ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى:2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى سۈرىيە تاغلىق رايونىدا قاپسلىپ قالغان.

2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى سۈرىيە تاغلىق رايونىدا قاپسلىپ قالغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى،ئوتتۇرا شەرق.2019-يىلى،8-فىۋرال،ئافراسياپ.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگەللىشىمىزچە،2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال-بالىلار سۈرىيەنىڭ شمالىدىكى (بىز ئىنىق جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىنى ئىگەللىدۇق،ئەمما ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇنى ئاشكارىلىمايمىز) مەلۇم ئۆلكىگە قاپسلىپ قالغان بولۇپ،ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇلار تۇرىۋاتقان جايلىرىدىن يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىگەللىشىمىزچە، بۇلاردا ھازىر قاتناش قورالى كەمچىل،نەگە بىرىشنى بىلمەيدۇ،يېنىدا ھىچقانداق رەسمىيەت يەنى پاسپورت،يول خېتى يوق،ئىككى تەرەپتە ئۇرۇش بولۇۋاتقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە.

ئۇنىڭدىن باشقا 100گە يېقىن ئۇيغۇر ئايال ۋە بالا كۇرد ئەسكەرلىرىگە ئەسرگە ئىلىنغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ خەتەردە ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال ئىراق تۈرمىسدە چىگرىدىن  قانۇنسز كىرگەن دىگەن باھانە بىلەن قامالغان .

بۇلار تىرورچى ياكى قوراللىق ئەسكەر ئەمەس،ئۇلار ئامالسز قالغان ئاجىز ئنسانلاردۇر،ئۇلار ھىچقانداق رەسمىيەتسز قالغاندىن كىين،ئۇلارنىڭ ھاياتى،تۇرمۇشىغا ۋەدە قىلغان كىشلەرگە ئەگىشپ،تۈركىيەدىن سۇرىيەگە كىرگەن،نەتىجىدە بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالغان.

بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن بىر جىددى خىزمەت،قولىدىن كىلىدىغان بارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرشش كىرەك.