رابىيە خانىم: ئامېرىكا ئويغاندى، ياپونىيەمۇ بايانات ئېلان قىلىدىغان يېرىگە كەلدى

ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىساد گېزىتى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: بوران

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى  رابىيە قادىر 25-ئ‍ۆكتەبىر ياپۇنىيەدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىساد گېزىتى (産経新聞 ياپۇنىيەدىكى نوپوزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا بولغان ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى باستۇرۇشى ھەققىدە توختۇلۇپ، «ناتسىس گېرمانىيە ھۆكۈمدارى گېتلىرنىڭ يەھۇدىيلارنى باستۇرۇشىدىنمۇ ۋەھشىي بولغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە «ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن كۆزىنى ئاچتى، ياپونىيەمۇ  ئامېرىكا بىلەن بىللە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشى لازىم» دېدى.

رابىيە قادىر يەنە «خىتايغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بار ئىنسانلارغا يەتكۈزگۈم باركى، بۇ مەسىلە ئەگەر سۈكۈت قىلىنىپ دەرھال بىرەر تەدبىر قوللىنىلمىسا ئۇيغۇرلار يەرشارىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ» دەپ ھازىرقى  ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشىنى چۆرىدەپ ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ پارلامنت ئەزالىرى «تارىختا بولۇپ باقمىغان قىرغىنچىلىق» دەپ تەنقىد قىلىپ، پىرىزدىنت ترامپدىن خىتايغا قارىتا قاتتىق ئېقتىسادىي چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئېرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتىمۇ بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتايدىن تىرناقتا توختىغىدەك ئىسپاتى بولغان چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. لېكىن رابىيە قادىر بۇنىڭغا قارىتا «خىتاينىڭ ب د ت غا بولغان تەسىر كۈچى چوڭ، ب د ت نىڭ خىتايغا بولغان بېسىمى يېتەرلىك ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى.

ياپۇنىيە ۋەزىرى شىنزو ئابى ھەققىدە بولسا بۇرۇن يۈز كۆرۈشكەن تەجرىبىسى ئاساسىدا  «ئاسىيا مەسىلىلىرىگە بولغان كۈچلۈك تونۇش كۈچىگە ئىگە سىياسەتچى» دەپ تەرىپلەپ، 26-كۈنىدىكى خىتاينىڭ رەئىسى شىجىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە «شىجىنپىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاستە ئوتتۇرۇرىغا تاشلىشىنى خالايمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرىۋاتقان زور ئىقتىسادىي چەمبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلىشى بىلەن ئۇيغۇرلاغا بولغان باستۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە «ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ئىدىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلانىڭ تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ زوراۋانلىق ئىدىيىسى ياپۇنغىمۇ يېتىپ كېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېھتىيات قىلىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر 26 -ئۆكتەبىر كۈنى ئ‍ېچىلىدىغان دۇنيادىكى پائالىيەتچىلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غۇرورى ۋە ھوقوقىنى ھىمايە قىلىش دەۋاسىنى قىلىدىغان يېڭى خەلقئارالىق تەشكىلات «ئەركىن ھىندى-تىنىچ  ئوكيان ئىتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن ياپونىيەگە كەلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر «ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇر، تىبەت، مۇڭغۇل قاتارلىق ھەر مىللەتلەر بىرلىشىپ تەڭ قارشى تۇرۇش تەييارلىقىدىمىز. ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىيە دۆلىتى بولغان ياپونىيەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ كۆپلەپ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىش بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ياكى ياپون تىلىدىكى رادىئو ئىستانىسى تەسىس قىلىش  قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلاغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئەسلى مەنبە: https://www.sankei.com/world/news/181025/wor1810250048-n1.html

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar