ۋول سىچرىت: خىتاي لوپنۇردا يوشۇرۇن ھالدا يادرو سىنىقى قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

تارىم

2020-4-16

ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ئىلان قىلغان بىر ھەربىي ھازىرلىق دوكلاتىدا، خىتاي تەرەپ گەرچە 1996- يىلى ئىمزالانغان يادرو سىناقلىرىنى توختىتىش كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا مەخپى ھالدا ئىنتايىن تۆۋەن پارتلاش كۈچىگە ئىگە يادرو سىناقلىرىنى مەخپى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانى ئەتراپىدا  ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاۋۇپ قېلىشى ۋە كۆپ ساندىكى كىرانلارنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىدىن ئامېرىكا خىتاينىڭ مەخپى ھالدا پارلاتقۇچ بۇيۇملارنى ساقلاۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانغان. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق گۇمان قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي يەر تەۋرەش، يادرو رىئاكسىيە سەزگۈچ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن كېلىدىغان ئۇچۇرلار ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇتەخەسىسلەر ھەر خىل پىكىرلەردە بولغان.

بۇ ئەندىشىنىڭ يىلتىزى بولسا،  ئىمزالانغان « ئۇمۇميۈزلۈك يادرو سىناقلىرىن توختۇتۇش كىلىشىمى» بولۇپ، ماتېرىيالى ئۆزگەرگەن يادرو سىناقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بۇ كىشىلىشىمنىڭ قانۇنىي كۈچى تۆۋەن بولۇپ،  يىتەرلىك قوللاشقا ئىرىشەلمىگەن. ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككىسى مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، رەسمىي ھالدا تەستىقلىمىغان.

گىنىرال ئاشلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ 300 پاي يادرو بومبا بېشى بار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 3800 پاي، ئۇنىڭدىن 2100 پاي زاپاس ساقلاقلىق ئىكەن.

مەنبە:

https://www.wsj.com/articles/possible-chinese-nuclear-testing-stirs-u-s-concern-11586970435?emailToken=8f46384fccc0b790cedf40ced5596375TEe18j7XRoWoXBMtI/yqEVY6bg6LL3GGW6pZrjYHDkdC5kDiHQP677h3SU3rE+zLmfkpU2ISRONXlj8kiuU1DlJ0dZhBB1+IMp0FMJAKeRg%3D&reflink=article_whatsapp_share