ترامپ ئامېرىكىدىكى بارلىق شىتاتلاردا ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «چوڭ ئاپەت » ئېلان قىلدى .

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

كۆكتۇغ تەرجىمىسى

2020-4-12

«فوكس خەۋەرلىرى » تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىدە «چوڭ ئاپەت »ئېلان قىلدى .


ترامپ 11-ئاپرېل ۋايومىڭدىكى ئاپەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ، قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ ئاپەتنىڭ COVID-19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئەللىك شىتاتنىڭ ھەممىسىدە ئېلان قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، شەنبە كۈنى ئامېرىكىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ، يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېقىنلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالامەتلەر بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ، مەملىكەت مىقياسىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپ ، نيۇ-يورك شىتاتىدا 160،000 نەپەر يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن .

ئىتالىيە دە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 19 مىڭ 468 بولۇپ ، ئىسپانىيە 16 مىڭ 353 ئادەم بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى ئىتالىيە نوپۇسىدىن بەش ھەسسە ، ئىسپانىيەنىڭكىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ. ئامېرىكا يۇقۇملىنىشتىن ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتىنى باشتىن كەچۈردى ، ئۆتكەن تۆت كۈندە ھەر كۈنى 2000 گە يېقىن بىمار ۋاپات بولدى.


مەنبە : https://arabic.rt.com/world/1103215-ترامب-يعلن-كارثة-كبرى-في-جميع-الولايات-الأمريكية-لأول-مرة-في-التاريخ/