنى قۇرماقچى بولغان.

بىراق مەزكۈر پىلانغا ئىككى چوڭ توسقۇنلۇق مەۋجۈت ئىدى. بۇلارنىڭ بىرسى پان تۈركىزمنى تازىلاش بولسا، يەنە بىرسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشتۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈچى شۇ تارىخىي دەۋىردە تېخى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، غەربىي چېگرا رايونلىرىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بولمىسا خىتاي ھاكىميىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەنە قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر دائىرسىگە كىرىپ كېتىدىغان خەۋپكە دۇچ كېلىپ قالاتتى. شۇڭا ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن ئەركىنلىكلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىسىدە ئاپتونومىيە تۈزۈمى قۇرۇپ بېرىشىكە ۋەدە بېرىلگەن ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گەرچە خىتاي بىلەن چېگرا سۈپىتىدە قۇرۇلغان چىن سېپىلىنى ئۆرۈپ تاشلىۋەتكىلى بولىسىمۇ، بىراق خەن مىللىتىنىڭ ئىدىيىسىدە ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ چېگرا رايونلىرىدا نەچچە ئەسىرلەر داۋاملىشىپ ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشنى ئاسانلىقچە يوقاتقىلى بولمايتتى. 

تۆۋەندىكى ئۈچ باب ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» ۋە شۇ سىياسەت بويىچە يەرلىك مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ نۇقتىدىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. بۇ بابتا خىتاي بىلەن يەرلىك تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئاتالمىش ئىتتىپاقلىقى، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننىڭ قۇرۇلىشىدىن باشلاپ، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلقىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا قەدەر بولغان تارىخىي باسقۇچلاردىكى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە سىياسىي ئالدامچىلىق تۈپەيلىدىن بۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بابتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ قوزغىلاڭلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ئىسلام دىننىڭ كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولغانلىقى توغرىسدا توختىلىمەن. 7-بابدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان مۇستەملىكىچىلىكى جەريانىنىڭ كونكرېت باسقۇچلىرى، يەنى نوپۇس يۆتكەش ۋە لاگىر قۇرۇشنى ئاساس قىلغان تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. 

بېيجىڭدىن بىۋاستە چۈشۈرۈرلگەن تۇنجى بۇيرۇق سوۋېت تەرەپدارىلىرى بولغان غۇلجا ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان. كومپارتىيە 1950- يىلى مارتتا زور كۆلەمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەش پىلانىنى جاكارلىغان. مەقسەت ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى زېمىندا سوتسىيالىستىك تۈزۈم قۇرۇش ئۈچۈن قېرىنداش بولغان خىتاي مىللىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش زۆرۈر.» دېگەن يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىشتۇر. بىراق تۇنجى تۈركۈم كۆچمەنلەرنىڭ سانى كېيىنكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلار ئاساسەن باشقىلارنى تەربىيىلەشنى خالايدىغان ئاۋانگارت تېخنىك خادىملار بولغاچقا، مەلۇم دەرىجىدە خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بىراق يېزىلاردا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كوممۇنىستلار يەرلىك تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. كومپارتىيەمۇ ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى دەرھال يوقۇتۇشقا بەل باغلىغان بولۇپ، ئېلان چىقىرىپ «فېئودالىزم ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلىرى» نى ھۆكۈمەتتىن قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان مۇسۇلمان يەر ئىگىلىرى، بايلار، قەرز ئىگىلىرى ۋە ئاخۇن، موللىلار ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش «دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە يىغىنچاقلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ تەدبىر ئېلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 10 يىل ۋاقت سەرپ قىلىنغان ئىدى.

كونا قۇرۇلمىنىڭ قارشىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى «قويلار ۋە ئۆچكىلەر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلدى. « ئۆچكىلەر» نىڭ باشلىقلىرى بولسا تېگى بىرقەدەر چىڭ ھەم سىياسىي ھوقۇقى بار مۇسولمان كاتتىباشلاردىن تەركىبتاپقان بولۇپ، ئۇلار تەبئىي ھالدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇندىن باشقا يەر ئىگىلىرى ۋە كىچىك يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرى مۇسادىر قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق ئەھۋالغا قاراپ ھاياتى ساقلىنىپ قېلش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا كەچۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان «ئوتتۇرا سىنىپ» دۈشمەنلىرى ئورۇن ئالاتتى. «قويلار» پەقەتلا ئىككى خىلغا، يەنى «ئوتتۇرا سىنىپلىق دوستلار» ۋە «نۇقسانسىز پرولېتارىيات» ياكى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بۆلۈنەتتى.

Christian Tyler

كومپارتىيە يۇقىرىقى پىلاننى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەمدى بۇ يەردە بىر مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. 1953- يىلى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ دادىسىدىن قالغان قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى چوڭ مېۋىلىك بېغى بار بىر قورۇ-جاينىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ بۇنىڭغا خۇش بولۇشنىڭ ئورنىغا قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ قاپتۇ. چۈنكى مىراس قالدۇرۇلغان ئاشۇ قورۇ-جاي سەۋەبىدىن مەزكۈر ياشنىڭ كېلىپ چىقىشى سىنىپىي دۈشمەن قاتارىغا كېرىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۆيدىن بۇرۇنلا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئۈچ ئاكىسى بار بولۇپ، بىرسى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئاكىسى كوممۇنىست ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئۇ شىئەنگە قانۇن ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. قالغان ئىككى ئاكىسى بولسا ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. شۇڭا بۇ ياش يىگىت ئۆزىنىڭ بىر چوڭ قورۇ-جاينىڭ يالغۇز ئىگىسى بولۇپ قېلىپ، «سىنىپىي دەرجىسى» ئۆرلەپ، خەلقنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك دۈشمىنى بولۇش سالاھىيىتىگە توشقانلىقىنى، ھەمدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قېلىپ، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسىنى تېپىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن مېۋىلىك باغدىن مېۋە-چېۋە ئېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇر سوت مەھكىمە باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پارا بېرىپ مىراس قالدۇرۇلغان قورۇ-جاينىڭ ئۆزىگىلا تەۋە ئەمەسلىكىنى، بەلكى تۆت ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرىسىدا بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ. كېيىن بۇ ياش شۇ يەردىكى يەر ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ (پارتىيە ئەزاسى) يېنىغا كەلتۈرۈلگەن ئاشكارا ھالدا سوتتا سوراققا تارتىلغان. سوتتا ئەگەر ئۇ دادىسىنىڭ بۇ مىراسى ھەققىدە يالغان ئېيتقان بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىنغان. ياش ئاشۇ شەرتنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان. شۇندىن كېيىن مەزكۈر ياش قولىغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر توپ نامرات ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن قورۇ-جايىدىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل بولغان ھەم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چەت يېرىگە كۆچۈپ بېرىپ، زاۋۇت دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنغان. 

كومپارتىيە سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىتا ئەگەر يۇقىرقىغا ئوخشاش قاتتىق مۇئامىلە قىلسا ئەكس تەسىر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇلارغا ئالاھىدە غەمخۇرلۇق قىلش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى. ئۇلارنى «مەرىپەتپەرۋەر» دەپ ماختاپ ھەمدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى «ئەكسىل ئىنقىلابچىلار» غا سېلىشتۇرغاندا ناھيىتى ئۇستىلىق بىلەن مۇلايىم مۇئامىلە قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار شۇ مەزگىلدىكى ھاقارەت ۋە زىيانكەشلىكلەردىن ئامان قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئىگىدارچىلىق قىلشى رۇخسەت قىلىندى.

ھەمدە بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا نامى بار ئەمىلىي ھوقۇقى يوق يېڭى ئەمەللەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما تەدرىجى ھالدا بۇلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن سىنىپىي دۈشمەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ «ئەكسىل ئىنقىلابچى، يەرلىك مىللەتچى، چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» دېگەندەك بۆھتانلار چاپلىنىپ يوقىتىلدى. دىنىي زاتلارنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىدىغان پارتىيە ئورگىنى «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» نى قۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلدى. بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ يەرلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى، دىنىي سوتلار دۆلەتلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. ئىماملار پارىخورلار تەرىپىدىن سايلانمايدىغان بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ۋە مائاشقا ئىشلەيدىغان بولدى. ئالدىنئالا بېكىتىلگەن خىتايپەرەس «ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي ۋەكىللەر ئىدېئولوگىيە كۇرسىغا ئەۋەتىلىپ، كومپارتىيە تەربىيىسىنى ئالدىغان بولدى. مەسچىتلارگە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىپ قويۇشقا ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، خىتاينىڭ ۋەتەن بىرلىكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىشچىلار بىلەن بۇرژۇئازلار ئارىسىدىكى سىنىپىي كۈرەش قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى.

1950- يىلى «ئىجارە ھەققى ۋە سەرگەردانلىققا قارشى تۇرۇش» پائالىيىتى باشلاندى. كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ دېھقانلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنى يەر ئىگىلىرى ۋە بايلار بىلەن سىنىپىي كۈرەش قىلىش ھەركىتىگە سالدى. 

يۇقىرى ئۆي ئىجارىلىرى مەجبۇرى چۈشۈرۈلدى، ئۆسۈمى يۇقىرى بولغان قەرزلەر مۇسادىرە قىلىندى. ئېرىشكەن ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كېينكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلكىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تەخمىنەن ئالتەدەن بىرىنىڭ سوتقا تارتىلغان. ئەمما ئاشۇ دەسلەپكى يىللاردا پارتىيە ئەزالىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېز ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كېتىشىگە ئانچە ئىشەنچىسى يوق ئىدى. «يېڭى زېمىن كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ مەلۇم بىر مۇخبىرى يېزىلارنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىدىن ئاغرىنغان بولۇپ، مانجۇ ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە ئوخشاپ كېتىپتۇ دەپ يازغان. ئۇ بۇنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كونكرېت شارائىتىنى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىلنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «دەريادىكى سۇ ئاقىۋېرىدۇ، ئەمما ئاستىدىكى تاش يەنىلا تۇرىۋېرىدۇ.» 

ئۆي ئىسلاھاتى ھەركىتى 1952- يىلى مايدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا «زور غەلىبە قازاندۇق» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ 2 مىليون ئەتراپىدىكى دېھقانغا 7 مىليون مودىن ئارتۇق يەر تەقسىم قىلىندى. يەر ئىگىلىرى ئەرز-شىكايەت يىغىنلىرىغا سۆرەپ ئەكىرىلگەن، بۇ يىغىنلاردا يەردىن ئىجارىگە ئالغۇچىلارغا ئەرز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن. قازاق، قىرغىز قاتارلىق كۆچمەن خەلقلەرگە فېئوداللىق ئادىتىدىن ۋاز كېچىش تەشەببۇس قىلىنغان، ئەمما شۇ باسقۇچتا ھۆكۈمەت چەت رايونلاردىكى چارۋىچىلارنى كەڭ كۆلەمدە قاتتىق قىسىشتىن ساقلاندى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ۋاقتىنچە ئۇرۇنمىدى. بوستانلىقلاردا دېھقانلارغا نىسبەتەن 20 دىن 40 قىچە ئائىلىدىن تەركىب تاپقان كىچىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىلار قۇرۇلدى. 1955- يىلى ماۋزېدۇڭ 100 دىن 300 ئائىلىگىچە بولغان چوڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ كوللىكتىپلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولسىمۇ، بەزىدە بېسىم سېلىش ئۈچۈن دېھقانلارنى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە قاماپ قويۇپ مەجبۇرلىغان ۋەقەلەر يۈزبەردى. ماۋزېدۇڭ يىغىۋېلىش كوپىراتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، دېھقانلارنى تەشكىللەشكە، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باج ئېلىش ئارقىلىق دېھقانچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇردى. باشقا كومپارتىيە رەھبەرلىرىمۇ ماشىنىلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن خىتاي پرېزىدېنتى ليۇ شاۋچى لېنىننىڭ بىر كېچىدىلا دۆلەت ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىشنى مونوپول قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاپەت خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئالدىراپ كوللىكتىپلاشتۇرۇشنىڭ خەتىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى: «يالغان، خەتەرلىك ۋە ئوتوپىيە دېھقانچىلىق سوتسىيالىزمى» دەپ ئاتىغان ئىدى. 

ئازادلىقتىن كېيىن غەربكە كەلگەن ئاۋانگارتلار ئىچىدە كۆپلىگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھبۇسلار ۋە ئەسكەرلەر بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا بوز يەر ئېچىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئادەتتىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى 1954- يىلدىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە ئاستاراق، كېيىنچە ناھايتى تېز كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەمما شۇ يىلى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قۇرۇلمىنىڭ بىرى قۇرۇلدى، مەزكۈر قۇرۇلما تا ھازىرغا قەدەر غەربدىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ياكى خىتايلاشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ چېگرا رايوننىڭ تىنچلىق مەسىلىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ماۋزېدۇڭ گومىنداڭنىڭ تەسلىم بولغان تەخمىنەن 150 مىڭ ئەسكىرىنى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ ئەكىلىشىدۇر. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، مەمۇرىي خىزمەتچىلەر ۋە گومىنداڭ مىللەتچىلەر (ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، سەركەردىلىرى) ئۈچۈن ئىشلىگەنلەردىن تەركىب تاپقان «يڭى زېمىن ئىشلەپچىقىرىش ھەربىي پولك» دەپ نام قويۇلغان قۇرۇلما تىكلەندى. مەزكۈر بۈيۈك پولكنىڭ ئىككى ۋەزىپىسى بار بولۇپ، بىرسى دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن بوز يەر ئېچىش، يەنە بىرسى چېگرا رايون مۇداپىئەسىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىدى. كېيىنچە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى توپىلاڭنى كونترول قىلىش بىلەنمۇ شۇغۇنلاندى. ھەربىي پولك (بىڭتۇەن) يەنە جازالىنىش مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خىتايدىن يۆتكىلىپ كەلگەن سىياسى جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆي ئىگىلىرى، گومىنداڭ ( خىتاي مىللەتچى) ئەمەلدارلار ۋە باشقا «ئەكسىل ئىنقىلابچى ئامىللار» دىن تەركىب تاپقان. دەسلەپكى مەزگىللەردە، بىڭتۈەن ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۈزمىڭلىغان تېخنىك، ئىنژېنېر، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى ۋە سودىگەرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن شەرققە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتتى. مىڭ كىشىلىك ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن، يەنە مىڭ كىشى بېيجىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن يۆتكەلگەن ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى بەش يىل ئىچىدىلا كەم دېگەندە يېرىم مىليون خىتاي ئەسكەر ۋە پۇقرالار تارىم ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىغا يۆتكەلگەن بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن يەرلىك مەمۇرىي تۈزۈم، يېڭى مەمۇرىي لايىھە تەييارلاۋاتقان ئىدى. كومپارتىيە شۇ ئارقىلىق كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى يەرلىكلەرگە بولغان غەمخورلۇقنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، يەرلىكلەرنى ئۆزىنى-ئۆزىگە خوجايىن قىلىش ئەمەس بەلكى بىر قىسمىنى پەردەزلەش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنى ئالداشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئايچېن ۋۇ 1930- يىللىرىدا يىراق غەربكە زىيارەتكە بارغاندا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرقانداق بىر خىتايغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ مىللەتلەردىن تەركىبتاپقانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىكەن. ئۇ ئىلى رايونىنىڭ مەركىزى غۇلجىنىڭ ئاساسلىق كوچىسىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاسىيا خەلقىنىڭ ھەقىقىي مۇزىيى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان (ئۇ مەزگىلدە مىللىي مەسىلە بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان ۋاقىت ئىدى):

غۇلجا شەھەر كوچىلىرىنىڭ ھەر بىر ئەگرى-توقاي جايلىرىدا، قۇملۇقنى توختىتىدىغان ھەر بىر جايدا، قاقاس تاغنىڭ ياقىسىدا يېقىلغان تىزەك ئوتىنىڭ يېنىدا، ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىلار چوقۇم كامېراسىنى تىكلەپ رەسىم تارتىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، ياكى بولمىسا رەسىم سىزىش تاختىسىنى تۇتۇپ كۆزىگە كۆرۈنگەن يېڭىلىقلارنى سزىپ خاتىرىلىۋالىدۇ. ئۇلار بەلكىم يىغىپ ساقلىغان بىر قىسىم باش سۆڭەكلەرنى كېلەچەكتە تەتقىق قىلىشنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. بۇ زېمىندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ قاش-كۆزى، ئېغىز-كالپۇكلىرىنىڭ خىتاي زېمىنىدا ياشايدىغانلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا ھەيران قالغاندۇر.

بەزىدە مېنىڭ ئالدىمدىن ساپ ياۋروپالىق كۆرۈنىشتىكى، ئەمما زەيتۇن رەڭلىك تەندىكى ۋە شەرقنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بىرەر كىشى ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنە بەزىدە قارا چاپان ۋە قورۇلغان شىم-تۇجۇرقىسى خاراكتېرنى زىننەتلىگەن بىرسىنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقايمەن، ئۇ بەلكىم زامانىۋىي نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشنى خالايدىغان لاما تونىغا ئورالغان كىشى بولۇشى مۇمكىن.

كىشىلەر توپىدىن ۋۇ جەمىي ئون تۆت مىللەتنى ساناپ چىقىپتۇ، ئۇلار: خىتايلار، مانجۇلار، تۇڭگانلار (خىتاي مۇسۇلمانلىرى)، موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، شىبەلەر، سولونلار، قىرغىزلار، تارتارلار، تاجىكلار، چاكار موڭغۇللار، تورگۇت موڭغۇللىرى ۋە ئاق رۇسلار. 

بىراق، ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنى تېخى ئايرىم بىر مىللەت دەپ قارىمايتتى. گەرچە «ئۇيغۇر» دېگەن نام مىڭ يىللار بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىسىم شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئاساسەن بوستانلىقتا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلىرىگە قارىتا ئىشلىتىلگەن. تاكى 1934- يىلغا قەدەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرىغا قاراپ تونۇلاتتى، مەسىلەن: قەشقەرلىق، خوتەنلىك ياكى كېرىيەلىك دېگەندەك. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى، باشقا مىللەتلەر مەسىلەن قازاق، قىرغىز، تاجىك ۋە تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆچمەن مىللەتلەر دەپ بىلەتتى. 

ئۇيغۇر دېگەن نام 1921- يىلى ئۆزبەكستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تارىم ئويمانلىقىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە قارىتا قويۇلغان ئىدى، كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن بۇ نام تەستىقلانغان: مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىنىشىدىن بارلىققا كەلگەن… ئۇلارنىڭ كىملىكى شۇ زاماندىكى «دىئالېكتىكىلىق مودا» غا ئەگەشكەنلىكتىن تەرەققىي قىلىغان.

ئۇيغۇرلارغا ئىسىم قويۇش زىددىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇ خىتاينىڭ بۇ سۇبيېكتلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە شۇنداقلا دىنىي كىملىكىنى يارىتىپ بەرگەن بولدى، بۇ كىملىكنى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇلارنىڭ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يېڭى كىملىك ​​تۇيغۇسى كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتايلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى (پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ ئۆلكىلىق تارماق ئىدارىسى ۋاقىتلىق بېكىتىپ چىقتى) مانجۇلار بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن يۈرگۈزگەن ئىشلارنى قىلىشتۇر، مەسىلەن مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز ئىشلىتىش مەنئىي قىلىندى. كومپارتىيە گومىنداڭ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە خىتاي قولانغان چوڭ خىتاي مىللەتچىلىك مۇئامىلىسىدىن ئاللىبۇرۇن غەزەپلەنگەن سەزگۈر تۈركلەرنىڭ قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ماۋ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك كادىرلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى، ھەمدە خىتاي كادىرلارنى ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بولۇش ۋە مەجبۇرلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. 

يەرلىك مىللەتلەرنى ھاقارەت قىلىشقا قارشى تۇرۇش پەرمانى پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەمۇرىي پروگراممىسى يەنى «ئاپتونوم رايون قۇرۇش» نىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. بۇلار جامائەت رەھبەرلىرىنىڭ قەلبى ۋە زېھنىنى مايىل قىلىش، ئوچۇق بولمىغان چەتئەل جاھانگىرلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە «قېرىنداش مىللەتلەر» نىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈركلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېسداشلىقىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەدبىردۇر.

كومپارتىيە نەزەرىيەچىلىرى ئۈلگە ئىزدەش ئۈچۈن ئانچە ئاۋارە بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىۋىرەتتى. ئۇنى غەربىي تۈركىستاننىڭ يېنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلەپ بەرگەن. 1917- يىلى لېنىن ۋە سىتالىن ئىمزا قويغان خىتابنامىسىدە (سىتالىن «مىللەتلەرگە» مەسئۇل بولغان) رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىغا مەسچىت ۋە دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى ۋەيران بولغان، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چار پادىشاھلار دەپسەندە قىلغان بارلىق كىشىلەرگە ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەملىكەتلىك ۋە مەدەنيەتلىك ئورگانلىرى «ئەركىن ۋە دەخلىسىز ھەلەتتە» ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىغا قۇرۇق ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەت رەھبەرلىرى رۇسلار بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما رۇسلار مۇسۇلمانلار تېخى ئۇنىڭغا تەييار بولمىدى، دەپ ئۇ تەلەبنى رەت قىلىۋەتكەن. تۈركلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى «ئېنىق ئەمەس»، ئۇلار تېخى مۇۋاپىق «ئەمگەكچى» ئەمەس، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى يا بۇرژۇئازىيە ياكى دىندارلاردىن تەركىب تاپقان دېگەن باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن. سىتالىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدىكى بارلىق پاراڭلارنى ئاستا-ئاستا توختاتتى. ئۇ: «پەقەت يۈكسەك ئىشەنچىگە ئېرىشكەن خەلقنىڭ شۇنداق ھوقۇققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بار، مەزكۈر ئىشەنچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا موسكۋاغا بولغان ساداقەتلىكتىن ئىبارەتتۇر.» دەپ ئوتتۇرىغان قويغان.

غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار بارلىق ئىسلام ئىرقلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بىرلەشكەن سوۋېت تۈركلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەكسىچە، «بىرلىشىش» ۋە «بۆلۈنۈش» توغرىسىدا قاتتىق مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركىستان پۇقرالىرنىڭ جايلاشقان رايونىغا قاراپ، ھەتتا بەزىدە كەشىپ قىلىنغان ئىرق ۋە تىللىرىغا قاراپ يەرلىرىنى پارچىلاۋەتكەن بولدى. مەزكۈر چوڭ لايىھەنى تەييارلاشقا پەقەت ئۈچ ئايلا ۋاقىت ئىشلەتتى. ئىنسانشۇناسلار ۋە تىل مۇتەخەسسىسلەر يۇقىردىن تاللىنىپ، بۇ ئىشقا ئارىلاشتى. خۇددى مەلۇم بىر تارىخشۇناس بۇ توغۇرلۇق دەپ ئۆتكەندەك: «بۇ لايىھەنى بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپغا ئاساسان تەرەققىي قىلىندى دېگەندىن كۆرە، ھايۋانلارنى ياكى كۆكتات تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئاندىن ھايۋاناتلار باغچىسى ياكى ئۆسۈملۈك باغچىسىغا ئورۇن بەلگىلىگەندەك لاھىيە بولدى.»

يېڭى مەملىكەتلەر خۇددى رۇسىيە فېدېرراتسىيە ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان جۇمھۇرىيەتلەر دەپ تىكلەنگەن ئىدى. دېمەك بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرى، دۆلەت گېربلىرى ۋە مارشلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 1937- يىلى قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇن بويىچە، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن، ھەمدە ھەر بىر جۇمھۇريەتكە مۇستەقىل بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان چېگرالار بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تا 90-يىلللارغا قەدەر سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان ئەمەس. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن سوۋېت تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆزلىكىدىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندە، بەش يېڭى دۆلەتنىڭ تۆتى (تاجىكىستان بۇنىڭ سىرتىدا) ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ «مىللىي» كىملىكىنى تىكلىۋالدى. 

(داۋامى بار)