يەنە بىر ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى يالقۇن ئەنۋەر ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-يىلى 29-ئاپرىل، ۋاشنگىتون

يالقۇن ئەنۋەر 29-ئاپرىل چۈشتىن كىين سائەت 3:30 دە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.ئۆمەر قانات، دىلدار ئەزىز ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

يالقۇن ئەنۋەر شەرقى تۈركستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان تىرىك شاھدلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2019-يىلى 10-ئايلاردىن باشلاپ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بىلەن ئالاقە قىلغان. تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىن باشلاپ تونۇشدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە كېپىل بولغان ۋە ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق پىروجەكتى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى -ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنغان.

ئوڭدىن سولغا ئۆمەر قانات ، يالقۇن ئەنۋەر ۋە تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ۋاقىت جىددىيلىكى سەۋەپلىك ئەينى چاغدىكى مۇۋاپىق تاللاش ئارقىلىق يالقۇن ئەنۋەر 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندونېزىيەگە كەلگەن. يالقۇن ئەنۋەرنىڭ ھىندونېزىيەدىن تېز ئايرىلىش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇنى دوكتۇر بۇرھان سېيتقا تونۇشتۇرغان. دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى ئۇنىڭ تۇركىيەگە كېلىشگە ياردەم قىلغان ۋە ئستىقلال تېلىۋىزىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئۇچراشتۇرغان. يالقۇن ئەنۋەر ئىستىقلال تېلىۋىزىيەسى ئارقىلىق ختتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. كېيىن تۈركىيەدە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان يالقۇن ئەنۋەر27-دېكابىر ھىندونېزىيەگە قايتىپ كەلگەن. ھىندونېزىيەگە كەلگەندىن كېيىن يالقۇن ئەنۋەر ياۋروپا ياكى ئامېرىكىغا كېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئۇ ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى دىلدار ئەزىز خانىم ۋە تاھىر ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشپ، ئامېرىكىغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

يالقۇن ئەنۋەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ياردەم قىلغان بارلىق كىشلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە چوقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.