“ شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار“ ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2020-4-5

سەدەف

تۈرك تىل تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى مەھمەت لەۋەنىت كايانىڭ غۇلجىدا ئوقۇش جەريانىدا يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرىلىرىگە ئاساسەن تەييارلانغان “ شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار“ ئىسىملىق كىتابى، تۈرك تىلىدا 3_ئاينىڭ ئاخىرى نەشىرىدىن چىقتى.
يازغۇچى بۇ كىتاپنى غۇلجا پىداگوگىگا ئۈنۋىرسىتىدە شىبە، مانجۇ تىل پىروگراممىسىغا قاتنىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىدىكى ئەسلىمىللىرگە ئاساسەن يېزىپ چىققان.
كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىگە“ قانچىلىك سۆزلىسەكمۇ ئۇ يەردىكى يەنى شەرقى تۈركىستاندىكى تىراگدىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بۇلالمايمىز. بىر تەرەپتىن بەش يىل بۇرۇن ئۇ يەر گۈل گۈلىستانلىق دىگەنلەر ھازىرقى ئەھۋالىنى PKK لارغا ئوخشۇتۇپ, دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەتە پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى ئاسلىملاتسىيە قىلىنىپ يوق قىلىنغاندا قارشىمىزغا چىقىپ خىجىل بولماستىن “ ئۇ يەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر يۇق ئىدى“ دەيدىغىنىدىن گۇمان قىلمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم بۇ ئىنسانىيلىققا يات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈزۈملەردىن خەۋەردار بولۇڭ ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىنسانلىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئاداقىلىپ، قولىڭىزدىن كەلگىنىچە ياردەمچى بۇلۇشقا تىرىشىڭ“ دەپ يېزىلغان.

يازغۇچى، تىل تەتقىقاتچىسى مەھمەت لەۋەنىت ئەپەندى بۇ كىتاپ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:“ مەن 2006 تۇنجى قېتىم، 2011_يىلى ئىككىنجى قېتىم ۋە ئەڭ كىيىن مۇشۇ كىتاپنى تەييارلاش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستانغا باردىم. غۇلجىدىكى ئىلى پېداگوگىگا ئۈنۋىرسىتىدە شىبە ۋە مانجۇ تىل پىروگراممىسىغا قاتناشتىم. بىكار ۋاقىتلىرىم بەزىدە ھەر كۈنى، بەزىدە 2_3كۈندە بىر قېتىم سىرتلارغا چىقىپ ئايلىناتتىم ۋە يەرلىكلەر بىلەن سۆھبەتلىشەتتىم. شۇ جەرياندا كۆرگەن، بىلگەن ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى ھاممامنىڭ ئوغلىنىڭ ئېلىكترونلۇق پوچتا ھىسابىغا يېزىپ، ئەۋەتىپ تۇردۇم ۋە ئۇلارنى رەتلەپ بۇ كىتاپنى تۈزۈپ چىقتىم. ”
بۇ كىتاپ يازغۇچىنىڭ ۋەتىنىمىز ھەققىدە ئىككىنجى قېتىم يازغان كىتابى بۇلۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋاقىتتىكى 1020_1029_ يىللار ئارىسىدا بەشبالىقتا ئۆتكەن ھايات تەسۋىرلەنگەن“ چۆلدە قال “ دىگەن روماننى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.


يازغۇچى، تىل تەتقىقاتچىسى مەھمەت لەۋەنىت كايا ھازىر مۇڭغۇلىستان دۆلەتلىك ئۈنۋىرسىتىدا تىل بىلىملىرى بۇيىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋام قىلۋاتقان بۇلۇپ، ئاپتۇرنىڭ ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك، خىزمىتىنىڭ مۇۋەپققىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!