بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەش ھەققىدە

 تەييارلىغۇچى: بانۇ سۇتۇق

مەنبە: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلىق تىلەش ئاگېنتلىقى تورى

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەش ھەققىدە

(يۇقۇردىكى ئۇلۇنىشتىن PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ)

 

زۇلۇمدا قالغان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەم مەسئۇلىيەت ھەم جىددىي بولغانلىغىدەك، چەتئەلدىكى مۇھتاجلىقتا قالغان  قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشمۇ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە پات ئارىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان خىتاي پاسپورتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ياردەمگە مۇھتاج. بۇ خىل ئەھۋالدا قالغان ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەردىن بەزى قېرىنداشلىرىمىز بەلكىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلىگەن ۋە تىلەشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. مۇشۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجنى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەپ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىش توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان چۈشەندۈرۈشنىڭ كەم ھەم زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇچۇرلارنى بىلىشىگە ياردىمى بولسۇن دىگەن نىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بۇ يازما تەييارلاندى.

يازمىنىڭ مەزمۇنلىرى:

  1. پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەن نىمە؟
  2. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەريانى قانداق؟
  3. ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىۋىگە چۈشىدىغان پاناھلىق تىلەش تۈرلىرى قايسىلار؟
  4. تۈركىيىدىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار قايسىلار ۋە ئۇلار قايسى جەھەتلەردە ياردەم بېرىدۇ؟
  5. بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ نىمە ئىش قىلالايمىز؟

ئاساسى مەزمۇن:

  1. پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەن نىمە؟

پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دېگىنىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولۇپ، پاناھلىق بېرىلگەنلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇشلىق، يەنى پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان دۆلەتتىن باشقا بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىخەتەر دۆلەت ئۈچىنچى بىر دۆلەت  ياكى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەت دىيىلىدۇ[1].  2016- يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر سانى 37 گە يەتكەن بولۇپ، ئاۋىسترالىيە، بىرازىلىيە، كانادا، چىلى، فىنلاندىيە، ئېرلاندىيە، نورۋىگىيە، پورتۇگالىيە، شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان قىسمەن ئۇچۇرلىرىنى بۇ تور ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز[2]). بۇ دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن پاناھلىقى قوبۇل بولغانلارنى پاناھلىق تىلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا شۇ دۆلەتتە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىجازەتنامىسى (مەڭگۈلۈك تۇرۇش ۋىزىسى ياكى يېشىل كارتا) بېرىدۇ. ئۇلارغا قانۇنلۇق قوغداش كاپالىتىنى بېرىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئۇلار قايتىپ كەتسە جازالىنىشقا ئۇچراش خەۋپى بولغان دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرىۋىتىلىشىدىن قوغدايدۇ. ھەم ئۇلارغا شۇ دۆلەت پۇقرالىرى بەھرىمەن بولىدىغان بارلىق ھوقۇق-ئىمتىيازلارنى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسى جەھەتتىن تاماملانغان بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئېنىق بىلىۋىلىش كېرەككى، پاناھلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋېلىش،  قوبۇل قىلىش قىلماسلىق قارارىنى چىقىرىش، پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى تۈرلەر ۋە دەرىجىلەرگە ئايرىش، شۇ ئاساستا ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەرگە يوللاش جەريانلىرىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىق تىلىگەنلەرگە مەسئۇل تارمىقى (for Refugees Commissioner United Nations High )، ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ، بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ياكى خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر بۇ جەريانغا ئارىلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم بىر پاناھلانغۇچى كىشى ۋە ياكى ئائىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە ۋەزىپىسى يوق.

  1. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەريانى قانداق؟

بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچلار بويىچە سېستىمىلاشقان بىر جەريان. چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك  كۆرسىتىلدى:

  1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇل بولىدىغان جەريان:

بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

تىزىملاش: بىز ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىغا پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىمىز. بۇ ئىلتىماس ئۇلارنىڭ سېستىمىسىغا كىرگۈزۈلۇپ تىزىملىنىدۇ. بۇ ئىلتىماسنى قانچە بالدۇر تاپشۇرسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پۇرسىتى ئىلتىماسنى تاپشۇرىۋىلىش ۋاقتىغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە بېرىلىدۇ. يەنى، ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە سەپەرگە چىقىشىمىزغا، پۇرسىتى كەلگەندە، ئىلتىماسنى بىر نەچچە مىنۇت بالدۇر تاپشۇرغانلىقىمىز سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. (ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي دەرىجىگە ئايرىلغان پاناھلىق ئىلتىماسلىرى پۇرسەت كۈتۈشتىن ساقىت قىلىنغان، تېز ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ).

 

باھالاش: مەسئۇل خادىملار ئىلتىماسنى باھالايدۇ. بۇ جەرياندا  پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلار يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەشكە چاقىرتىلىشى مۈمكىن. بۇ باھالاش پاناھلانغۇچى دىگەن ئۇقۇمغا بېرىلگەن ئېنىقلىما، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرى ۋە دەرىجىلەرگە ئايرىپ باھالىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچى دىگەن ئۇقۇمغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىدۇ: ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتسە ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش، مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىش، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش، مەلۇم بىر ئىجتىمائى گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى بولۇش، ياكى مەلۇم بىر سىياسى قاراشقا ئىگە بولۇش تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىشىدىن قورقۇپ ئۆز دۆلىتىگە قايتىيالمايدىغان ياكى قايتىشنى خالىمايدىغان كىشى پاناھلانغۇچى دىيىلىدۇ. پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئېنىقلىمىغا قارىتا باھالىنىدۇ. ئۇندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى، ھەمدە ئالاھىدە جىددىي، جىددىي ياكى نورمال دەرىجىلەر بويىچە باھالىنىدۇ. بۇ تۈرلەر كېيىنكى ئابزاسلاردا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

 

قارار بېرىش: مەسئۇل خادىملار پاناھلىق ئىلتىماسنى باھالىغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش قارارىنى بېرىدۇ. باھالاش ۋە قارار بېرىش جەريانىغا ئاز دىگەندە بىر ھەپتە، كۆپ بولغاندا بىر يىلغىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يىلغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئاز دىگەندە ئىككى يىل كۈتكەنلەرمۇ يوق ئەمەس.

پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت (ئادەتتە 30 كۈن) ئىچىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىلىدۇ. پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغانلارغا (UNHCR registration number)  پاناھلىق نومۇرى يېزىلغان ئىسپات قەغىزى بېرىلىدۇ. بۇ ئىسپات تېخى بىزگە پاناھلىق، قوغداش كاپالىتى بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەزى ئەھۋاللاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولۇنغانلار يەنىلا قولغا ئېلىنىش خەۋپىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما بۇ ئىسپات قەغىزى بىلەن پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغانلارغا بېرىلىدىغان ياردەملەرگە ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ. بۇ خىل ياردەملەرنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خەيرى ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار (NGO) تەمىنلەيدۇ. كېيىنكى ئابزاسلاردا تۈركىيىدىكى پاناھلىق تىلىگەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتلەردە ياردەم بېرىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

دىمەك، بۇ جەرياننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ ئىلتىماسىغا قارىتا قارا بېرىش. بۇ خۇددى بىز ئادەتتە بىرەر دۆلەتكە ۋىزا يەنى چىگرىدىن كىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلغانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئىلتىماس نەتىجىسىدە، پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغانلار ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تىزىملىكىگە كىرىدۇ، يەنى شۇ پۇرسەتكە ئېرىشىش مۈمكىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ، ھەم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە جىددي، جىددىي ياكى نورمال بولۇشىغا ئاساسەن دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇل بولىدىغان جەرياندىكى ئاساسلىق خىزمەتلەر تاماملانغان بولىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىغا ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەت مەسئۇل بولىدۇ.

  1. ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەت مەسئۇل بولىدىغان جەريان:

بۇ جەريانمۇ قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتتى دىگەندە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا دەل مۇشۇ جەرياندا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ  پاناھلىق ئىلتىماسى نورمال دەرىجىگە بۆلۈنگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ كېلىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن. بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

       ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوبۇل قىلىدىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانىغا باغلىق:  2018 – يىلى ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى 25 مىليوندىن ئاشىدۇ (2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇمات 24.5 مىليون ئىدى). بۇ سانغا سېلىشتۇرغاندا، ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىدىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ  ئومۇمى سانى ئىنتايىن ئاز. مەسلەن، بۇ يىللىق پىلاندا شىۋىتسىيە جەمى 5000 پاناھلىق تىلىگۈچىنى، ئاۋىستىرالىيە جەمى 14،800 پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان[3]. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسەتلىرى ئەڭ ئاۋال ئەھۋالى ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي دەرىجىگە ئايرىلغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە، ئۇندىن ئاشسا، ئەھۋالى نورمال دەرىجىگە ئايرىلىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە پاناھلىق ئىلتىماسىنى بالدۇر-كېيىن تاپشۇرغانلىق ۋاقتىغا قاراپ نۆۋەت بىلەن بېرىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، بىر دۆلەتنىڭ يىللىق پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سانى ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي دەرىجىدىكىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. دىمەك، پاناھلىق ئىلتىماسى نورمال دەرىجىگە ئايرىلغانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشمىكى تەس، بەزىلەر ھەتتا يىللاپ ساقلاپمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

      ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ قايسى دۆلەتلەردىن قانچىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق: ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى مەلۇم قىتئە ياكى دۆلەت بويىچە قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن، شىۋىتسىيە 2018 – يىللىق پىلان بويىچە، ئافرىقىدىن 1800 پاناھلىق تىلىگۈچى، ئاسىيا ۋە تېنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن 300 پاناھلىق تىلىگۈچى، ئوتتۇرا شەرق (تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە شىمالى ئافرىقىدىن 2000 پاناھلىق تىلىگۈچى ۋە ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي ئەھۋال تۈرى بويىچە دۆلەت ئايرىماي 900 پاناھلىق تىلىگۈچىنى، يەنى جەمئىي 5000 پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوخشاش يىلىدا، يېڭى زىللاندىيە پىلان بويىچە، ئافرىقىدىن 28 پاناھلىق تىلىگۈچى، ئاسىيا ۋە تېنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن (مالايسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 519 پاناھلىق تىلىگۈچى، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىن 44 پاناھلىق تىلىگۈچى، ئامېرىكا قىتئەسىدىن (ئاساسلىقى كولومبىيە) 179 پاناھلىق تىلىگۈچى ۋە سۈرىيىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە مەخسۇس ئايرىلغان تۈر بويىچە 250 سۈرىيىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.  بۇندىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر بىر يىلدا قايسى دۆلەتتىن قانچىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا قارىتا بېكىتىدۇ.

      بۇ يەردە يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى چۈشىنىۋىلىش كېرەك: 1.  بۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئائىلە سانى بويىچە ئەمەس، جان سانى بويىچە سانىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ يىل يېڭى زىللاندىيە شىمالى ئافرىقىدىن 44 پاناھلىق تىلىگۈچىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنغان بىر ئائىلىدە بەش جان بولسا، شۇ 44 ساننىڭ بەشى مۇشۇ ئائىلىگە بېرىلىدۇ.    2. ئەگەر بىز پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىمىزنى تۈركىيىدە تۇرۇپ سۇنغان بولساق ھەم ئىلتىماسىمىز قوبۇل بولۇپ پاناھلىق نومۇرى يېزىلغان ئىسپات قەغىزى بېرىلگەن بولسا، شىۋىتسىيىگە ئوخشاش تۈركىيىدىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىدىن قوبۇل قىلىدىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تىزىملىكىگە كىرەلىشىمىز كېرەك.

       پاناھلىق ئىلتىماسى نورمال دەرىجىگە بۆلۈنگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ شۇ يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرىشىگە ئاز دىگەندە 2-3 يىل كېتىشى مۈمكىن. تىزىملىككە كىرىش  بىلەن بۇ جەرياندىكى بىرىنچى قەدەمنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما تىزىملىككە كىرىشمۇ پات ئارىدا شۇ دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش ۋە ئورۇنلىشىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئەمدى بۇ جەرياننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەدەملىرى بويىچە، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەش ۋە قارا بېرىش باسقۇچلىرى بار.

       بۇ يەردىكى كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەش ۋە قارار بېرىش ھەرگىزمۇ پاناھلىق سالاھىيىتىنى بېرىش – بەرمەسلىككە قايتا قاراپ چىقىشنى كۆرسەتمەيدۇ. پاناھلىق سالاھىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ بېرىلىپ بولغان بولۇپ، بۇنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر قايتا باھالىمايدۇ. بۇ يەردىكى كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەش باسقۇچى پاناھلىق تىلىگۈچى شەخىس ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش، شۇ ئارقىلىق كۆپرەك ئۇچۇر ئىگەللەپ ئۇلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى خاتىرىلەش،  ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىش – ماسلىشالماسلىق مايىللىقىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ باسقۇچتا ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلار كېيىنكى باسقۇچ، يەنى قارار بېرىش باسقۇچىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ باسقۇچتا پاناھلىق تىلىگۈچى شەخىس ياكى ئائىلىنى شۇ دۆلەتكە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنى رەت قىلىش بېكىتىلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا رەت قىلىنمايدۇ. ئەمما جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك تارىخى بولۇش، تېرورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان شەخىس ياكى كوللېكتىپقا چېتىلىپ قېلىش دىگەندەك سەۋەپلەر ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر نەزىرىدە شۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئەكىلىش ئېھتىمالىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلىشتىكى سەۋەپلەرنىڭ بىر بولۇپ قالىدۇ.

       ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرىشكە ئاۋال دىگىنىمىزدەك ئاز دىگەندە 2 -3 يىل كېتىشى مۈمكىن؛ ئۇندىن كېيىنكى 6 ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەش باسقۇچى تاماملىنىدۇ (بۇ باسقۇچ يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگەللەشكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى ياكى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ كۆچمەن ئىشلىرى خادىملىرى كېلىدۇ). ئۇندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ قارار بېرىشكە بىر يىلچە ۋاقىت كېتىدۇ.

       ئورۇنلاشتۇرۇش قاراى بېرىلگەندىن كېيىن، پاناھلىق تىلىگۈچىلەر شۇ دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇندىن كېيىن، سەپەر نۆۋىتى كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەت پۈتكۈل سەپەر چىقىمىنى كۆتۈرۈپ دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە پاسپورتى يوقلارغا سەپەردە ۋە ئۇندىن كېيىن ئورۇنلىشىش جەريانىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن (Certificate of Identity)  كىملىك كېنىشكىسى بېجىرىپ بېرىدۇ.  ئەمما بۇ سەپەر بەزىلەرگە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، بەزىلەرگە بىر نەچچە يىل ئىچىدە تېگىل بولىدۇ. چۈنكى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ قاچان بۇ دۆلەتكە سەپەر قىلىشى شۇ دۆلەتنىڭ شۇ يىلىدا پاناھلىق تىلىگۈچى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتتىن قانچىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق.  مەسلەن، شىۋىتسىيە  2018 – يىلدا ئاسىيا ۋە تېنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن 300 پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سانلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن، ئاسىيا ۋە تېنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر 300 دىن كۆپ بولسا، ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتكە سەپەر قىلىش نۆۋىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ۋاقتىغا قاراپ ئالدىنقى 300 كىشىگە بېرىلىدۇ. يەنى كىمنىڭ ئىلتىماسى بالدۇر سۇنۇلغان بولسا، سەپەر نۆۋىتى ئاۋال شۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛ قالغانلىرى نۆۋىتى كەلگۈچە ساقلايدۇ.  ئۇندىن باشقا، ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر شۇ يىللىق قوبۇل قىلىنىدىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا دۆلىتىگە ئەكەلمەيدۇ، بىر نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەكىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر بىرىنچى تۈركۈمدە يىل بېشىدا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بەزىلەر يىل ئاخىرىدىكى ئاخىرقى تۈركۈمدە نۆۋىتى كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەمما، ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي ئەھۋال دەرىجىسىگە چۈشكەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئىمتىيازىغا ئىگە بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پاناھلىق ئىلتىماسىنى سۇنۇشىدىن باشلىنىپ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ جەريانغا ئاز بولغاندا پەقەت بىر ھەپتە كۆپ بولغاندا 12 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. دەرىجىگە ئايرىش پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ قايسى دەرىجىدە كۈچلۈك بولغانلىقى، قايسى تۈر ياكى تۈرلەرگە بويىچە ئەھۋالىنىڭ جىددىي ئىكەنلىگى  دىگەندەك بىر قاتار ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

دىمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەپ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشكە، ئالاھىدە جىددىي ۋە جىددىي ئەھۋاللاردىن سىرىت، قىسقا بولغاندىمۇ ئىككى يېرىم يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈش جەريانىدۇر. ئېرىشكەندە بولسا بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىكنى ھىس قىلدۇرىدىغان، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئىش قىلىش يوللىرى بىز كۆنگەندىن ھەر جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان بىر يېڭى مۇھىتتا ھاياتنى يېڭىدىن باشلاشتىكى تۈرلۈك رىقابەت ۋە سىناقلارغا باشلايدىغان بىر جەرياندۇر. ئەگەر بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتۈشكە رازى بولۇپ، شۇ پۇرسەتكە ئېرىشىشنى خالىساق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىمىز پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. بۇ تۈرلەر UNHCR Resettlement Submission Categories دىيىلىدۇ. بۇ تۈرلەر تۆۋەندە چۈشەندۈرۈلىدۇ.

  1. ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىۋىگە چۈشىدىغان پاناھلىق تىلەش تۈرلىرى قايسىلار؟

ئالدىدا چۈشەندۈرگىنىمىزدەك، پاناھلىق ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل بولۇپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق دەپ قارالغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ تىزىملىككە كىرىش ئۈچۈن بىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىمىز تۆۋەندىكى يەتتە خىل تۈرنىڭ بىر ياكى بىردىن كۆپرەكىگە چۈشۈشى ۋە تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك[4]:

  1. قانۇنىي ۋە ياكى جىسمانىي جەھەتتە قوغداشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار؛
  2. زوراۋانلىق ۋە ياكى قىيىن – قىستاقتىن ھايات قالغۇچىلار؛
  3. داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار؛
  4. خەۋپتە قالغان ئاياللار ۋە قىزلار؛
  5. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قايتىدىن جەم بولۇشى؛
  6. خەۋپتە قالغان كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر؛
  7. ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۆلەك مەڭگۈلۈك بولالايدىغان بىر ھەل قىلىش يولىنىڭ تېپىلىشىغا كۆز يەتمەيدىغان ئەھۋالدا قالغانلار.

تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈشى:

  1. قانۇنىي ۋە ياكى جىسمانىي جەھەتتە قوغداشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار[5]

 

بۇ تۈرگە چۈشىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىگە ئۇيغۇر كېلىشى كېرەك:

  • پاناھلىق تىلىگۈچى شۇئان ياكى پات ئارىدا ئۆزى يېنىپ چىققان دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرىۋىتىلىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقان بولسا ياكى (مۇشۇ خەۋپ كېلىدىغان دۆلەت يەنى) ئۆزى يېنىپ چىققان دۆلەتتىن باشقا بىر دۆلەتكە ھەيدەپ چىقىرىلغان بولسا؛
  • قارا-قويۇق قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى تۈرمىگە سولاش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن بولسا؛
  • پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدىغان بىر دۆلەتتە تۇرىۋاتقان ھەم جىسمانىي ياكى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خەۋپكە دۈچ كېلىۋاتقانلار.
  1. زوراۋانلىق ۋە ياكى قىيىن – قىستاقتىن ھايات قالغانلار[6]

 

بۇ تۈرگە چۈشىدىغانلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن قاراپ چىقىلىدۇ:

  1. زوراۋانلىق ۋە ياكى قىيىن –قىستاقتىن قۇتۇلۇپ چىققانلار دىگەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئوبىيىكتى بولغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى شاھىت بولغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ:
  • جىسمانىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ياكى ئېغىر خورلاشقا ئۇچرىغان ئەھۋاللار، بۇ جىنسىي جەھەتتىكى زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • ئېغىر دەرىجىدە نومۇسىنى تۆكۈش ۋە تەھدىت سېلىشقا ئۇچرىغان ئەھۋاللار؛
  • جىنايەت بېكىتىلمەستىن كۆرۈنەرلىك ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇش، ئالداپ ئېلىپ قېچىپ كېتىشكە ئۇچرىغان ئەھۋاللار؛
  • زوراۋانلىقتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ياكى ئېغىر دەرىجىدە خورلاشقا ئۇچراش ئەھۋاللىرى، بۇ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  1. تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم:
  • دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىت ياكى خەۋپ راسىت ۋە بىۋاستە بولۇشى، تاساددىپىي بولماسلىقى لازىم؛
  • بۇ تەھدىت ياكى خەۋپنىڭ ئوبىيىكتى بىر شەخىس ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن؛
  • بۇ تەھدىت ياكى خەۋپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ھازىرغا قەدەر (پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇلغان ۋە باھالىنىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ) داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى لازىم؛
  • بۇ تەھدىت ياكى خەۋپ تەسىرىدە، پاناھلىق تىلىگۈچى ئالاھىدە جىددىي ياكى جىددىي تۈردە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۈمكىن؛
  • ۋاقتىلىق بولغان باشقا قوغداش تەدبىرلىرىغىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇشى مۈمكىن.
  1. بۇ تۈردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق چۈشۈشى لازىم:
  • ئۆزى قېچىپ چىققان دۆلەتتە ۋە ياكى ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە قىيىن-قىستاق ۋە ياكى زوراۋانلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇش؛
  • بېشىدىن كەچۈرگەن قىيىن – قىستاق ياكى زوراۋانلىق نەتىجىسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىسمانى ياكى پىسخولوگىيىلىك تەسىرگە ئۇچراۋاتقان بولۇش (بەدەندە سىرتىدا كۆرگىلى بولىدىغان كېسەللىك ياكى جاراھەت ئالامەتلىرى بولۇشى شەرت ئەمەس)؛
  • پاناھلىق تىلىگەن دۆلىتىدىكى شارائىت تۈپەيلى ياكى ئۆزى قېچىپ چىققان دۆلەتكە قايتۇرۇۋىتىلىسە تېخىمۇ كۆپ ئازاپقا ۋە ياكى تېخىمۇ ئېغىر خەۋپكە دۈچ كېلىدىغان بولۇش؛
  • تىببىي ياكى پىسخولوگىيە جەھەتتە داۋالىنىش، ياردەم ياكى مەسلىھەتكە ئېھتىياجلىق بولغان، ئەمما پاناھلىق تىلىگەن دۆلىتىدە بۇ ياردەملەرگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولۇش؛
  • ئېھتىياجلىق بولغان ئالاھىدە ياردەمگە پەقەت ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىلا ئېرىشەلەيدىغان بولۇش.
  1. داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار[7]

بۇ تۈردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۆۋەندىكى تۆت خىل شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق چۈشۈشى لازىم:

  • دىئاگىنوز جەھەتتە: كېسەللىك ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزگەن ھالەتكە يەتكەن، ياكى بەدەننىڭ بىرەر فۇنكىسىيىسى يوقالغان ھەمدە ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولمايدىغان ھالەتتە يەتكەن، ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن نورمال ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان بولۇش؛ ۋە
  • داۋالىنىش جەھەتتە: پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتتە داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەن ياكى داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ھەمدە ئايرىپ داۋالاش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا قالغان بولۇش؛ ۋە
  • كەلگۈسى داۋالىنىش جەھەتتە: ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتتە پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش مۈمكىنچىلىكى بولغان، ياكى پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتتە داۋاملىق تۇرىۋەرگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالدا قالغان بولۇش؛ ۋە
  • رازىلىق جەھەتتە: ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىش شۇ پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولۇش كېرەك.

كىسەللىك ئەھۋالى سەۋەپتىن بۇ تۈردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ ئالاھىدە جىددىي، جىددىي ۋە نورمال دەپ ئۈچ خىل تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئالاھىدە جىددىي ئەھۋالدىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بىر ھەپتە ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتكە يۆتكىلىدۇ. جىددىي ئەھۋالدىكىلەر ئادەتتە 6 ھەپتە ئىچىدە، نورمال ئەھۋالدىكىلەر بىر يىل ئىچىدە يۆتكىلىدۇ.

  1. خەۋپتە قالغان ئاياللار ۋە قىزلار[8]

تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا قالغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى بۇ تۈرگە كىرىدۇ:

  • ئايال ياكى قىز بولۇشتەك جىنسىيىتى تۈپەيلى بىخەتەرلىكى خەۋپ ئاستىدا قېلىش ياكى جىسمانىي قوغدىنىشى تەھدىت ئاستىدا قېلىش؛
  • ئىلگىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك ۋە ياكى زەربە تۈپەيلى مەلۇم جەھەتلەردە ئالاھىدە ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇش؛
  • ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىش ۋە خورلىنىش تۈپەيلى ئېغىر جاپادا قېلىش؛
  • ياردەم ۋە قوغدىنىشقا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالغان بولۇش.
  1. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قايتىدىن جەم بولۇشى [9]

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلىق تىلىگۈچى ياكى پاناھلىق تىلىگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتتىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشىنى، شۇلار بار دۆلەتكە ئۇلارنىڭمۇ  ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تۈرگە كىرىش ئۈچۈن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۆۋەندىكى تۆت شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق چۈشىشىش كېرەك:

  • شۇ ئائىلىدىن ئەڭ ئاز دىگەندە بىر كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولۇشى لازىم؛ ۋە
  • قايتىدىن جەم بولىدىغان ئائىلە ئەزالىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئائىلە ئەزالىرى ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم (يەنى ئېرى، ئايالى، پەرزەنتلىرى، ئاتا – ئانىسى قاتارلىقلار)؛ ۋە
  • ئۇلار قايتىدىن جەم بولۇشنى ئىستىگەن ئائىلە ئەزاسى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولۇشى لازىم (مەسىلەن، پاناھلىق تىلىگەن بىر كىشىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى بار بولسا، شۇ ئاكىسى بىلەن جەم بولۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ)؛ ۋە
  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى نەتىجىسىدە، ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇش تۈرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش بۇ پاناھلىق تىلىگۈچى شەخىس ياكى ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ۋە قوغداش دەپ بېكىتىلىشى لازىم.
  1. خەۋپتە قالغان كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر[10]

بۇ تۈردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر:

  • 18 ياشتىن كىچىك بولۇشى لازىم؛
  • ھەمراھسىز ياكى قارىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، ئەمما شەرت ئەمەس؛
  • قوغداشقا كۈچلۈك ئېھتىياجى بار بولسىمۇ پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتتە بۇ جەھەتتە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن، نەتىجىدە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغان بولۇشى لازىم.
  1. ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۆلەك مەڭگۈلۈك بولالايدىغان بىر ھەل قىلىش يولىنىڭ تېپىلىشىغا كۆز يەتمەيدىغان ئەھۋالدا قالغانلار[11]

پاناھلىق تىلەشنىڭ بۇ تۈرى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا ماس كېلىدۇ:

  • ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار بولسىمۇ، جىددىي بولمىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ؛
  • بۇ تۈر كۆپ ھاللاردا گۇرۇپپا بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كەلسىمۇ، ئايرىم ھاللاردا شەخىسلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ؛
  • ھەل قىلىنماي ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىۋاتقان پاناھلىق تىلەش ئەھۋاللىرىنى ھەل قىلىش چارىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ؛
  • پاناھلىق تىلىگۈچى مەلۇم بىر گۇرۇپپا ، بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان دۆلەت ۋە رايون دەرىجىلىك سىتراتىگىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرىغا ماس كېلىدۇ.

         دىمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلانغۇچى ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدۇ دەپ قارىلىپ پاناھلىق بېرىلگەن، ھەم ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق دەپ قارالغان، ھەم يۇقىرىدا ئىزاھلانغان يەتتە خىل پاناھلىق تۈرلىرىنىڭ بىر ياكى بىردىن كۆپرەكىگە ماس كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسى دەرىجىگە بۆلۈنۈپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا، تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتتىن شۇ دۆلەتكە يۆتكىلىدۇ.

        پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىغا ئاساسلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەر مەسئۇل بولسىمۇ، خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ جەرياندىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم ھەم بۇ خىلدىكى ئورۇنلارنىڭ بۇ جەھەتتە پائال رول ئوينىشى ھەر ۋاقىت قارشى ئېلىنىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ خىلدىكى ئورۇنلار پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ راسىت ياكى ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتىن تارتىپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەردە ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشكە قەدەر باشتىن – ئاخىرىغىچە باسقۇچلاردا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. تۈركىيە دەل مۇشۇنداق ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلار كۆپ تەسىس قىلىنغان ھەم دۇنيا بويىچە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھەممىدىن مۇھىمى، تۈركىيىدە يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئولتۇراقلاشقان. ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار بۇنداق ئورۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى  بىلىۋالسا، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇلارغا شەخىس ياكى كوللېكتىپ، ياكى تەشكىلات شەكىلدە  مۇراجەت قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ھەمكارلىق تۈر ۋە پروجېكىتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرسە بولىدۇ. خەيرى –ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزىلىرى پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن باشقا ئادەتتىكى كۆچمەنلەرگىمۇ ياردەم قىلىدۇ.

  1. تۈركىيىدىكى پاناھلىق تىلىگەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار قايسىلار ۋە ئۇلار قايسى جەھەتلەردە ياردەم بېرىدۇ؟ باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟

قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت ۋە ياردەم بىرىدىغان، ئىجتىمائى ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان تەشكىلاتلار تاللاپ تونۇشتۇرۇلدى:

1).  تۈركىيە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھوقۇقى مەركىزى Mülteci Hakları Merkezi  : بۇ مەركەز ئىستانبۇلدىكى بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش، پاناھلىق ئىشلىرى ئادۋوكاتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش، ئۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ تۈركىيىدە قانۇنىي قوغدىنىشقا ئېرىشىشى ۋە تۈركىيىدە ياشاش يولىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت پىكىرىدە بىرلىك ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسلىق خىزمەتلىرى قىلغان.

Mülteci Hakları Merkezi  (Refugee Rights Turkey )

Dr. Refik Saydam Cad. Dilber Apt. No: 39 Daire: 11 Kat: 4 Şişhane, Beyoğlu – İstanbul

Website:  https://www.mhd.org.tr/tr

Telephone: +90 212 292 48 30
Fax: +90 212 292 48 33
Email: info@mhd.org.tr

2).  تۈركىيە جەمىيەت ۋە قانۇن تەتقىقات ۋەخپى  Toplum ve Hukuk Araştırmaları Vakfı ( TOHAV) : بۇ ۋەخپە 1994 – يىلى 46 ئادۋوكاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. بۇ ۋەخپىنىڭ ئەزالىرى ۋە پىدائى ئادۋوكاتلار ئېرىق، جىنىس، دىن، مىللەت ئايرىمچىلىقىدىن خالىي ھالدا تۈركىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى كۈزىتىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دەۋاسىغا ياردەم قىلىشتا ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.

Website: http://www.tohav.org/projects

Kuloğlu Mah. Turnacıbaşı Sk. Fikret Tuner İş Hanı No:39 K.3 Beyoğlu / İSTANBUL

Phone: 0212 293 47 70 – 710212 293 47 72

Email:  tohav@tohav.org

3).  پاناھلىق تىلىگۈچىلەر(نىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش) سەپداشلىق دەرنىگى  Multeci-Der: بۇ دەرنەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەقنى تەلەپ قىلىش، دەۋا ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ۋە جەمىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش  جەھەتلەردە خىزمەت ئىشلەيدۇ، قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدۇ. خىزمەتلىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

– خەلقئارانىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج بولغان، تۇتۇپ تۇرۇلۇش ياكى كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرىۋىتىلىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقانلارنىڭ پاناھلىق تىلەش قاتارلىق ئىشلىرىغا قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش؛

– بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پاناھلىق تىلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارغا ياردەم بېرىش؛

– پىسخولوگىيە، يەنى روھىي جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش ۋە ياردەم بېرىش، زۆرۈر بولغان ئالاقىدار تەشكىلات ۋە مۇتەخەسىسلەرگە تەۋسىيە قىلىش؛

– رەزىللىك ۋە خارلاش قىلمىشلىرىغا قارىتا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش؛

– پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھەق –ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋە شۇ جەھەتتە تەربىيىلەش، يازما ۋە رەسىملىك ماتېرىياللارنى(پىلاكات) تەييارلاش

Website:  http://www.multeci.org.tr/

Address: Uğur Mahallesi 848 Sokak No:16 Konak İzmir

Phone:  0232 483 54 21/ 0549 483 54 21/ 0549 483 54 22

Email:  bilgi@multeci.org.tr

Facebook: https://www.facebook.com/MulteciDer

Twitter: https://twitter.com/MulteciDer

4). SOHRAM ، يەنى Sosyal Hizmet Rehabilitasyon ve Adaptasyon Merkezi: بۇ مەركەز زوراۋانلىق ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، دورىسىز ۋە تىببىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىگە ئاساسەن دوكىلات تەييارلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدۇ.

SOHRAM DER

Website: http://www.sohram.com/tr_TR/

Address: Kurt İsmail paşa 1. Sokak – Tavsanlı Apt. 4/10-11  Yenişehir/Diyarbakır

Telefon : 00 90 412 224 44 77

E-mail :  sohramder@gmail.com

قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلاردىن يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۈنتەرتىپى دەرنىگى بار:

İnsan Hakları Gündemi Derneği

Human rights agenda association

Website: http://www.rightsagenda.org/index.php

İZMİR Adres: Akdeniz Mah. 1353 Sk. Taner İşhanı No:1-8 Kat:2 Büro No:202/1 Konak-İzmir

Tel:          0232 484 98 65

Faks:        0232 484 98 66

E-posta: posta@rightsagenda.org

ANKARA  Adres:  Günal Kurşun، Ankara Temsilcisi

Tel:                      0532 382 66 38

Tel:          0090 312 428 06 13

E-posta:  refugee@rightsagenda.org, gunalkursun@rightsagenda.org

تۇرمۇش، پىسخولوگىيە ۋە ئىجتىمائى جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار:

1).  SGDD-ASAM: بۇ ۋەخپە قۇرۇلغان 20 يىلدىن بېرى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ياردەم بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا پىسخولوگىيە (روھىي) ۋە ئىجتىمائى جەھەتتە يادەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىكەن. بۇ ۋەخپە ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئادانا ۋە ئىزمىر قاتارلىق 34 شەھەردە يولغان قويغان مەخسۇس تۈرلەر، يەنى پروجېكىتلار:

–  UNHCR –ASAMمەسلىھەت بېرىش پروجېكتى

– ھۈنەر – تېخنىكا ئۈگىتىش تەرەققىيات مەركىزى (پروجېكتى)

– قانۇن مائارىپ، تۇرمۇش ۋە قوغدىنىش كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈش پروجېكتى (كۆۋرۈك پروگراممىسى ئارقىلىق 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلەيدۇ ۋە قانۇن جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ)

– كۆچمەنلەر سالامەتلىك تەربىيىلەش مەركەزلىرى (پروجېكتى)

– قوغداش مىخانىزىمىنى كۈچەيتىش پروجىېكتى (جەمىيەت ۋە قانۇن جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، پىسخولوگىيە جەھەتتە ياردەم بېرىش)

– تۈركىيىدە ۋاقىتلىق قوغدىنىش ئاستىدا تۇرىۋاتقان سۈرىيىلىك ئاياللارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى باھالاش پروجېكتى

– تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە ئالاھىدە ئېھتىياج (كۆپىنچە مېيىپلارنى كۆزدە تۇتىدۇ)لارنى باھالاش كۆچمەن گۇرۇپپا پروجېكتى (پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ئىگەللەيدۇ)

– كۆپ تەرپلىمە مۇلازىمەت – ياردەم مەركەزلىرى پروجېكتى (تىل تەربىيىلەش، ئىجتىمائى ئالاقە قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

– پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش پروجېكتى (پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ھەقسىز قانۇن ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتە ھەقسىز ياردەم بېرىدۇ؛ ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىماسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئۇلارغا تەرجىمانلىق مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ)

– پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تىزىملاش جەھەتتە (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن) ھەمكارلىشىش پروجېكتى (2013- يىلدىن بۇيان، ئەنقەرەدىكى تارمىقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن (سۈرىيىلىكتىن باشقا) پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تىزىملاش ۋە ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سەھىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق ۋە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە)

Website:  http://sgdd.org.tr/

Facebook: https://www.facebook.com/asamsgdd

Address : Aşağı Dikmen Mah. Galip Erdem, Cad. No:42 Çankaya/ANKARA

Tel : +90 312 427 55 83
Tel : +90 312 212 60 12
Tel : +90 312 212 60 13
E-mail : sgdd@sgdd.org.tr

2). HRDF – ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىيات ۋەخپى: بۇ ۋەخپە 1988- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچى ۋە خەلقئارادا تەسىر كۈچى زور بولغان كۆپلىگەن پروجېكىتلارنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ ۋەخپە سەھىيە، ئائىلە، مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ قابىلىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان پروجېكىتلىرى:

  • ئاياللار ۋە بالىلار ساغلاملىقى بويىچە تەربىيىلەش ۋە تەتقىقات مەركىزى (پروجېكتى)
  • ئاۋامغا ياردەم مەخسۇس پروجېكتى
  • ئەيدىس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار پروجېكىتلار
  • بۇلغارىيىلىك كۆچمەنلەر مەخسۇس پروجېكتى
  • بوسنىيە ئۇرۇشىدا يارىلانغانلارغا ياردەم مەخسۇس پروجېكتى
  • ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدىكى ئاياللارغا ياردەم مەخسۇس پروجېكتى

 

The Human Resource Development Foundation

http://www.ikgv.org/eng_ikgv_gecici/contact.htm

Address: Yenicarsi Caddesi, No: 34, 34433 Beyoglu, Istanbul TURKEY
Phone: (90-212) 293 1605 (pbx)
Fax: (90-212) 293 1009
E-mail: ikgv@ikgv.org

يۇقىرىدىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدىغان تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئېلىنغان:

http://www.refugeelegalaidinformation.org/turkey-pro-bono-directory

يەنە مۇشۇ توربېتىدىن ۋە گۇگۇل قاتارلىق ئىزدەش بەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدىغان تەشكىلاتلار ئۇچۇرلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئاخىرىدا يەنە بىر مۇھىم ئۇرۇن تونۇشتۇرۇلىدۇ:

         خەلقئارا كۆچمەنلەر ئورگىنى – International Organisation of Migration (IOM) ، بۇ ئورگان دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تۈرلەر ۋە پروجېكىتلار ئارقىلىق كۆچمەنلەرگە، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سەپەر ئىشلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەن ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ پەقەت بۇ ئورگان قىلىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ ئاددىي بىر مىسالى.

         خەلقئارا كۆچمەنلەر ئورگىنى كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى (تېخنىكا ئىگەللەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تىل ئۈگىنىش قاتارلىق) ھەل قىلىش، ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار سىياسەت بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولۇش،  كونكىرىت، ئەمەلىي ياردەم بېرىش تۈر ۋە پروجېكىتلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل ۋە كۆپ قاتلاملىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. تۈركىيىدە تەسىس قىلىنغان تارمىقى 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمى بولغان  كۆچمەنلەر خىزمىتى مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. بۇ ئورگان توغرىسىدا بىزگە ئەڭ ئالاقىدار ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇچۇر شۇكى،  بۇ ئورگان تۈركىيە ھۆكۈمىتى، يەرلىك ئورۇنلار، خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، ھەتتا كۆچمەنلەر جامائەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورگاننىڭ تۈر ۋە پروجېكىتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۆز تور بېتىدا بىلدۈرۈپ، ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلىرىمىز بۇ ئورگان بىلەن ئالاقىلىشىپ، نۆۋەتتە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىشسىزلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

http://www.turkey.iom.int/tr/iom-turkiye-hakkinda

IOM Mission to Turkey

Birlik Mahallesi Şehit Kurbani Akboğa Sokak No:24, Çankaya، Ankara

Tel: +90 (312) 454 30 00              Fax: +90 (312) 496 14 95

e-posta: ankmission@iom.int

 

IOM Istanbul Sub Office

Address: Barbaros Bulvarı Orhan Birman İş Merkezi, at:2 No:149 Balmumcu / Beşiktaş / Istanbul

Phone : +90 (212) 293 50 00         Fax :+90 (212) 249 27 33

e-posta: iomistanbul@iom.int

  1. بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ نىمە ئىش قىلالايمىز؟

يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى ۋە ئەھمىيەتلىرى:

  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەش جەريانى، تۈرلىرى ۋە تەلەپلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ پاناھلىق تىلەشكە، بولۇپمۇ نەچچە يىل ساقلىماي ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىگە ئېرىشىشكە چۈشىدىغان چۈشمەيدىغانلىقىنى دەڭسەپ بېقىش ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئىش كۆرۈش.
  • زۆرۈر بولغاندا پاناھلىق ئىلتىماسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلاردىن پاناھلىق تىلەش توغرىسىدا ياردەم سوراش.
  • بۇ تەشكىلاتلار بىلەن پاناھلىق ئىلتىماسىمىز توغرىسىدا ئالاقىلىشىشىمىزنىڭ دەۋايىمىزغىمۇ پايدىسى بار. چۈنكى، بۇ تەشكىلاتلار پاناھلىق ئىلتىماسى ۋە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ، دوكىلات تەييارلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ يەنى تۈركىيىنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن زۇلۇمنىڭ پاكىتلىرى ھازىرغىچە ئاساسەن خەلقئارا مېدىيالاردا مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر بېرىشى ھەم تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ دوكىلات تاپشۇرۇشى ئارقىلىق تونۇلۇپ كەلدى. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دوكىلات شەكلىدىكى مەلۇماتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھازىر بار بولغان ھەم داۋاملىق يىغىلىۋاتقان ئۇچۇرلار بىلەن قوشۇلغىنىدا ئۇنىڭ دەۋانى كۈچەيتىش رولى بولىدۇ.
  • ئەگەر پاناھلىق تىلىگەندە ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئۇزۇن ساقلاپ كېتىشىمىزگە كۆزىمىز يەتسە، ئەڭ ياخشىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەشنىڭ بىز چوقۇم تاللاشقا تېگىشلىك بىردىنبىر يول بولالايدىغان بولالمايدىغانلىقىنى قايتىدىن ئويلاش. پاناھلىق تىلەشنى تاللىمىغان ئەھۋالدا، ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەشكىلاتلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىزنىڭ شۇ دۆلەتتە يەرلىشىپ، تىرىكچىلىق قىلىش يولىنى تېپىۋىلىشىمىزغا ياردەم قىلالايدىغان پروجېكىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بەزى تەشكىلاتلار پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە كۆچمەنلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش (ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن)، ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش، بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىگە ياردەم بېرىش، تىل ئۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىدىكەن. بۇ پروجېكىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تېگىل بولۇش ئىمكانىيىتى بولۇشى مۈمكىن. بۇنى سىنىماي تۇرۇپ بىلەلمەيمىز. بىز سەۋەبىنى قىلساق يوللار ئېچىلىپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ جەھەتتە تىرىشىپ بېقىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەھمىيىتى بار: ھازىر تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم بېرىش، تىل ئۈگىنىش، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ كۈچ چىقارماقتا. بۇ تەشكىلاتلار كۆپ ھاللاردا ئۆز كۈچىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن قىلىنغان ياردەملەر ۋە ئىئانىلەرگە تايانماقتا. قىسمەن ئەھۋاللاردا ئىخاخانىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكتە. ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە دائىرىسىنى كىڭەيتىش، ئىش ئۈنۈمى ۋە تەسىر دائىرىسىنى زورايتىشتا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان ياخشى. ئۆزىمىزگە تايانساقمۇ تەشكىلاتلىرىمىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما تېخىمۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمنى نىشانلىغاندا ھەمكارلىق ياخشى نەتىجىلەرنى بېرىدۇ. نۆۋەتتە سۈرىيىلىكلەرگە مەخسۇس تەسىس قىلىنغان كۆپ خىل ھەمكارلىق پىروجېكىتلىرى بار، خەيرى – ساخاۋەت ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدە سۈرىيىلىكلەرگە ياردەم قىلىش تەتقىقات تۈرلىرى يولغا قويۇلدى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى خەلقئارادا ئېلان قىلىنماقتا. سۈرىيىلىكلەرنىڭ ئاشۇنداق سېستىمىلىق ۋە كۆپ تۈرلۈك ياردەمگە ئېرىشىشى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، سۈرىيىلىكلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە سۈرىيە خەيرى- ساخاۋەت تەشكىلات گۇرۇپپلىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەندەك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقىنىدىنمۇ مەيدانغا كەلگەن. مەسلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈرىيىلىكلەر، بۇلغارىيىلىكلەرگە مەخسۇس ئاجرىتىلغان پروجېكىتلار شۇ خىلدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ مىسالىدۇر. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىقامەت ئېلىشتىن سىرت، ئىشسىزلىق، ئوقۇشسىز قېلىش قاتارلىق كۆپ خىل قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقامەت ئىشلىرىدا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلارغا ياردەم قىلالىشى ياكى قىلىشى ناتايىن. بۇ بوشلۇقنى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى تولدۇرىدۇ. بۇلار يەنە بىزنىڭ مۇھتاجلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىدۇ. بىزدە، تەشكىلاتلىرىمىزدا ياردەم بېرىش روھى ۋە پىداكارلىق ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق بار. ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا چەكلىمىگە ئۇچرايمىز ياكى ئادەم كۈچى، ئىقتىدار، مەبلەغ سەۋەپتىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز. بۇنداق ۋاقىت ۋە ئەھۋاللاردا خەلقئارا ۋە ياكى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا مۇراجەت قىلىشنى كۈنتەرتىپگە كىرگۈزۈشىمىز كېرەك.

      ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدىن ياكى پاناھلىق تىلەش ياكى ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە يەرلىشىشتە ياردەم سوراش بولسۇن، ھەمكارلىق ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە دەۋايىمىزنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زورىيىشىغا پايدىلىق. بۇ سەۋەپلەردىن بولۇپ، نەتىجىسى ياراتقۇچىدىن.

  • يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان ھۆكۈمەتسىز ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى ھەر زامان قىسقا ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىدائىلارغا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ. پىدائىلارنى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ياشلىرىمىزنى خىزمەت تەجرىبىسى ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پىدائىلىقتىن باشلانغان بۇ قەدەم بەزىلەرنى شۇ يەرلەردە مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا باشلىسا، بەزىلەرنىڭ مۇشۇ خىزمەت تەجرىبىسى ئارقىلىق باشقا يەرلەردە خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
  • ئەڭ ئاخىرىدا، ئەمما ئەڭ مۇھىمى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى پات ئارىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان خىتاي پاسپورتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تۆۋەندىكى چاقىرىق قىلىنىدۇ: خالىساڭلار ئۆز ئالدىڭلارغا، خالىساڭلار بىر نەچچەيلەن بىرلىكتە، خالىساڭلار ئۆز تەشكىلاتلىرىمىز ئارقىلىق، يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئورۇنلارغا، بولۇپمۇ، خەلقئارا  كۆچمەنلەر ئورگىنىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭلار، ياردەم سوراڭلار. ئۆزەڭلار ۋە ئائىلەڭلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى پات ئارىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان پاسپورت تۈپەيلى دۈچ كېلىدىغان ئەنسىزلىك ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىڭلار. ئەگەر ئەھۋالىڭلار خەلقئاراغا ئاڭلانسا، سۈرىيىلىكلەرگە مەخسۇس سان ئاجرىتىلغاندەك ئۈچىنچى بىر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىڭلار ئېھتىمالغا يېقىن بولمىسىمۇ، نۆۋەتتە سىلەر تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر خەلقئارادىن بېسىم چۈشۈش سەۋەپلىك ۋاقىتلىق كىملىك دىگەندەك بىرەر ئىسپات بېرىشى، ئەڭ بولمىغاندا بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىلەرنى  پاسپورتسىز قانۇنسىز تۇردى دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ، سىلەرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرىۋىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى مۈمكىن. بۇلار ئاڭلىماققا قىيىن ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمما بىز غەمنى يەپلا ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك بولمايدۇ. تىرىشىش بىزدىن، نەتىجە ياراتقۇچىدىن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتقا ئائىت دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە بىر ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەقسىتىدە، بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگەللەشكە ئېھتىياجىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياكى پات ئارىدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان خىتاي پاسپورتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋە پاسپورتقا ئالاقىدار باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز 11- ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن بۇرۇن، ئۇچۇرلىرىنى ئېلخەت ppt.yardem@keemail.me گە ئەۋەتسە بولىدۇ. بىز پەقەت ئۇچۇرلارنى يىغىپ، رەتلەپ، ئاندىن ئۇلارنى مۇخبىر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل. بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ بىر نەتىجىسىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە ۋە بىر نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بىز ھازىرچە ئامالسىز. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ۋە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تەرتىپى بويىچە ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز:
مېنىڭ ئىسمىم ، ھازىر دۆلىتىدە تۇرىۋاتىمەن. پاسپورتىمنىڭ ۋاقتى توشتى/ توشىدۇ. مەن تۆۋەندىكى سەۋەپلەر تۈپەيلى پاسپورتىمنى ئۇزارتالمىدىم: .
مەن بەرگەن ئۇچۇرلار خەلقئارا مۇخبىرلار ۋە تەشكىلاتلارغا ئاشكارىلانسا بولىدۇ / بولمايدۇ (چوقۇم بىرنى تاللاڭ).
مەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايمەن /قىلىمەن(چوقۇم بىرنى تاللاڭ)
مۇخبىرلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە تۆۋەندىكى نومۇرغا تېلفۇن قىلسا بولىدۇ: .

ئۇچۇرلار چوقۇم تولۇق بولۇشى كېرەك. پەقەت يۇقىرىدا بېرىلگەن ئېلخەتكە يوللانغان ئۇچۇرلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

[1] مەسىلەن، بىر سۈرىيىلىك سۈرىيەدىن قېچىپ، تۇنىزىيىگە كەلگەن، ئۇندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، كانادا ئۈچىنچى بىر دۆلەت، يەنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولىدۇ.

[2] http://www.refugeelegalaidinformation.org/resettlement

[3]  بۇ سانلىق مەلۇمات شۇ دۆلەتلەرنىڭ چىگرىسىدىن ئۆتۈپ ئايروپورتتا ۋە ياكى چىگرىسىدىن كىرىپ بولغاندىن كېيىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇلار Asylum seekers   دەپ ئاتىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلىگەنلەر بولسا Refugees دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇيغۇر  تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا،  ھەر ئىككى سۆز پاناھلىق تىلىگۈچىلەر دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە.

[4]  پايدىلىنغان ماتېرىيال مەنبەسى:

http://www.unhcr.org/protection/resettlement/3d464e842/unhcr-resettlement-handbook-chapter-6-unhcr-resettlement-submission-categories.html

[5] 1. Legal and/or physical protection needs

[6] 2. Survivors of violence and/or torture

[7]  3. Medical needs

[8]  4. Women and girls at risk

[9]   5. Family reunification

[10]   6. Children and adolescents at risk

[11]  7. Lack of foreseeable alternative durable solutions

1 thought on “بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەش ھەققىدە

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar