19-فىۋرال ئاق ساراي،دۆلەت مەجلىسى ،ختتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا چوڭ نامايش!

 

19-فىۋرال ئاق ساراي،دۆلەت مەجلىسى ،ختتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا چوڭ نامايش!

ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى،

ختتاي دىموكراتىيە پارتىسينىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئانغا ھاۋالە قىلغان خەۋىرى:

ختتاي دىموكراتىيە پارتىيسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا ئاق ساراي،دۆلەت مەجلىسى،فىدراتسيە تەكشۇرۇش ئىدارسى،ئەدلىيە منتسرلىكى،ختتاي ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا ختتاي كومپارتىيەسگە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئىلىپ بىرىلماقچى.

سائەت 10:00 دا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا،12:30 دا ئاق ساراي ئالدىدا،1:30 دا ختتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

فىدراتسيە تەكشۇرۇش ئىدارسى ئالدىدا:«كومپارتىيەنى قوللايدىغان تەشكىلات-ئورگانلارنى تەكشۇرۇڭلار ،ختتاي جاسۇسلىرىنى تۇتۇڭلار،ختتايپەرەس مۇھاجىرلارنى قوغلاپ چىقىرىڭلار،مىڭۋەنجۇنى ئامېرىكىغا ئەكىلىپ جازالاڭلار دەپ توۋلىنىدۇ.

تاشقى ئشلار منستىرلىكى ئالدىدا:ماگنستىكى قانۇنى ئارقىلىق چىن چۋەنگونى جازالاڭلار،لاگىرلارنى تاقاتقۇزۇڭلار،ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇڭلار،تىبەتنى قۇتۇلدۇرۇڭلار دەپ توۋلىنىدىكەن.

سودا منستىرلىكى ئالدىدا :سودا ئۇرۇشنى قوللايمىز،ختتاينىڭ بىر قېتىم ئالدامچىلىقى شى جىنپىڭنىڭ نومۇسى،ئىككى قىتىم ئالدىغانلىقى تىرامپنىڭ نومۇسى دەپ توۋلىنىدىكەن.

ئاق ساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا:ختتاي دىموكراتىيەلەشمىسە،ئامېرىكا بىخەتەر بولمايدۇ،دۇنيادا تىچلىق بولمايدۇ،ئامېرىكا جىنايەتچى كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇشى كىرەك دەپ توۋلايدىكەن.

مەزكۇر پارتىيە ئۇيغۇر جامائىتىنى نامايىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى ئاساس قىلىنغان بۇ نامايىشتا:ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە سۇكۇت قىلساڭلار ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىدىكى خىرىستىئانلارمۇ ئوخشاش كۇن كۆرىدۇ دىگەننى تەشۋىق قىلىدىكەن.