خىتاي «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟(2)

تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 14-ئىيۇل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

 

  1. خىتاي يۇمشاق كۈچتە دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتەلەمدۇ؟

خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى قىزىقىۋاتىدۇ. خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ 2007-يىلىدىكى 17-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «خىتاي يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر ناھايىتى ئاقىلانە ئىستراتېگىيە. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەربىي كۈچىڭىزنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىكەنسىز، سىز قوشنىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ قويىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنىمۇ باشقا ئىككى خىل كۈچ بىلەن بىللە ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قوشنىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىدىكەنسىز، قوشنىلىرىڭىز سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا ئۇنچىۋالا كۈچىمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى بىر ناھايىتى ياخشى ئىستراتېگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردىكى مەسىلە، يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىتاي ئۈچۈن ئانچە ئاسان ئەمەس. خىتاي ھازىر نەچچە مىليارد دوللار پۇل خەجلەپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىقلارنى چەت ئەلگە كېڭەيتىپ، ئەلجەزىرەگە ئوخشاش بىر خەلقئارالىق خەۋەر تورىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تارقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلار. ئەمما خىتايلۇقلار دۇچ كېلىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيادىكى كۆپىنچە ئەللەر يۇمشاق كۈچنى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئارقىلىق يۈكسەلدۈرمەي، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ گراژدان جەمئىيەتلىرى (civil society) ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئانچە چوڭ رول ئوينىماي، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە كەڭ تارقالغان ئامېرىكا مەدەنىيىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. خىتاي ئاممىۋى مەدەنىيەت ۋە گراژدان جەمئىيەتلىرىگە ھېچ قانداق ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مەسىلەن، خىتاي 2009-يىلى شاڭخەيدە خەلقئارا كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەندە، مەن ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجابىي تەسىرات بىلەن قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا داڭلىق «2008 خىتابنامىسى» نى يازغان ليۇ شاۋبونى سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئوسلوغا بېرىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا يول قويمىدى. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان گراژدان جەمئىيەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش ئىشىنى يولىدا ئورۇنلىيالمايۋاتىدۇ.

قىسقىسى، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچ سەۋىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىتاي تېخى كۆپ ئارقىدا. خىتاي ئۆزىنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۈنۈملۈك يۈكسەلدۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

  1. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

خىتاي ئىقتىسادىي كۈچ، ھەربىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچ جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، مېنىڭچە خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاشۇ 3 خىل كۈچ بويىچە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىكەن، ئۇ ئۆزىدە ھاكاۋۇرلۇقنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلگەن ئەلدە بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەندىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ نىسپىي كۈچلىرىنى توغرا چۈشىنەلەمدۇ، ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدە بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا يۈز بەرگەندەك ئەھۋالنى قايتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مېنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم: ئۇنداق بولمايدۇ. 1914-يىلىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن خېلىلا بۇرۇن، يەنى 1900-يىللىرى ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە گېرمانىيە ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنۈمدەك، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ كۈچلىنىشىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش، ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن بىزنىڭ نەچچە ئون يىلدەك ۋاقتىمىز بار. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بىز ھازىردىن باشلاپلا قورقۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت (Franklin Roosevelt) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتساق، بىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئەنسىرىشىمىزگە تېگىشلىك نەرسە ئاشۇ ئەندىشىنىڭ ئۆزىدۇر. ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كېتىش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىسىز. ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ زىددىيەتلەر مەۋجۇت ئەمەس. بۇرۇن ناتسىست گېرمانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىيەتلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى بىزنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما ھازىر خىتاي ئۇنداق بىر ئىشقا ئۇرۇنىۋاتمايۋاتىدۇ. خىتاي ئىستەيدىغان كۆپلىگەن نەرسىلەر بىزنىڭ ئىستەيدىغىنىمىز بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. خېلى كۆپ ساھەلەردە بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا بىللە ياشىيالايمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئاشۇنداق بىللە ياشاشقا مەجبۇرمىز. ئەگەر بىز 21-ئەسىردىكى چوڭ قىيىن ئۆتكەللەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ھازىر دۇنيالىشىش ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئۆز-ئارا سىڭىپ كىرىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىشتا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھەمكارلاشمىسا بولمايدىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى. ھاۋادا CO2 (كاربون تۆت ئوكسىد) پەيدا قىلىشتا ھازىر خىتاي بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلغان بۇلغىنىش دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەرگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. كەڭ تارقالغان كېسەللىك ۋە دۆلەتلەر ئارا تېررورىزملىققا ئوخشاش ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۈنۈم قازىنالمايمىز. بۇنداق مەسىلىلەرنى يالغۇز ئامېرىكا، يالغۇز خىتاي، ياكى يالغۇز ياۋروپالا ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدۇ. بىز چوقۇم ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز بۇنىڭدىن كېيىن كۈچ ھەققىدە توختالغاندا، باشقا دۆلەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچنى ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ پايدىلىنىدىغان كۈچنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك. بەزىدە مۇشۇنداق ئىككى خىل كۈچنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.

بۇ دېگەنلىك كلاسسىك ھەربىي مەسىلىلەر ۋە دىپلوماتىك مەسىلىلەر مۇھىم ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق مەسىلىلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نېفىت بايلىقىنى تالىشىش مەسىلىسى. ئەمما، بەزى مەسىلىلەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. دۇنياغا كەڭ تارقالغان كېسەللەر، ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق مەسىلىلەرنى باشقىلار بىلەن تەڭ پايدىلىنىدىغان كۈچلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا ئامېرىكا خىتايغا قارىتا قانداق تاشقى سىياسەت قوللىنىشى كېرەك؟ مېنىڭچە سەۋرچانلىق سىياسىتى قوللىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەم بەك ئىسسىق ئەمەس، ھەم بەك سوغۇق ئەمەس بىر سىياسەتنى قوللىنىشى كېرەك. بىز خىتاي بىلەن ھەم ھەمكارلىشىدىغان، ھەم رىقابەتلىشىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن بۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. يەنى، ئامېرىكا بىرسىگە مۇئامىلە قىلىشتا «دۈشمەن» ۋە «دۈشمەن ئەمەس» دەپ ئېنىق ئايرىشقا ئۆگىنىپ قالغان. بىز «خىتاي ھەم ھەمكارلاشقۇچى، ھەم رىقابەتلەشكۈچى» دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز، 21-ئەسىر بىز ئۈچۈن بىر ئازابلىق ئەسىر بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىز بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىكەنمىز، مېنىڭچە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىر ئانچە يامان ئىشمۇ ئەمەس. بىز شۇ ئارقىلىق بىر ئەسىردىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنالايمىز.

ئىلاۋە: پروفېسسور ناينىڭ نۇتقى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوئال-جاۋاب سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكىسى شۇ جەرياندىن مەن ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلار.

  1. سوئال-جاۋابلار

بىرىنچى سوئال: ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: يۇمشاق كۈچ ئادەتتە مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ قورالى بولالمايدۇ. مەسىلەن، يۇمشاق كۈچ شىمالىي كورېيە كرىزىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ بەزى ساھەلەردە بەلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئامېرىكىدا 125000 دىن ئارتۇق خىتايلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپلىرى ئوقۇش پۈتكەندە خىتايغا قايتىدۇ. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپلىرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىن مىننەتدار. شۇڭلاشقا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش جەھەتتە بىز خېلى ياخشى ئاساسقا ئىگە. بۇ يۇمشاق كۈچ بىلەن ھەممە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بۇ ئۆز چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتا ئامېرىكا بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە، دېگەنلىك.

مەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاڭ ئىسىملىك بىر پروفېسسور بىلەن بىللە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازدىم. بىز ئۇ ماقالىدە مۇنداق بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ ئامېرىكىدا ئۆسۈشى بىلەن خىتاي ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكا يۇمشاق كۈچىنىڭ خىتايدا ئۆسۈشى بولسا ئامېرىكا خىتايلۇقلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلدۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى دۆلەت پايدا ئالىدۇ. يۇمشاق كۈچنى مۇشۇنداق چۈشىنىش ئەقىلگە بىرقەدەر مۇۋاپىق، دەپ ئويلايمەن.

ئىككىنچى سوئال: ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىر خىتايدا بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى ب د ت دا خىتاينى سۈرىيەگە قارشى بىلەت تاشلاشقا ئېلىپ بېرىشتەك ئىشلارنى قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ئىچىدە ھازىر خىتايلۇقلار كىشىلىك ھوقۇققا بۇرۇنقىدىن ياخشىراق دىققەت قىلىشقا باشلىدى. خىتاي باي بولغانسېرى مۇشۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. خىتايلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىكى يۇمشاق كۈچىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ھەر قېتىم خىتايغا بارغاندا كىشىلەر مېنى مۇشۇنداق تېمىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. مەندىن «خىتاي قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ. مەن ئۇلارغا «ليۇ شياۋبونى تۈرمىدىن قويۇۋەتسەڭلار، ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايسىلەر»، دەپ جاۋاب بېرىمەن. مېنىڭ بۇنداق جاۋابىم يىغىن مەيدانىدىكىلەرنىڭ بەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما دوكلات ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: «دېگىنىڭىز توغرا، بىز ئاشۇ نىشانغا قاراپ تىرىشىۋاتىمىز»، دەيدۇ. بۇ يىل (2012-يىلى) 2-ئايدا شى جىنپىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر زىياپەتكە قاتنىشىۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن ئۇنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىستىدى. شۇ چاغدا شى جىنپىڭ «بۇنىڭ سىلەر بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق»، دېمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «بىزنىڭ بۇ ئىشتا يەنە ئۇزۇن مۇساپىمىز بار، ئەمما بىز ئاشۇ يولدا تىرىشىۋاتىمىز»، دېدى. دېمەك، بۇ جەھەتتە بىز ئازراق-ئازراقتىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىمىز.

ئۈچىنچى سوئال: بىز ھازىر ئامېرىكىنىڭ 237 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چېكىنىشنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىزمۇ؟ خىتاي 5 مىڭ يىلدەك تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەر خىل دەۋرلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. مېنىڭچە بىز ھازىر بىر چوڭ خەتەر ئاستىدا قالدۇق. ئەگەر خىتاينىڭ پۇلى بولمىغان بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋەيران بولغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بىز ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز-ئارا باغلىنىپ قالدۇق. خىتاي ھازىر بىز زور كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال سىنىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى خالاپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. سەۋەبى، ئۇنداق ئوتتۇراھال سىنىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى شۇ پېتى ساقلاپ مېڭىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. بىز ھازىر قايسى يۆنىلىشكە كېتىۋاتىمىز؟ پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىغاندا خىتاي ھازىر قايسى تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئامېرىكا بىر قانچە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بىز ھەل قىلمىساق بولمايدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، دۆلەت قەرزى، ۋە تېخنولوگىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان باراۋەرسىزلىك مەسىلىسى قاتارلىق بار. ئەمما خىتاي دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. مېنىڭچە ئامېرىكا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر خىتاي دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردەك ئېغىر ئەمەس. خىتاي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ باقمىدى. مەسىلەن، ھىندىستان قۇرۇلغاندىلا بىر دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن بىلەن قۇرۇلغان. خىتايدا خەلق ئاممىسىنى سىياسىيغا قاتناشتۇرۇش قۇرۇلمىسى مەۋجۇت ئەمەس. كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ئىستىكىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. بۇ يەردە مەن خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى كۆزدە تۇتمىدىم. ھازىر خىتايدا 500 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس ئىنتېرنېت ئىشلىتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقى بۇرۇنقىدىن كۆپ قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇڭلاشقا خىتايمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما مېنىڭچە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھازىر ئامېرىكا ياخشىراق چارە-تەدبىرلەرگە ئىگە.

تۆتىنچى سوئال: سىزچە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە خىتاي يەنىلا بىر دۆلەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ خىتاي بىر ناچار ئىمپېرىيىگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە خىتاي شۇنداق بولۇپ تۇرالايدۇ. ھازىر خىتايلۇقلارنىڭ مىللەتچىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك. ج ك پ مىللەتچىلىككە تايىنىپ، ئۆزىنى بىر ھوقۇقلۇق قۇرۇلما سۈپىتىدە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى «كوممۇنىستىك پارتىيە» دېسىمۇ، ھازىر كوممۇنىزملىقى ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى. ئۇلار ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مىللەتچىلىككە تايىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاينى يېقىندىن كۆزىتىپ باقسىڭىز، ئۇ يەردە مىللەتچىلىكنىڭ ناھايىتىمۇ بەك باش كۆتۈرگەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق بولۇشىدا رول ئوينىغان بىر تەرەپ ھۆكۈمەت، يەنە بىر تەرەپ بولسا ئوتتۇراھال سىنىپتىكى كىشىلەر سانىنىڭ ناھايىتى تېز كۆپىيىشى. مېنىڭچە خىتاي ئۆزىنى بىر دۆلەت سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

خىتاينىڭ بىر ناچار ئىمپېرىيىگە ئايلىنىپ قېلىش ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇ جەھەتتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ناھايىتىمۇ تەس. خىتاينىڭ رەھبەرلىك قوشۇنى مۇددەتلىك ھالدا ئالمىشىپ ماڭدى. ھازىرقى رەھبەرلەر 4-دەۋر رەھبەرلىك قوشۇنىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇددىتى بۇ يىل (2012-يىلى) نىڭ ئاخىرى توشىدۇ. كېلەر يىلدىن باشلاپ ھوقۇق تۇتىدىغانلار «5-دەۋر رەھبەرلىرى» گە تەۋە بولىدۇ. بەزىلەر «خىتايدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىش 6-دەۋر رەھبەرلىرىنىڭ قولىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ»، دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ. 6-دەۋرلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەلدە ئوقۇغانلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە دۇنيا ھەققىدە مول بىلىملەرگە ئىگە كىشىلەردىن بولىدۇ. 6-دەۋرلىك رەھبەرلەر 2024-يىلى ھوقۇققا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر شۇ چاغدا يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا خىتايدا سىياسىي جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ھازىرقى گەپ ج ك پ شۇ ۋاقىتقىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. بىز ئامېرىكىدا تەڭسىزلىك ئەھۋالى مەۋجۇت، دەيمىز. خىتايدىكى تەڭسىزلىك تېخىمۇ ئېغىر. خىتايدا چىرىكلىك ناھايىتىمۇ ئېغىر. خىتايدا دېھقانلار ۋە باشقىلارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ناھايىتىمۇ ئېغىر. شۇڭلاشقا ج ك پ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ، ھەمدە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شۇ ئاساستا 2020-يىللىرىغىچە ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىشى كېرەك. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىرچە بۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ 2020-يىللىرىغا ئۇلىشالايدىغان-ئۇلىشالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بەشىنچى سوئال: سىز «خىتاي بىز بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستەيدۇ»، دېدىڭىز. خىتاي ھازىر تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇ يەرلەرگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز. سىزچە مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن بىرەر چوڭ توقۇنۇش پەيدا بولامدۇ؟ مىئېرشايمېر ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشلار يۈز بېرەمدۇ؟ بىز ھازىردىن باشلاپ خىتاينى چەكلىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: «خىتاي بىز بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستەيدۇ»، دېگىنىمدە مەن ئاساسلىقى پۇل تېپىپ باي بولۇش، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلارنى كۆزدە تۇتقان. مېنىڭچە تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ئۈستىدىكى رىقابەت تەشۋىقاتلاردا سەل كۆپتۈرۈلۈپ بايان قىلىندى. خىتاي ئافرىقىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن نېفىت ۋە مىنېراللارنى سېتىۋالسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسىدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى ئىش. «ئافرىقىدىكى نېفىتلەرگە خىتاي ئىگە بولۇۋالسا، بىزگە نېفىت قالمايدۇ»، دېگەنگە ئوخشاش ئىدىيىلەر نېفىت بازىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. نېفىت مەنبەلىرى دۇنياغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىزگە بىر جايدىكىسى تەگمىسە يەنە بىر يەردىكىسى تېگىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالمايدۇ.

پروفېسسور مىئېرشايمېرنىڭ قارىشىچە بىر دۆلەت ناھايىتى كۈچىيىپ كەتسە، بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن دۆلەتتە ئەندىشە پەيدا بولۇپ، يېڭىدىن ئۆسۈپ چىقىۋاتقان دۆلەتنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەن كلىنتون ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىز بۇ مەسىلىگە، ھەمدە خىتاينى چەكلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىغا ناھايىتى ئەستايىدىل قاراپ چىققان ئىدۇق. بىزنىڭ قارارىمىز «ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق»، دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئىدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە پەقەت خىتايلا ئۆز-ئۆزىنى چەكلىيەلەيدۇ. يەنى، ئەگەر خىتاي بىر زومىگەردەك ئىش تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار قايتۇرىدىغان ئىنكاسلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ قوشۇن تۇرغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاش بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز 1990-يىللىرى تۈزگەن، ھەمدە شۇنىڭدىن بېرى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيە خىتاينى چەكلىمەسلىك، يەنى خىتاينى سوغۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش چەكلىمەسلىك بولدى. بىز خىتاي بىلەن سودا قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز خىتايدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا پۇل قەرز ئالدۇق. بىز بۇرۇن سوۋېتلىقلار بىلەن سودا قىلمايلا قالماي، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچ قانداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولمىغان. ھازىر ئامېرىكىدا 125000 نەپەر خىتايلۇق ئوقۇغۇچىلار بار. شۇڭلاشقا بىز سوغۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش خىتاينى چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويمىدۇق. ئەمما بىز خىتاينى بىر زومىگەردەك ئىش تۇتمايدىغان قىلىشقا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

پەقەت ئامېرىكا ياپون ۋە ھىندىستان بىلەن ھازىرقىدەك ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ھازىرقىدەك بىر قوغدىغۇچى بولۇش، ۋە خىتاينىڭ قوشنىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىش ئورنىنى ساقلاپلا ماڭىدىكەن، ئۇ ھالدا مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك پەقەت خىتاي ئۆز-ئۆزىنى چەكلەيدىغان بىر ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى. 2009 – 2011-يىللىرى خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، شەرقىي خىتاي دېڭىزى، ۋە ياپونىيە سېنكاكۇ ئاراللىرى رايونلىرىدا بىر قىسىم كېڭەيمىچىلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھەممە قوشنىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى. بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ ئاسىياغا بېرىپ بىر يېڭى NATO قۇرغانلىقىمىزدىن ۋۇجۇدقا كەلمىدى. بەلكى خىتاينىڭ قوشنىلىرىنىڭ بىزنى تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىشى، ياكى بىزنىڭ ئاشۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىمىزنى تەلەپ قىلىشى بىلەن بولدى.

قىسقىسى، بىزنىڭ خىتاينى چەكلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئاسىيادىكىلەرگە مۇش تەڭلەپ يۈرۈشىگە يول قويمايدىغان بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ ماڭساقلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ بىز ھازىرغىچە يولغا قويۇپ كەلگەن ئىستراتېگىيە بولۇپ، مېنىڭچە بۇ ئىستراتېگىيە ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتساق، مىئېرشايمېر ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: سىز خىتايلۇقلار ھەربىي تەرەققىياتتا ناھايىتى كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار كۆپ ئارقىدا، دېدىڭىز. ئەمما خىتاي ھازىر ئىنتېرنېت ئۇرۇشى جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇلار ئىنتېرنېت ئۇرۇشىدىكى ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشەلەمدۇ؟ ئەگەر تەڭلىشەلىسە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا مۇش ئېتىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

جاۋاب: ئىنتېرنېت ساھەسى بىر ناھايىتى مۇھىم ساھە بولۇپ، خىتاي ھازىر ئۇ ساھەدىمۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىلەر «خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتر توكى تورلىرىغا لوگىكىلىق بومبا سېلىپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ»، دەيدۇ. ئەمما، خىتاي ئۇنداق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىگىمۇ چوڭ زىيانلارنى سالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن خىتاي قولىدىكى دوللارلارنى بازارغا بىراقلا سېلىۋېتىشتىن ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار قولىدىكى دوللارنىڭ ھەممىسىنى بازارغا سېلىۋەتسە، ئۇلار ئامېرىكىنى يۈكۈندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى يېتىپ قالىدۇ. يەنى ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت خىتاينى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.

ھازىرقى مەسىلە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتا ئامېرىكا بىلەن بىر چوڭ ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ئەمەس. ھازىرقى مەسىلە خىتاي ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدىن ئىنتايىن زور مىقداردىكى ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز خىتايلۇق بولسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇرۇن كىشىلەر جاسۇس تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدىن يەنە بىر دۆلەتكە ئەۋەتىپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغرىلايتتى. ھازىر ئۇچۇر ئوغرىلاش ئېلېكترونلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەگەر بىر قېتىم ئېلېكترونلۇق ھۆججەت ماڭدۇرۇپ مەغلۇپ بولسىڭىز، ئۇنى قايتا ماڭدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. ھازىر سىز ئەۋەتكەن جاسۇسلار تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە قامىلىدىغان، ئاندىن سىز بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا بىز ھازىر خىتايلۇقلار بىلەن مۇشۇنداق ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بىر يولنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ ئىش ئىنتېرنېت ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشتىن كۆپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭدا ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالالايدىغان زىيىنىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا سالالايدىغان زىيىنى جىق كۆپ بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۇنداق ئىشتىن ساقلانمىسا بولمايدىغان ئامىللار بار. ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان مەلۇم بەدەللەر بار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بەدەللەر مەۋجۇت بولمايدىكەن، خىتاي بۇ ئىشنى قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ھازىر ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ» دېگەن بىر ئىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىن ئۆتكەن يىل تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت ئوغرىلىقى مەسىلىسىنى بىر مۇزاكىرە تېمىسى قىلدى. مېنىڭچە بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە يەنىمۇ تىرىشمىساق بولمايدۇ.

يەتتىنچى سوئال: سىز بۈگۈنكى سوئال-جاۋاب ۋاقتىدا «تېخنولوگىيە جەھەتتىكى يۈكسىلىشلەر ئامېرىكىدىكى تەڭسىزلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى»، دېدىڭىز. مېنىڭ قارىشىمچە ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بىر پىرسەنتتەك كىشىلەر ھازىر ھەممە ھوقۇقلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىنقى 30 يىل جەريانىدا بارغانسېرى كۆپ بايلىقلارغا ئىگە بولۇۋالدى. ھازىر ئۇلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئاھالىسىنىڭ كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنىڭ ھەر خىل سەۋەبلىرى بار. بەزى كىشىلەر «بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيالىشىش، مەسىلەن، خىتايلۇق ئىشچىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن شىركەتنى چەت ئەللەرگە يۆتكەش»، دەپ قارايدۇ. بۇلار ھەقىقەتەنمۇ سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ. خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، كىرىم جەھەتتە ھازىرقىدەك چوڭ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تاشقى سودا بىلەن ھېچ بىر مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئەگەر خىتاي مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ ھازىرقىدەك كىرىم جەھەتتىكى تەڭسىزلىك پەيدا بولۇۋەرگەن بولاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئاشۇنداق يېڭى تېخنولوگىيىلەرنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇشلارنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ كۆپ ئۆسۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن 30 – 40 يىللار بۇرۇن سىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، بىر ماشىنا ياساش شىركىتىدە بىر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئامبۇر-بولقا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپلا خىزمىتىڭىزنى قىلالىغان بولاتتىڭىز. ئەمما ھازىر سىز كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئوتتۇراھال سىنىپ قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوقۇشتا بۇرۇن بىلەن ھازىرنىڭ پەرقى ناھايىتىمۇ زور. بۇنداق پەرقنى خىتاي كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، ئۇنى ئۇچۇر تېخنولوگىيىسى بىلەن ئىقتىساد كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەڭسىزلىكنىڭ ھەممىسى مۇشۇلا ئەمەس. تەڭسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئىقتىسادىي سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللارمۇ كۆپ. ئەمما بۇنىڭدىن 30 – 40 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى كىرىم تەڭسىزلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىدىكى تەرەققىيات مۇھىم رول ئوينىدى.

سەككىزىنچى سوئال: ھازىر ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 6 -7 چوڭ ھەربىي بازا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭ بۇ بازىلارنى داۋاملىق ساقلاپ مېڭىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پايدىسى بار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بولسا پايدىسى يوق. مەسىلەن، بىز ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك. ئىراق بىلەن ئافغانىستان ئامېرىكا ئۈچۈن بىر چوڭ خاتالىق، ھەمدە بىر چوڭ پۇل ئىسراپچىلىقى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيەنى ئالىدىغان بولساق، ھازىر ياپوندا 50 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ياپون تۆلەيدۇ. ياپوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز پۇل خەجلىمەيمىز. ئۇنىڭ چىقىمىنى ياپونلارنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ زومىگەرلىكىدىن قوغدايدىغان بىر كاپالەتكە ئېھتىياجى بار. دېمەك، بىز بەزى جايلاردىكى ھەربىي بازىلارنى قىسقارتىشىمىز كېرەك، يەنە بەزى يەرلەردىكىنى، مەسىلەن، ياپونىيەدىكىنى بولسا قەتئىي ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. ئۇ بازا بىزگە پۇل چىقىمى ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ رايونلاردىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە بىز ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك.

(تۈگىدى)

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

Joseph Nye: The Rise of China and American Power

https://www.youtube.com/watch?v=BwWT0kbYSZs&t=6s

 

1 thought on “خىتاي «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟(2)

  1. ئىككىنچى سوئال: ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
    بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن ئۈمىسىزلەندىم.
    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور جوسېف ناي (Joseph Nye) دېيىلگەن بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ خىتاينىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە بولغان تەسىراتى بىزنىڭ بەزى دېھقانلىرىمىزچىلىكمۇ ئەمەس ئىكەن.

Comments are closed.

قورالبالدىقىغا ئاتلايمەن