دەس تۇرۇش

ئابدۇرەھىم پاراچ

نەدىدۇر ئادەملىكىم شەيتانسىماندىن قاچمىسام،

ياكى ئۇ بەدبۇي پۇراق ھىڭگاي چىشىنى چاقمىسام.

ھەق نىمە، باتىل نىمە، ۋىجدان دىگەن قانداق نىمە؟

قىممىتى بارمۇ ئۇنىڭ خەلقىمنى دەس ئويغاتمىسام.

مىندۈرۈپ بوينۇمغا يەتتە مەككىنى قىلسام تاۋاپ،

جان ئانام ئوغلۇم دىگەيمۇ ياۋنى قان يىغلاتمىسام.

بۇ يۈزۈمنى داپ قىلىپ كەرمەمدۇ ئوغلۇم ئەتىدە

ئەسلى يات ۋە پەيلى ياتنى ئوۋ كەبى سايراتمىسام.

كۆنچى، تارىم ۋە تۈمەندە ئاققىنى كۆز-ياش، نۇمۇس،

بۇ يۈرەك كۈلگەيمۇ ئەلنىڭ قەلبىنى يايراتمىسام.

چارىپايدىن نە پەرىق، مىڭ ياش ئۆمۈر سۈرگەن بىلەن،

دەس تۇرۇپ دۇنيا بىلەن بەيگىگە تەڭ ئۈن قاتمىسام.

ھە! دىسەم ئويناپلا كەلدى دوستمۇ، ياتمۇ توپ قېلىپ،

قانغىدەك قىلمايدۇ ھېچ بىر، ئەمدى مەن ئويناتمىسام.

يېلىنىپ، يىغلاپ يۈرۈپ ئۆتتى ئۆمۈردىن نەچچىسى،

كىم قىيا باقتى قېنى ھالىمنى ئېيتىپ دادلىسام؟

ئەي پاراچ بىل بۇ يۈرەككە قىپقىزىل مەلھەم كېرەك،

خۇن  بىلەن زەرداپ چىقار ئاچچىق يۇتۇپ مىڭ تاتلىسام.

2020. 12- ئاپىرىل ئىستانبۇل