توكيودا ئۇيغۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان «ئەركىن ھىندى- تىنچ ئوكيان ئتىپاقى» قۇرۇلدى

ياپونىيە NHK خەۋەر تورى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلىك

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتايدىكى ئاز سانلىق ھېساپلىنىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇنسىز  تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىئەتنىڭ قىززىق نوقتىسى بولىۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەلدىكى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭى بىر تەشكىلات توكيودا قۇرۇلدى ۋە ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

 چەتئەلدىكى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن 10ئادەم تەرىپىدىن، 10-ئاينىڭ 26-كۇنى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇلدى ۋە توكيودا خاتىرلەش يىغىنى ئېچىلدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىك سالاھىتىنى 2005- يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن ، رابىيە قادىر خانىم ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

بۇ تەشكىلات ياپونىيە ھۆكۇمىتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۆزىنىڭ باش ۋەزىر ئابىدىن خىتايغا ئۇيغۇرلارنى لاگىرلاردىن قويۇپ بېرىشكە بېسم چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

 

مەنبە: https://www3.nhk.or.jp/news/html/20181026/k10011687121000.html

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar