بىر ئۇيغۇر ئەر ختتايغا قايتۇرۇلماقچى:خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

 

 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

 

بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە[1]

ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مۇئەززىنلىك قىلىپ كەلگەن ئابدۇجېلىل سۇپى ئەمىرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. ھازىر خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر قارا-قۇيۇق تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ.

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇجېلىل سۇپى 20- سىنتەبىر دۇبەيدىكى ئابدۇللاھ بىن رەۋاھە مەسچىتىدە پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمىرلىكنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇجېلىل ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن مەسچىتتىن يولغا چىقىشىغا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قۇلىغا چۈشكەن. ئۇلار ئابدۇجېلىلنى نۇمۇر تاختىسى يوق بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئابدۇجېلىلنىڭ ئايالىغا ئۇنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقى ۋە نىمىشقا تۇتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

ئابدۇجېلىلنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلغاندا ئۇنىڭ تېلېفۇنى ئاللىقاچان تاقىۋېتىلگەن. ئابدۇجېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالمىغان. 24- سىنتەبىر ئۇ ئايالىغا تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقان. ئابدۇجېلىلنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى نامەلۇم.

ئابدۇجېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئابدۇجېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ سىياسىي «تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا يىغىۋېلىنغان.

بۇ لاگىرلاردا يېتىپ چىققان سابىق مەھبۇسلار ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە تۇتۇلغانلار سىياسىي ئىدىيە ئۆزگەرتىش دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، سىياسىي ناخشىلارنى ئېيتىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي كومېنىست  پارتىيىسىنى مەدھىيەلەيدىغان شۇئارلارنى توۋلاشقا مەجبۇرلىنىدىكەن، ھەمدە «لاگىر قائىدىلىرىگە رېئايە قىلمىدى» دەپ قىيىن-قىستاققا ئېلىندىكەن ياكى خورلىنىدىكەن.

ئابدۇجېلىل سۇپى 2012 – يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ مىسىرغا كەلگەن ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلامىي ئىلىملەر تەھسىل قىلغان. ئۇ ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكىگە 2017- يىلى ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگىلى بارغان. ئىنگلىز تىلى كۇرسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەمىرلىكنىڭ دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇنىڭغا تۇرۇش ئىجازىتى بەرگەن ۋە ئۇنىڭ ئاۋازى چىرايلىق بولغاچ، 2018- يىلى مارتتا ئۇنى مۇئەززىنلىككە تەيىنلىگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇجېلىل دۇبەيدە بىر قانچە مەسچىتتە دەخلىسىز ئىشلەۋاتقانىكەن.

ئىنگلىزچە، ئەرەپچە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تىلىدا ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى دائىرىلىرىگە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىپ تېزدىن مۇراجەت يېزىڭ:

  • ئابدۇجېلىل سۇپىنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالىنى تېزدىن ئاشكارىلاش، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان ئادۋۇكاتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇۋاتقان ئورنىنى مەلۇم قىلىش؛
  • ئېنىق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى قۇيۇۋېتىش؛
  • ئۇنى خىتايغا ياكى ئۇنىڭ قىيىن-قىستاققا، جازاغا، ئېغىر كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە خورلاشقا ئۇچراش خەۋپى بولغان باشقا بىر دۆلەتكە قايتۇرماسلىق.

مۇراجەتنى 2018- يىلى 16- نويابىردىن بۇرۇن تۆۋەندىكى كىشىلەرگە ئەۋەتىڭ:

 

تەرجىمىسى ئورۇن ۋە شەخسلەر
·     ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى

شەيىخ سەئىف بىن زەيىد ئەلنەھيەن

 

زەيىد تەنتەربىيە شەھەرچىسى

ئەرەب گالىف كوچىسى، شەيىخ زەيىد مەسچىدى

P.O. Box 398

ئابۇ دابى شەھرى

فاكىس:      +971 2 402 2762

ياكى   +971 2 441 5780

ئېھتىرام سۆزى:  ئالىيلىرى

·     Minister of Interior

Sheikh Saif bin Zayed Al Nahyan

Zayed Sport City

Arab Gulf Street, Sheikh Zayed Mosque

P.O. Box 398

Abu Dhabi

Fax: +971 2 402 2762

or +971 2 441 5780

·     Salutation: Your Highness

·     تاشقى ئىشلار مىنىستىرى

شەيىخ ئابدۇللاھ بىن زەيىد ئەلنەھيەن

 

تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىكى

شاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىز

 

ئەلسەئۇد كوچىسى

ئەلبەتىن

ئابۇ دابى شەھرى، ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى

ئېلخەت:

https://bit.ly/2ImbTw1

ئېھتىرام سۆزى: ئالىيلىرى

·     Foreign Minister

Sheikh Abdullah bin Zayed Al Nahyan

Ministry of Foreign Affairs & International Cooperation

King Abdullah bin Abdul Aziz

Al Saud street

Al Bateen

Abu Dhabi, UAE

 

Email:  https://bit.ly/2ImbTw1

·     Salutation: Your Highness

·     ئابۇ دابى شاھزادىسى

شەيىخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەلنەھيەن

 

شاھزادە سوتى

شاھ ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز ئەلسەئۇد كوچىسى،

124 P.O. Box

ئابۇ دابى، ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى

فاكىس: +971 2 668 6622

تىۋىتىر: @MohamedBinZayed

ئېھتىرام سۆزى: ئالىيلىرى

·     Crown Prince of Abu Dhabi

HH Sheikh Mohamed bin Zayed Al Nahyan

Crown Prince Court

King Abdullah bin Abdul Aziz Al Saud street

P.O. Box 124

Abu Dhabi, UAE

Fax: +971 2 668 6622

Twitter: @MohamedBinZayed

·     Salutation: Your Highness

 

مۇراجەتنىيەنە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكىدىپلۇماتىك ۋەكىللەرگىمۇ ئەۋەتىڭ.

 

بۇ چاقىرىقنىڭ ئېنگىلىز، ئەرەب، فىرانسۇز ۋە ئىسپان تىلىدىكى نۇسخىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈڭ:

ئېنگىلىزچە:

https://www.amnesty.org/en/documents/mde25/9187/2018/en/%C3%A2%E2%82%AC%C2%AC/

ئەرەبچە:

https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018ARABIC.pdf

فىرانسۇزچە:

https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018FRENCH.pdf

ئىسپانچە:

https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018SPANISH.pdf

تىۋىتىر:

https://twitter.com/patrickpoon/status/1048198999679754240?s=21

 

 

جىددىي چاقىرىق

بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە

 

 تۇلۇقلىما مەلۇمات

ئابدۇجېلىل سۇپى ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلۇپ قالسا، دەرھال ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» لاگىرلىرىغا تۇتۇلۇش خەۋپى بار.

 

2017-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا نۇرغۇنلىغان تۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىنا قىلىندى. «رادىكاللىقنى تۈگىتىش»، «سىياسىي ئۆگىنىش» ۋە «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش»… دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان بۇ ئورۇنلارغا كىشىلەر قارا-قۇيۇق مۇددەتسىز سۇلىنىدۇ ۋە خىتاي قانۇنى بىلەن سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. دىندار دەپ تۇنۇلغان كىشىلەر، «چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار» كىشىلەر، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار ياكى تۇققانلىرى مۇشۇنداق ئىشلارغا چېتىلىپ قالغانلار توختاۋسىز ھالدا بۇ خىل تۇتۇش ئورۇنلىرىغا يوللىنىدۇ.

 

تاراتقۇ خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېرىشكەن مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شىنجاڭدا كىشىلەر ئەگەر چەتئەلدىكى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلسا، كەلسە-كەلمەس تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىبارەت  زور خەپكە ئۇچرايدۇ. دائىرىلەر خىتاينىڭ سىرتىدىن كەلگەن تېلېفۇننى قۇبۇل قىلغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەلدى. دائىرىلەر يەنە كىشىلەرنى خىتاينىڭ شىفىرسىز ياكى شەخسىي ئاسرىغۇچىسىز ئەپلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاپ، پۈتۈن كىشىلەرنى  شىفىرلىك ئەپلەرنى قوللىنىشتىن تۇسۇشقا ئۇرۇندى. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «خىتاي: ئۇلار نەدە؟> شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار ھەققىدە جاۋاب بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى> »

(https://www.amnesty.org/en/documents/asa17/9113/2018/en/) ناملىق دوكلاتىغا قاراڭ.

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان دىن، ئالاقە ئەركىنلىكى ھۇقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھۇقۇقلىرى جەھەتتە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا دائىرىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۇلارنى نىشانلاشقا باشلىدى. باستۇرۇش تەدبىرلىرى: كەڭ كۆلەملىك قالايمىقان تۇتۇش، تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش، ئېغىر قۇراللار بىلەن كۇچا چارلاشنى كۈپەيتىش، تەكشۈرۈش نوقتىلىرىنى كۈچەيتىش ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر قاتار باشقا سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى توپلىغان مەلۇماتلاردىن سېرت، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تاراتقۇ خەۋەرلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، رايۇنلۇق ھۆكۈمەت 2017- يىلى باھاردا ئۇيغۇرلارنى كەڭ دائىرىدە تۇتۇشنى باشلىغان بولۇپ، تۇتۇلغانلارنى ياكى مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يوللىغان، ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

 

بۇ باستۇرۇش يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگىمۇ قارىتىلغان.

 

ئىسىمى: ئابدۇجېلىل سۇپى

جىنسى: ئەر

 

 

UA: 178/18 Index: MDE 25/9187/2018 Issue Date: 05 October 2018

[1]تەرجىمىسىنى ئۇيغۇر پىدائىلىرىمىز ئىشلىگەن.

 

2 thoughts on “بىر ئۇيغۇر ئەر ختتايغا قايتۇرۇلماقچى:خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

  1. بۇ چاقىرىققا ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى:

    ئىنگلىزچە، ئەرەپچە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تىلىدا ئەرەپ بىرلەشمە ئەمىرلىكى دائىرىلىرىگە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىپ تېزدىن مۇراجىئەت يېزىڭ:
    • ئابدۇجېلىل سۇپىنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالىنى تېزدىن ئاشكارىلاش، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان ئادۋۇكاتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇۋاتقان ئورنىنى مەلۇم قىلىش؛
    • ئېنىق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى قۇيۇۋېتىش؛
    • ئۇنى خىتايغا ياكى ئۇنىڭ قىيىن-قىستاققا، جازاغا، ئېغىر كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە خورلاشقا ئۇچراش خەۋپى بولغان باشقا بىر دۆلەتكە قايتۇرماسلىق.
    يازغان مۇراجىئەتنى 2018- يىلى 16- نويابىردىن بۇرۇن ئەۋەتىڭ.

    1. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ سەئىف بىز زەيىد ئەلنەھيەنگە مۇراجىئەتنى تۆۋەندىكى شەكىللەردە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
    – مۇراجىئەتنى خەت شەكلىدە پوچتا ئادرىسىغا ئەۋەتىش ياكىس فاكىس قىلىپ يوللاش؛
    – تېلفۇن ئۇرۇش.

    2. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ ئابدۇللاھ بىن زەيىد ئەلنەھيەنگە مۇراجىئەتنى ئەۋەتىشنىڭ بىر نەچچە خىل يولى بار بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا كۆرگىلى بولىدۇ. يەنى https://bit.ly/2ImbTw1 غا مائۇسنى توغىرلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا Ctrl كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، مائۇسنىڭ شەكلى ئۆزگۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ تور ئۇلىنىشىنى مائۇس بىلەن بىر باسساق، بىر تور بېتى ئېچىلىدۇ.
    – ئەڭ يۇقىرىدىكى تاللاش (write to the minister)نى ئاچساق، مۇراجىئەتنى ئېلخەت شەكلىدە ئەۋەتىشكە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئېلخەت ئادىرىسى، ئىسمىمىز، تېلېفۇن نومۇرىمىزنى كىرگۈزۈپ، ئېلخەت ماۋزۇسى ۋە ئېلخەت ئاساسى مەزمۇنىنى يازساق بولىدۇ. تاماملىغاندا ئەڭ ئاستىدىكى ئەۋەتىش كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.
    – تىۋىتىر (TWITTER)نى تاللاپ شۇ يەردە سۆز قالدۇرساق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تىزىملاتقان تىۋىتىرىمىزغا كىرىشىمىز كېرەك. تىۋىتىر سىياسى ساھەدىكىلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائى ئالاقە تورى بولۇپ، ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىزنىڭ دەۋا ئىشلىرىمىزغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. تىۋىتىرى بار قېرىنداشلار ئامال بولسا، مۇراجىئىتىنى تىۋىتىردا ئەۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
    – ئۇندىن باشقا يەنە youtube, Flicker, Instagram لاردىمۇ مۇراجىئەتنى سۆز قالدۇرۇش شەكلىدە يوللىسا بولىدىكەن.

    3. ئابۇ دابى شاھزادىسى شەيىخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەلنەھيەنگە مۇراجىئەتنى تۆۋەندىكى شەكىللەردە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
    – مۇراجىئەتنى خەت شەكلىدە پوچتا ئادرىسىغا ئەۋەتىش ياكىس فاكىس قىلىپ يوللاش؛
    – تىۋىتىردا سۆز قالدۇرۇش. تىۋىتىر ئادرىسى https://twitter.com/MohamedBinZayed

    4. مۇراجەتنى يەنە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى دىپلۇماتىك ۋەكىللەرگىمۇ ئەۋەتىڭ. ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى توردىن تاپقىلى بولۇشى مۈمكىن.

    5. بۇ چاقىرىق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن تىۋىتىرغىمۇ چىقىرىلغان. تىۋىتىرغا كىرەلەيدىغانلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىش ئورۇنلۇقكى، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىپ، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى ئېيىتساق، سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى چاقىرىقلارغا ئېھتىياجىمىز بارلىقى ۋە بۇ خىلدىكى ياردەملەرنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ بىزنىڭ قوللىشىمىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.
    https://twitter.com/patrickpoon/status/1048198999679754240?s=21

    6. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردا تەمىنلەنگەن چاقىرىقلارنى بېسىپ چىقىرىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك پايدىلانساق بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرەبچە نۇسخسىنى كۆپەيتىپ بېسىپ، قېرىندىشىمىز ئابدۇجېلىلنىڭ مۇئەززىنلىكىدە ناماز ئوقۇلغان مەسچىدلەرگە بارىدىغانلارغا تارقىتىلسا بولىدۇ.
    ئېنگىلىزچە:
    https://www.amnesty.org/en/documents/mde25/9187/2018/en/%C3%A2%E2%82%AC%C2%AC/
    ئەرەبچە:
    https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018ARABIC.pdf
    فىرانسۇزچە:
    https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018FRENCH.pdf
    ئىسپانچە:
    https://www.amnesty.org/download/Documents/MDE2591872018SPANISH.pdf

  2. قېرىندىشىمىز ئابدۇجېلىلدىن سىرىت يەنە باشقا (چەتئەلدىكى) شەھەر، دۆلەتلەردە تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا ھەممىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە قولغا ئېلىنىپ ھەم شۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى تونۇيدىغان، بىلىدىغانلار بولسا، شۇ تۇتۇلغان قېرىندىشىمىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنى 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن بۇرۇن، قېرىندىشىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇبقا يوللاڭ. بۇ ئۇچۇرلار توپلانغاندىن كېيىن دەرھال خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ياردەم قىلالايدىغان ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارغا يوللىنىلىدۇ. ئابدۇۋەلىنىڭ فەيىسبۇك ئادرېسى: https://www.facebook.com/abduwali.ayup.3

    چەتئەلدە تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئائىت تەمىنلەشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كۆپ بولسا تېخىمۇ ياخشى : ئىسىمى، تۇغۇلغان ۋاقتى، رەسىمى، چەتئەلگە چىققان ۋاقتى، تۇتۇلغان دۆلەت، شەھەر ۋە ۋاقتى قاتارلىقلار، نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئورنىنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشتا ھازىرغىچە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار قاتارلىقلار.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar