قىزىم: دادا، تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىللە ئۆتكۈزەمدۇق؟

ئاپتورى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-29

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۈگۇن سەھەر ئويغانسام كاللامدا ھەر كۈندىكى تاتلىق ئەمما ئازاپلىق ئەسلىمە، قىزىمنى كۆرۈپتىمەن، ئۇ چوڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغۇدەك، تېلېۋىزۇرنىمۇ ئاچماپتۇ، ئەزەلدىن چىرايلىق كىيىملەرگە ئامراق قىزىم تۈزۈكرەك كىيىممۇ كەيمەپتۇ.

ئۇ تام تۈۋىگە قويۇۋالغان تاختايغا مىنىڭ رەسىمىمنى سىزىپ توختىتىپ قويۇپتۇ. پەقەت باش قسىمىنى سىزىپتۇ.

ئۆيدىن كىرىشىمگە، ئۇ ماڭا قاراپ قويدى، يېقىنلاپ كەلمىدى، توختىماي سۆزلەپ تۇرىدىغان تاقلاپ، سەكرەپ ئوينايدىغان ئەركە قىزىمدىن ھېچبىر ئەسەر يوق ئىدى، ئۇ ھەممە نەرسىدىن قورقىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن سوۋۇپ كەتكەندەك تۇراتتى.

مەن يېقىنلاپ بىرىپ، ئۇنى قۇچىقىمغا بېسپ : ئاپىڭىز قېنى دەپ سورىدىم،

ئاپام ماڭا : «دادىڭىزنىڭ ئئسمىنى چىقارسىڭىز بولمايدۇ، ئادىل دادىڭىز، پاتىگۈل ئاپىڭىز دادىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن يوقاپ كەتتى، ئەلقەمجان ئۇكىڭىز، سۇبھىنۇر ئاچىڭىز ھەممىسى ئاتا-ئانىسىز قالدى » دىگەنىدى. شۇڭا ئاپام سنى كۆرەشنى خالىماسلىقى مۇمكىن دېدى. مەن بىلىدىغان بۇ گەپلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم:

قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟سورىدىم مەن؛

مەن تۇخۇم پىشۇرۇپ يېدىم دادا دېدى ئۇ،

نېمىشقا تاماق يېمىدىڭىز قىزىم؟

ئاپام ئۇن، ياغ تاپالماپتۇ، ناۋايخانىلار يوقكەن، شۇڭا تۇخۇم بىلەن سەي يەيمىز.

نېمىشقا يالغۇز ئولتۇرسز، قىزىم ؟

مەھەللىدە ئوينايدىغان بالىلار يوق،خوشنىلارمۇ يوق.

مەن قىزىمنى كۆتۈرۈپ دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم، مەھەللە جىمجىت ۋە سۈرلۈك ئىدى،

قۇشلارغا، دەل-دەرەخكە ئامراق قىزىم مانا ئەمدى ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايتتى، باھار پەسلى كەپتۇ، بىراق ھاۋا ئىللىغاندەك تۇيۇلمايتتى، كوچىلاردا بىرەرمۇ تونۇش چىراي كىشى ئۇچرىمايتتى. ئادەملەر ئاز ئىدى، ھېچكىم بىرىگە  قاراپ سالام-سائەت قىلىشمايتتى. قىزىم ماڭا قاراپ سورىدى:

دادا تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىللە ئۆتكۇزەمدۇق ؟

چوقۇم بىللە ئۆتكۈزىمىز قىزىم! مەن مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە.

كىلىش ئالدىدا تۇرغان 10-ئاپرېل شەھرىبانۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، كاللامدىن ئۇنىڭغا ئۇچىنچى يىلى  يەنە ھەمرا بولالمايدىغانلىقىم، ھەتتا ئۇنىڭغا تېلىفۇندا بىر ئېغىز : قىزىم سزنى سېغىندىم، سزنى ياخشى كۆرىمەن دىيەلمەيدىغانلىرىم كەچتى. ئۇنىڭ ئاپىسى، تاغىسى، چوڭ ئاپىسى، ئۇكىلىرىغا كەلگەنلەر بەلكىم ئۇنى باشقا بىر شەھرىبانۇ قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەنىلا مىنى دادا دەپ چاقىردى، بەلكىم بۇ بىر چۇشۇم بولۇشى مۇمكىن. سىرلىق ئۇلارنىڭ تەقدىرى ماڭا، مىنىڭ تەقدىرىم ئۇلارغا سىرلىق قىلىشى مۇمكىن !

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.