سىتالىن خىتايدىن قايسى رايوننى سوۋىت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋىلىشنى ئارزۇ قىلغان؟

 2020/03/2(قانۇن ۋە ئادۋۇكاتلار ژۇرنىلى

ئاپتۇر: توماس چانتىن

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمىدە ۋولقان

خىتاينىڭ غەربى قىسمىدىكى خىتايچىدە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) ، ياكى تارىختا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ر، ئۇندىن قالسا قازاق ھەم نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر ھەم موڭغۇللار ياشايدىغان بۇزىمىن خىتايلار تەرىپىدىن پەقەت يىقىنقى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا بىسىۋىلىنغان. جۇڭغار خانلىقى بىلەن بولغان بىر قىتىملىق قانلىق ئۇرۇشتا ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق جەڭچىلەرنى  قىرغىن قىلىشتىن كىيىن، تارىختا جۇڭغارىيە دەپ نام ئىالغان بۇ كەڭرى زىمىن ئىشغال ئاستىغا چۈشتى. مىلادىدىن بۇرۇن توخارىستان دەپمۇ تونۇلغان، تارىختا قەشقەرىيە نامى بىلەنمۇ مەشھۇر بولغان بۇدۆلەتنىڭ نامى بۇزىمىندىكى ئەڭ قەدىمى شەھەر «قەشقەر» نىڭ نامىغا تۇتۇشىدۇ.

1912-يىلى مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۆرۈلۈپ، خىتايلار جۇمھۇرىيەت ئىلان قىلغاندا مەركىزى ھۆكۈمەت ئاجىزلاپ، نۇرغۇن ئۆلكىلەر پەقەت قەغەز يۈزىدىلا خىتايغا تەۋە بولسىمۇ، ئاساسى نوپۇسى خىتاي بولمىغان ئۆلكىلەردىن تىبەت، مانجۇرىيە ھەم شەرقى تۈركىستاندا خىتايدىن ئايرىلىش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلدى.

ئەينى ۋاقىتتا روسىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كىيىن نۇرغۇن ئاق روسلار، ئالاش-ئوردا قازاقلىرى ۋە باسمىچىلار شەرقى تۈركىستاندا پاناھلىق تىلەيدۇ. 1920-يىللاردىن كىيىن خىتاي مەركىزى ھوقۇقى جاڭكەيشى نىڭ قولىغا ئۆتكەندە، ئۇ خىتاينىڭ دولەت پۇتۇنلىكىگە كۈچەش بىلەن بىرگە بۆلۇنمىچىلەرگە قاتتىق زەربە بەردى. شەرقى تۈركىستاننى باشقۇرۇش ھوقۇقى جىن شۇرىننىڭ قولىغا ئ‍ۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئۇيغۇرلار رنىڭ ئەنئەنىۋى يۇرۇت سوراش ھوقوقىرىنى بىكار قىلىۋەتتى ھەم خەلىق نارازى بولىدىغان بىرقاتار باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرنى ئورناتتى، ھەم جاڭ كەيشىدىن سورىمايلا ئوزئالدىغا سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلدى.

جاڭكەيشى ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىزىمىغا دۇشمەنلەرچە قارايتتى، شۇڭا سوۋىت ئىتتىپاقىنىمۇ دۈشمەن دەپ بىلەتتى. ئۆلكە باشلىقىنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان جاڭ كەيشى شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ، ئەمما جىن شۇرىن بىلەن ئۇرۇشماي يەرلىكتە 1931-يىلى خىتايلارغا قارشى قوزغالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ.ئۇۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلار ئاق روسلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەنىدى. 1933-يىلى جىن شۇرىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا قىچىپ كىتىدۇ. 1933-يىلى نويابىرنىڭ 12-كۈنى ئىنقىلاپچىلار قەشقەرنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئىلان قىلىدۇ

.

يىڭى قۇرۇلغان بۇ دۆلەت قىسقا زامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ستالىن ياپونىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارىتا ، ھازىرچە جاڭ كەيشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى قارار قىلىدۇ ھەم كېلىشىم تۈزدىدۇ . بۇ كېلىشىم شېڭ شىسەينىڭ جىن شۇرىن ئورنىغا چىقىپ ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئەسكەرلىرنى ياردەمگە ئەۋەتىدىغان بولدى، ھەم شۇياردەم تەسىرىدە 1934-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرى مەغلۇپ بولىدۇ. شىڭشىسەي رەسمىيەتتە جاڭ كەيشەككە بويسۇنسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)نىڭ ئ‍ۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىۋالىدۇ. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر قاتار ئايرىم ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزىدۇ ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىىلىرى بار ئىدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللاپ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دا ئاق رۇسلارنى باستۇرۇشنى توختىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىىغا ئەۋەتىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىرلىكىگە رەسمىي خىرىس قىلماي ،ئاستىرىتتىن شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)نى ھەقىقى تەسىر دائىرىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. جاڭ كەيشې سىتالىننىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا بەرگەن ياردىمى بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ھەربىي يۈرۈشىىنى قوللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئەمما، روس-ياپون ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ بولىدۇ دەپ ئويلاپ ، سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈزئۆرۈيدۇ. 1942-يىلى ئۇ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنى قولغا ئېلىشنى باشلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلىك كوممۇنىستلارغا ۋە مىللىي ھەرىكەتلەرگە قارشى باستۇرۇشنى باشلايدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ، شۇ يىلى شىمالىي شەرقى تۈركىستان رايونىدا قازاقلار ئىنقىلابى مەيدانغا كىلىدۇ. ئۇۋاقىتتا شىڭشىسەي جاڭكەيشەكنىڭ بىرلاۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى بىلىپ يەتمىگەنىدى. 1944-يىلى 8-ئايدا ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغاندا ، چياڭ كەيشې شېڭشىسەينى ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلايدۇ، شىڭشىسەيمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ.

ئۇ ۋاقىتلادا بۇرايۇندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى يەنە جانلىنىدۇ. سوۋېت رەھبەرلىكى ئىلگىرىكى يىللاردىكى سىياسىتىگە ئوخشىمىغان ھالدا ،بۇقىتىم بۇ ئىنقىلاپنى قوللاپ ئۇنىڭغا دو تىكىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ قىتىمقى قوللاش ھەرىكىتىدە يەنە بىر قېتىم  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشىدا ئوينغان تاكتىكىسى بويچە ئاق روسلانى كۆچمەن قىلىپ شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتىدۇ. 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلارنى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەپ ، گۇمىنداڭ ئارمىيىسىگە بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. جاڭكەيشى  بۇۋاقىتتا ئالدىنقى سېپىنى ئىگىلىۋالغان ياپونلار بىلەن ئۇرۇش بىلەن قىلىپ شەرقى تۈركىستاندا بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جاڭكەيشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد قىلىنغان رايونلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. 1946-يىلى يازدا كىلىشىم سۆھبىتى باشلىنىپ، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)دا خىتاي ئەمەس يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىكىنى ئاساس  قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدۇ. ختايچە ۋە تۈرك تىللىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئازاد قىلىنغان رايونلاردا ئاپتونومىيە ۋە ئۆز ئارمىيىسىنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقى بىرىلىدۇ . تۇنجى قېتىمغا ئوخشاش بۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  بىر چوڭ ئۆلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىگەنىدى.

ئەمما دەل شۇۋاقىتلاردا گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدۇ ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ ۋە شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىمگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندە ، شەرقى تۈركىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاي بىلەن بىرلىشىش شەرتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلىدۇ. ۋەكىللەر ئايرۇپىلاندا سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىن ئايلىنىپ بىيجىڭغا ئۇچىدۇ. ئايرۇپىلاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى  پرېزىدېنتى ئەخمەتجان قاسىمى باش بولۇپ ماڭغانىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى بولغان ئالاھىدە ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ترانسبايكاليا تېغىدا چۈشۈپ كىتىدۇ ۋە بارلىق يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ئۆلىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى كېيىن ، شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىرىشىگە قوشۇلىدۇ ، ھەمدە مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىىنىدىغانلىقى ئىلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، گومىنداڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) ئۆلكىلىك رەئىسى بۇرھان شەھىدى كوممۇنىسلاغا قىتىلىدىغانلىكىنى جاكارلىايدۇ ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇچۇرۇۋاتقان Il-12 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەلىىيەتتە ئۇ بىر توزاق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى تىخى ئېنىق بولمىسىمۇ ، ستالىن گومىنداڭغا قارشى شەرقى تۈركىستاننى قوللىدى. ئەمما كوممۇنىستلار ئېنىقلا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغاندا ، ستالىن شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتىنىڭ باشلىقلىرىنى خىتاينىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە بويسۇنۇشنى چاقىردى. ئەمما يەرلىك ئاھالە ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كەيپىياتى ، شۇنداقلا ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىنى خىتايدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىەمەلگە ئاشۇرۇشى ئاسانغا چۈشمىگەن.

مەنبە: