مېھمان

بورھانبەگ .

بالام ! ئالىمغا تېلېفون قىلىۋېتىڭ ! تاماق پىشىپ قالدى ،كەپلا يەۋالسۇن !! بىز ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماققا چاقىرىۋالىدىغان بىر مېھمىنىمىز بار بولۇپ، ئانام بۇ مىھماننى چاقىرىۋېلىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى.مېھمانمۇ مەن تېلېفون قىلغىنىمدا كۆپۈنچە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدا بولاتتى ۋە تېزلا كېلىپ تامىقىنى يەپلا چىقىپ كېتەتتى.ئەتىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە بىز ئۇنى ئاساسەن كۆرمەيتتۇق.چۈنكى ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغىنىغا بەش يىل بولغان بىر «قاچقۇن جىنايەتچى» ئىدى. كېچە ياتقان قوناقلىقتا پاشا بەك جىقكەن ،كېچىچە پاشا چېقىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم.
كېچىدىن ياڭاق تۈۋىدە ئۇخلىغانىدىم ، جىن بېسىۋېلىپ ئۇخلاتمىدى. بىر دوستۇمنىڭ بالىخانىسىدا ئۇخلىغانىدىم ،يېرىم كېچىدە چەمىكىمنى سېرىق قۇيرۇق چىشلىۋالدى.
بۈگۈن كېچە چارلاش باركەن دەپ ئاڭلاپ،كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزدۈم.. … ئۇ تاماق يەۋېتىپ ئانامغا ئاڭلاتماي تۇرۇپ بۇلارنى ماڭا ئاستا سۆزلەپ بېرەتتى.ھەركۈنى دېگۈدەك بىر ئىشلار بىلەن ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىنى،چارلاۋاتقان ساقچىلار ئۇچىراپ قېلىپ ئۆزىنى قانداق دالدىغا ئالغانلىقلىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەتتى.ئۇ بۇلارنى ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان بولغاچقا ،مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئاڭلايتتىم.ئەمما ئانام ئاڭلاپ قالغان ھامان كۆزلىرى قىزىرىپ ،بىردەمدىلا يىغلاپ كېتەتتى.شۇڭلاشقا بىز بۇلارنى ئانامغا ئاڭلاتماي دېيىشەتتۇق. ئالىم ئەسلى قەشقەرلىك بولۇپ ،بەش يىل بۇرۇن بىرقانچە دوستلىرى بىلەن پات-پات بىر ئۆيگە يىغىلىپ ھەرخىل تىمىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەپلىك ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالغاچقا ئۇلارنى ئورۇنسىزلا قولغا ئېلىشقا باشلىغان.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئادەتتىكى سۆھبەت خىتايلار تەرىپىدىن «مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىگە ھازىرلىق» بولۇپ قالغان ۋە ئالىمدىن باشقا بارلىق دوستلىرى تۇتۇلۇپ قېلىپ يەتتەسەككىز يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنىكەن.ئالىم بولسا قېچىپ خوتەنگە كېلىۋالغان ۋە بەش يىلدىن بېرى مۆكۈنۈپ يۈرۈپ مۇشۇ كەمگە كەلگەنىكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن خوتەن شىۋىسىنى ئۆگەنگەن بولغاچقا ھازىر ھېچكىم ئۇنىڭ خوتەنلىك ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيتتى‌.مەنمۇ دەسلەپ تونۇشقاندا ئۇنىڭ خوتەندىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنىدىم.
بۇ جەرياندا ئۇ خوتەندە يۇرتمۇيۇرت يۆتكىلىپ يۈرۈپتۇ.(دىنى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە مەدرىسىلەردە تۇرۇپ ،سىرتقا چىقماي ئوقۇپتۇ) تاكى بۇ تەلەيسىزنى تراكتور سوقىۋېتىپ سول قولى ئۈچ يەردىن،ئوڭ پۇتى ئىككى يەردىن سۇنۇپ كەتكەنگە قەدەر. مەن ئالىم بىلەن تونۇشقىنىمدا ئۇ دوختۇرخانىدا ئالتە ئاي يېتىپ چىققان ۋە ئەمدىلا ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە چىقالىغۇدەك بولغان ئىكەن.ئۇ كارۋاتتا پۇت قولىنى تېڭىپ،گەج بىلەن قاتۇرۇپ قويۇپ ياتقان ۋاقتىدا قوشنا كەنتىمىزدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنىڭ تەرىتىگە قاچا تۇتۇپ باققان ،دوختۇرخانىغىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنىڭ كىملىك ۋە نوپۇس دەپتەرلىرى بىلەن تىزىملىتىپ داۋالاتقان ئىكەن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ۋە ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن) كېيىنمۇ شۇ ئائىلە كىشىلىرى ئالىمنى قىش كۈنلىرى قورقماي ئۆيىدە قوندۇراتتى ۋە ئۇنىڭ تېزراق ساقىيىشى ئۈچۈن ھەرھەپتە بىر قوي كاللىسى پىشۇرۇپ ئۆزى يىمەي ئالىمنىڭ بېشىدا قاراپ ئولتۇرۇپ زورلاپ يېگۈزەتتى(ئۇ خىجىل بولۇپ يېگىلى ئۇنىمىسا ئۇلار شورپىسىغا زاغرا چىلاپ يەيدىكەنتۇق)ئەمما شۇنداقتىمۇ ئالىمنىڭ ئوڭ پۇتى تىزىدىن ئېگىلمەيتتى ۋە سول قولىنىڭ پېيىمۇ قېتىپ قالغان بولۇپ تولۇق ئېگەلمەيتتى. ئالىم بەش يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتاتتى.توغرىسى ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن چىداپ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمايۋاتاتتى. ھېلىمۇ ئۆزى سەۋەپلىك ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتنىڭ كىملىكىگە چېكىت ئۇرۇلغان ۋە مەھەللىسىنىڭ تېشىغا چىقىشى چەكلەنگەن ئىكەن.بەزەن بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالغان چاغلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسى توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالساق كۆزلىرى قىزىرىپ ،ئاۋازى بوغۇلۇپ كېتەتتى.«ئانام مېنىڭ سەۋەبىمدىن تولا يىغلاپ كۆزى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ،<بىچارە بالام نەلەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ئاچ-زېرىن يۈرۈيدىغاندۇ؟!ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ يۈرۈكۈم بۇنچىلىك داغلانماستى>دەپلا يىغلايدىكەن »دەيتتى ئۇ ئۆزىنى ئاران ئاران تۇتىۋېلىپ. يەنە بەزىدە ئۇ ئىنىلىرىنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى چىراي تۇرقى ۋە كەپسىز قىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا ئۆزىمۇ ئىختىيارسىز ئېچىلىپ كېتەتتى.ئۆزى بىلەن جىدەل قىلغانلىرىنى،ئۇرۇشۇپ ئوينىغانلىقىنى… چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە سۆزلەپ بېرەتتى. 2014~15يىللىرى ۋەتەندە ۋەزىيەت بۇرۇنقىدىن چىڭىپ كەتكەچكە ئالىمنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ تەس بولۇپ كەتكەنىدى.بۇرۇنلاردا ئۇنى بىرە كېچە قوندۇرۇپ قالىدىغانلارمۇ ئەنسىرەپ قوندۇرالماس بولغانىدى،پەقەت ھېلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرىلا ئۇنى قورقماي ئۆيىدە قوندۇراتتى.
بىز ئالىمنى ھەر كۈنى قوندۇرۇپ قالالمىساقمۇ ،كۈندە ئاخشىمى ئانام ئالىمنى بىر سورىماي قويمايتتى.«بالا چىدىغان بىلەن ئانا چىدىمايدۇ ،ئالىمدىن بەكىرەك ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىچىم ئېچىشىدۇ »دەيتتى ئانام ئۇھسىنىش ئىچىدە.
2016_يىلى مەن مىسىرغا ماڭغىنىمدا ئالىم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشتۈم .يىللاردىن بېرى خوتەن نوپۇسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ماڭمىغان يولى،خەجلىمىگەن پۇلى قالمىغان بولسىمۇ بىر نوپۇسى چىقماي شۇنداق قېچىپ يۈرىۋاتاتتى.«ئىنشائاللاھ نوپۇسۇم چىقىپ قالسا پاسپورت ئېلىپ مەنمۇ كېتىمەن بۇ ئۈستى ئۇچۇق زىنداندىن » دېگەنىدى ئۇ دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا.
مەن مىسىرغا كېتىپ ئالتە ئايدىن كېيىن بىر دوستۇم چ چ ئارقىلىق ماڭا ئالىمنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.(ئۇ دوستۇم پەقەتلا ،ئالىم دەپ يېزىپ يېنىغا بىر خاتا بەلگىسى ۋە يىغلىغان چىراي ئىپادىسى قوشۇپ ئەۋەتكەنىدى)ئالىم تۇتۇلۇپ قالدى دىمەك ئالىمغا بەش يىلدىن بېرى غەمخورلۇق قىلغان پۈتۈن كىشىلەرگە پىشكەللىك كەلدى دېمەك بولاتتى.مېنى ئەڭ ئازاپلىغىنى بولسا ئۆزى تونۇمايدىغان بىر بالىنىڭ تەرىتىگە ئالتە ئاي قاچا تۇتۇپ باققان ئەشۇ مىھرىبان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىدىغان بەختسىزلىك ئىدى.


مېنىڭ ۋە مەن كەبى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ .ئوخشىمايدىغان يېرى ئالىم بۇ سەرسان-سەرگەردانلىقنى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنىدە كۆردى،بىز بولساق ۋەتەندىن ئۇزاقلاردا ئۆزگە يۇرتلاردا كۆرىۋاتىمىز . مەن ئالىمنىڭ ھىسياتىنى ئۆز بېشىمغا كەلگەندە ئاندىن چۈشەندىم.ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق -تۇققانلىرى ھايات تۇرۇپ كۆرۈشەلمىسە ،ئۇلاردىن بىرە خەت-خەۋەر ئالالمىسا قانچىلىك ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ ئەمدى چۈشەندىم.

2019/12/26
گېرمانىيە