دوكتۇر ئەركىن سېدىق ۋاشنگىنتوندا لېكسيە سۆزلەيدۇ!

ئەركىن سىدىق

دوكتۇر ئەركىن سېدىق ۋاشنگىنتوندا لېكسيە سۆزلەيدۇ!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،ۋاشنگىتون،2018-يىلى 2-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارسىنىڭ ئوپتىك ئىنژىنىرى دوكتۇر ئەركىن سېدىق ئەپەندى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىگىلىلك تىكلەش بازىسى بولغان «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى«نىڭ تەكلىۋى بىلەن ۋىرگنىيە شتاتى فايىر فاكس شەھىرىگە جايلاشقان پائالىيەت مەركىزىدە بىر مەيدان ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارىدىكەن.

(Cybertech Solution )مەزكۇر مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى ،سايبىر تەك   تىخنىكا شركىتى دىرىكتورى  قۇززات ئەپەندىنىڭ بىلدۇرشىچە ،مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۇنگەن زىيالىيلىرى،تۆھپىكارلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاممىسى ،كەلگۇسنىڭ ئاساسى بولغان ياشلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،ياشلارنىڭ ئۆزلۇكنى تونۇش،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ۋەتەن-مىللەت كەلگۇسى ئۇچۇن ياراملىق بىر ئەۋلات ياشلىرىمىزنىڭ بارلىققا كىلىشى ئۇچۇن مەنىۋى ئاساس بولۇشنى ئۇمىد قىلىدىكەن.

مەزكۇر مەركەز قۇرۇلغاندىن بىرى ،ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە كۆپ خىل مىللى ئارقا كۆرۇنۇشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش،ھەمكارلىشش سەھنسنى ھازىرلىغان بولۇپ،سايبىرك تەك شركىتى باشقۇرۇشدىكى تېخنىكا مەكتىۋى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش  ۋە پائالىيەت سورۇنى بولۇپ كەلگەن.

يېقىندا بۇ مەركەز يۇزلىگەن ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچى ياشنى تەربىيلەپ،تىخنىكا ۋە ئىگىلىك تىكلەش ساھەسدە ئۇتۇق قازىنىشىغا سەھنە يارىتىش ئۈچۈن مەزكۇر مەركەز ئۇيۇشتۇرغان «يۇز كەرە يۇز« قۇرۇلۇشى ئ‍شقا كىرىشكەن بولۇپ،ئەتراپتىدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە ياشلارنىڭ ئالقىشغا ئېرىشكەن.

دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۇرۇشچە،ئۇ بۇ تەكلىپتىن ئىنتايىن سۆيۇنگەن بولۇپ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىنتىرنىت ئارقىلىق پىكىرلىشپ كەلگەن ئىنە-سڭللەر،تۇققانلار بىلەن دىدارلىششتن خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇرگەن.«بۇ سەھنە ئارقىلىق خەلقىمىز ،ياشلىرىمىز ئۇچۇن پايدىلىق بىلىم،ئۇچۇر،ئىدىيەلەرنى ئورتاقلىشالىسام مىنىڭ خۇشاللىقىم شۇ «

مەزكۇر لېكسيەنىڭ تېمىسى:كەلگۇسگە قانداق يۇزلىنىمىز؟-دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ،10-ئاينىڭ 6-كۈنى شەنبە چۈشتىن كىين سائەت 5:00تە ئىلىپ بىرىلىدىكەن،

Uyghur Entrepreneurs Network ئورنى:

  ئۇيۇشتۇرغۇچى:      

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى

ۋاشىڭتوندىكىلەر ئ‍ۈچۈن ھەقسىز بىلەت ئۇلىنىشى:

https://www.eventbrite.com/e/uen-erkin-sidiq-akimiz-bilen-s…

توردىن قاتنىشىش ئۇلىنىشى:

https://attendee.gotowebinar.com/regist…/6246842721258767106

ۋەبىنار ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز، ۋەبىنارنى قاچىلاش ۋە قاتنىشىشنى ئۇيغۇرچە كومپىيوتۇر دەرسلىكلىرى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تۆۋەندىكى ۋىدىيودىن ئ‍ۈگەنگەيسىز.

https://www.facebook.com/100024820120501/posts/267170220786980/

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر كۇلۇبى

5 thoughts on “دوكتۇر ئەركىن سېدىق ۋاشنگىنتوندا لېكسيە سۆزلەيدۇ!

  1. ———————————
    ئەسكەرتىش
    مەن بۇ يازمىنى ۋەتەندە تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن، بىۋاستە يازغاچقا نوقسانلار كۆپ بولسا ئەپۇ سورايمەن. تۈزىتىپ ۋە ئەسكەرتىشنى ئۆچۈرىۋىتىپ مۇناسىۋەتلىك سەھىپىگە يوللاپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋامىنى سالامەت بولسام داۋاملىق يازىمەن.
    ———————————-

    ھازىر ۋەتەننىڭ ئەھۋالى زادى قانداق؟ (1)

    قامالىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ۋەتەن سىرتىدىكى ھەرقانداق ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ ياكى شەخىسنىڭ ۋەتەن ئىچىدىن ئۇچۇر ئىگەللىشى ئېنتايىن قىيىن ياكى مۇمكىن ئەمەس بولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ۋەتەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئازىراق مەلۇمات بارمەكچى. ئەگەر

    سورايدىغان سۇئاللىرىڭلار بولسا ئاستىغا ئېنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويساڭلا بولىدۇ.

    خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ مەخسىدى زادى نىمە؟
    خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكىمىتى تېخىمۇ كۆپ ئىنىرگىيەگە مەنبەسى، تېخىمۇ كەڭرى زىمىن، تېخىمۇ چوڭ سودا پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ھازىرقى ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا بۇلارنىڭ دېڭىزدا ئەۋزەللىكى يوق. شەرق تەرىپىدە ياپۇنىيە،

    كورىيە، تەيۋەن قاتارلىق خىتايغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان تەرەققىي قىلغان كۈچلىك دۆلەتلەر بار، ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ كۈچلىك بولغان ئامرىكا بار، بۇلار خىتاينىڭ تېنىچ ئوكيانغا كېڭىيىدىغان يوللىرىنى ھەر ۋاقىت چەكلەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرق تەرەپتىن تېخىمۇ چوڭ سودا

    يوللىرىنى ئېچىشقا ئامالسىز. جەنۇپ تەرىپىدە ۋىتنام، تايلاند، بىرما، ھېندىستان قاتارلىق دۆلەرلەر ھېندى ئوكيانغا چىقىدىغان يوللارنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپىدە مۇڭغۇلىيە ۋە رۇسسىيە بار، بۇلارنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى چەكلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق نۇقتىدىن ئويلىساق ختتاينىڭ

    كېڭىيىش يولى پەقەت غەرب. ئەگەر غەرىبنى ياخشى كونتىرول قىلالىسا، ياخشى كۈننىڭ يامىنى كىلىپ دېڭىز تەرەپتە ئۇرۇش بولۇپ قالسىمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. بۇ نوقتىنى خىتتاي مۇتەخسىسلىرىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ۋەتەندىكى مىللىي كادىرلارغا لىكسىيە قىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ. ھازىرقى

    ئەمەلىيەتتىن شۇنىسى تېخىمۇ ئېنىق بولۇۋاتىدۇكى ھازىر ۋەتەندە بولۇۋاتقان بۇ ئىشلار نەچچە ئون يىل بۇرۇن، توغرىسى دىڭ شىياۋپېڭ ھايات ۋاقتىدا پىلانلىنىپ بولۇنغان. پەقەت بۇلار ئۆزىنىڭ سەك كۈچلىنىۋىلىشىى، سەل تەرەققىي قىلىۋىلىشىى ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان.
    بۇلارنىڭ 1-پۇرسىتى «11-سېنتەبر ۋەقەسى» دىن باشلاندى. مۇشۇ ئىشتىن باشلاپ خەلقئارادا مۇسۇلمانلارغا تېرىرچى قالپىقى كىيىلىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتەندىكى مىللىي بولگۈنچى ئاتالغۇچى تىرورچى ئاتالغۇسىغا ئالمىشىشقا باشلىدى. ۋەتەندىكى چوڭ-كىچىك ھەرقانداق

    ئىشلار تىرورچى ئاتالغۇچى بىلەن خەلقئاراغا ئاڭلىتىلىدى. مەخسىدى جوڭگونىڭ غەرىبىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى ياشايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭمۇ تىرورچى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈش ئىدى. 2008-2009- يىللىرىغا كەلگەندە خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز، سودىدىكى پايدىسى ئەڭ كۆپ

    بىر ھالەتكە كىلىپ تېخىمۇ چوڭ بازارغا ئېتىياجى چۈشتى، غەربتىن يول ئېچىش ئارزۇسى يەنە كۈچىيىشكە باشلىدى، بىراق بۇ يەرە ئۆزىنى مۇشۇ زىمىننىڭ ئىگىسى دەپ ئويلايدىغان ئۇيغۇرلار ياشايتى. دەل مۇشۇنىڭغا ئۈلگىرىپ ئۈرۈمچىدە «7-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەردى. مۇشۇ پۈرسەتتىن

    پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ قۇراللىق ئەسكەرلەرنى ۋەتەنگە ئورۇنلاشتۇرىۋالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن بىر تىرورچى ئىكەنلىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى. قانداقلار بولمىسۇن نەتىجىدە «7-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ پايدىسى خىتتايغا، زىيىنى ئۇيغۇرلارغا بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ 2-پۇرسىتى

    بولدى.
    مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خىتاي ۋەتەندىكى ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنى تەرتىپكە سىلىشقا، كۈچەيتىشكە باشلىدى. قاتتىق دىتالغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. سۈريەدىكى ۋە ئىراقتىكى «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرىشى بۇلارنىڭ 3-پۈرتىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن

    غەربىنى تەل-تۈكۈس تازىلاشنىڭ ۋاقتى يىتىپ كەلگنلىكىنى ھېس قىلىپ ھەركەتكە ئۆتتى. چېن چۈنگونى شىزاڭغا، چاڭ چۈنشەننى شىنجاڭغا يولغا سالدى، بىراڭ چېن چۈنگو شىزاڭدا كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتكەن بولسىمۇ جاڭ چۈنشىئەننىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلىرى ختتاينىڭ دىگەن يىرىدىن چىقمىدى.

    شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى «يۇمشاق قول» جاڭ چۈنشەن بىلەن نۇر بەكرىنى بىراقلا ئەكىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تېخخمۇ قاتتىق قول چېن چۇئەنگو بىلەن تېخىمۇ «يۇمشاق باش» شۆھرەت زاكىرنى ئورنىغا دەسسەتتى. چېن چۇئەنگو بارلىق ئىلشلارنى خىتتاينىڭ دىگىنى بويىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ

    ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ ختتاينى ناھايىتى رازى قىلدى. خىتاينىڭ مەخسىدى قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن، قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتتئىي نەزەر غەربنى تېنچلاندۇرۇش، جەمىيەتتە ھېچقانداق قارىشىلىق يوق بىر ھالەتكە ئەكىلىش، مۇشۇ ئارقىلىق ياۋروپاغا ۋە پاكىستاندىن پايدىلىنىپ دېڭىزغا چىقىش.

    ئاخىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيانى ئاتالمىش «جوڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ «جوڭگو ئارزۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

    خىتتاي بۇ ئىشلارنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ؟
    خىتتاينىڭ يۇقارقى مەخسىدىگە يىتىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق تۈگۈن دەل بىرنىڭ ۋەتىنىمىز. خىتاي بۇ «ئۇلۇغۋار» مەخسىدىگە يىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرىنچى ئۆتكەل بولغان شىنجاڭدىكى بارلىق قارىشىلىقلارنى تەك تۆكۈس يوقۇتۇشنى نىشان قىلغان. چېن چۇئەنگو كىلىپ 3-كۈنى پۈتۈن

    شىنجڭدىكى ناھىيە دەرجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلارغا تىلۋىزىيە-تېلفون يىغىنى ئاچتى. ئەتىسىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى بولۇپمۇ جەنۇبي شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيەلەر ئارىسىغا مۇتىزىم تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇشقا، خىزمىتى يوق ياشلار ئامانلىق باشقۇرۇش ۋە ساقچىلىق بويىچە ھەربىيچە

    تەربىيلىنىشكە باشلىدى. ياشلار ساقچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىلىپ تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ئىشسىز ياشلار ساقچىلىققا، ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر ئامانلىق باشقۇرغۇچىلىققا قۇبۇل قىلىندى. تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا

    ساقچى، ياللانما ساقچى ۋە ئامانلىق باشقۇرغۇچىلار بولۇپ 20 دىن 60 قىچە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە 60 مىڭ ئەتراپىدا ياشلار ساقچىلىققا ياكى ئامانلىق باشقۇرغۇچىلىققا قۇبۇل قىلىندى. ساقچى ۋە ياللانما ساقچىلارغا، ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان ئامانلىق

    باشقۇرغۇچىلارغا بىردىن قۇرال تارقىتىپ بىرىلدى. يىزا-كەنىتلەرنىڭ ھەر بىر مەھەللىرىگىچە، ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ 50 مىتىرغا بىردىن، دوختۇرغانا، ئىدارە-ئورگان، ھەرقانداق بىر تىجارەت سورۇنىغا زىچ ھالەتتە كۆزىتىش كامىراسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ كامىرالارغا جوڭگودا ھازىر بار

    بولغان ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ 24 سائەت ھەركەتچان ھالەتتە تۇرىدۇ. ئالدىدىن ئۆتكەن ھەر بىر ئادەمنى ئاپتۇماتىك پەرىقلەندۈرۈپ، كىملىك ئۇچۇرلىرىنى، پاراڭلاشقان مەزمۇنلىرىنى، كىملەر بىلەن تۇرغانلىقىنى مەركىزى مۇلازىمىتىرغا يوللايدۇ.
    ناھىيە شەچەرلەردە 500 مىتىرغا بىر دىن ساقچى پونكىتى قۇرۇلدى، ھەربىر كۆچىللىرىغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يولدىن ھەر قېتىم ئۆتكەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى تىزىملىنىپ، تېلفونلىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن ماڭدۇرىلىدىغان بولدى. يىزىلار بىلەن يىزىلار ئوتتۇرىسىدا

    يۆتلىكىشچان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ ئوتكەنلەنىڭ كىملىكى تىزىملىنىپ، تېلفونلىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن ماڭدۇرىلىدىغان بولدى. ناھىيە بىلەن ناھىيە، ناھىيە بىلەن شەھەرلەرنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدن ئۆتكەندە يۇقارقىدەك تەكشۈرۈلگەندىن باشقا پۈتۈن بەدەنلىك رىنتىگىن

    ئاپراتىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئاندىن ماڭدۇرىلىدىغان بولدى. خەنزۇلار ھەرقانداق ئورۇندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا كىرمەيلا ئايرىم يولدا ئۇدۇل ئۆتۈپ كىتىدۇ. يىزا-كەنت، ناھىيە-شەھەرلەرگە بىر كىلومىتىر دائىرىدە بىردىن چارلاش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 24 سائەت چارلايدىغان بولدى.

    ئالدى بىلەن يىزىلاردىكى، ئاندىن ناھىيە شەھەرلەردىكى ھەر-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بار بولغان ھەرقانداق تىغلىق نەرسىگە مەخسۇس نومۇل ئويۇلۇپ «نوپۇسقا ئېلىنىپ» باشقۇرۇلىدىغان بولدى. ھەر دۈشەنبە كۈنى بارلىق كىشىلەر ئۆپچە ھالەتتە بايراق چىقىرىش پائالىتىگە قاتنىشىدىغان بولدى.

    ھەر كۈنى كەچتە ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم ئىككى سائەت سىياسىي ئۈگىنىشكە قاتنىشىدىغان بولدى. يىزا-بازار شەھەردىكى تىجارەتچىلەر كۈندە تۆت قېتىم، ھەر قېتىم 30 مىنۇت «تىرورچىلارنى» يوقىتىش مەشىقى قىلىدىغان بولدى. ھەرقانداق تىجارەت سورۇنلىرىدا تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى

    تولۇق يوقۇتىلدى (يۇقارقى ئىشلار ئۈرۈمچىدە ئانچە ئېغىر ئەمەس).
    يۇقارقىلاردىن باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون نازارەت قىلىش سىستېمىسى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تىلفۇن ۋە قىسقا ئۇچۇرلىرىنى، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ئەپلىرىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ ئاپتۇماتىك نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ختتاينىڭ ئاتالمىش «يەردا قاپقان، ئاسماندا تور» پىلانى. ھازىر

    ھەر بىر ئۇيغۇر تېلېفۇندا ياكى ناتونۇش ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز ئارتۇق سۆز دىمەيدىغان بولدى، بولمىسا ئۆزىنى ئۇدۇل تۈرمىدە كۆرىدۇ. ئۇچۇر قامال قىلىش شۇ دەرجىگە يەتتى ئابدۇقادىر جالالىدىن 2018-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ھازىرغىچە جەنۇپتىكى %99 ئادەم

    بىلمەيدۇ، بىلىدىغان ئادەم باشقىلارغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ختتاي ھۆكىمىتى بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقانداق بىر قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.

    خىتتاي ۋەتەندە نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ؟
    چېن چۇئەنگو يۇقارقىدەك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتتى. ئەمەلىي ھەرىكەتتە بۇلار يەنىلار مازىدوڭنىڭ «يىزىلار ئارقىلىق» شەھەرنى ئىلىش ھىلىسىنى ئىشقا سالدى. ئالدى بىلەن يېزىلاردىكى ئاتالمىش «ياۋا ئاخۇن» لارنى، ئاندىن بۇرۇن

    شەخىسلەردىن دىنىي تەلىم ئالغان بارلىق كىشىلەرنى، ئاندىن ئۆزى تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن، ھۆكىمەتتىن مۇئاش ئالىدىغان دىندارلارنى، ئۇنىڭدىن كىيىن باش ۋاخ ناماش ئوقۇيدىغان بارلىق ئەرلارنى، ئۇنىڭدىن كىيىن ھەپتىدە، ئايدا، يىلدا بولسىمۇ بىر قىتىم مەسچىتكە كىرىدىغانلارنى، ئۆيىدىن دىنىي

    كىتاب ياكى دىنىي ئۈن-سىن بويۇم چىققانلارنى، مەسچىتكە كىرىپ باقمىسىمۇ تەبلىغ ئاڭلاپ باققانلارنى قاماققا ئالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي دىندارنى 15 يىل ئەتراپىدا، شەخىسلەردىن دىنىي تەلىم ئالغانلارنى 10 يىل ئەتراپىدا، قالغانلارنى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىپ

    بولدى. دىندارلانىڭ ھەممىسى قاماققا كىرىپ بولغاندىن كىيىن %95 مەسچىتلەر چىقىۋىتىلدى. يەنى بۇرۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر بىر مەھەلىدە بىردىن مەسچىت بار ئىدى. شۇنداق بولغاندا بىر يىزدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 60 تىن 100 گىچە مەسچىپ بار بولغان بولىدۇ. ھازىر بىر يىزىدا

    ئۈچتىن ئالتىگىچە مەسچىت بار. چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ئورنىغا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ياكى ھاراق بوتكىللىرى قۇرۇلۇپ بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭدا «دىنىي ئەركىنلىك بار دىنغا ئىتىقات قىلىدىغان ئادەم يوق» تەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ ئىشلاردىن كىيىن يىزىلاردىكى

    ئەمەلىي كۈچى بار كىشىلەرنى، كۈچلىك جەمەتنىڭ غوللۇق ئادەملىرىنى، ھەربىيلىكتە تۇرۇپ باققان، لىكىن ھۆكىمەت خىزمىتى قىلمايدىغنالارنى قاماققا ئالدى. مەيلى بۇلار ھاراقكەش ياكى قىمارۋاز بولسۇن بۇنىڭ بىلەن ھېسابىشىپ ئولتۇرمىدى. بۇلاردىن كېيىن يېزا-كەنىتلەردىكى كادىرلار بىلەن

    قارىشىلىشىپ باققان تارىخى بارلارنى، دېھقان بولسىمۇ كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغان، كۆپ ئىش كۆرگەنلەرنى قاماققا ئالدى. بۇلا 5 يىل ئەتراپىدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى. بۇلاردىن كېيىن خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى مەيلى 20 يىل ياكى 30 يىل بۇرۇن بولسۇن دىنىي تەلىم ئالغانلارنى،

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دىن ھەققىدە، مىللەت ھەققىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەلىم بەرگەنلەرنى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماققا ئالدى. جەمىيەتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئىھتىماللىقى بار بارلىق ئادەملەرنى قاماققا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بايلارنى قاماققا ئېلىشقا باشلىدى.

    مەيلى ئۇ تىجارەتچى ياكى ئەمەلدار بولسۇن باي سانىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى قاماققا ئېلىندى. ئاندىن نۆۋەت مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىگە كەلدى. يالقۇن روزىدىن باشلاپ، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، ئابدۇرىھىم ھېيىت (تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى)، ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئايالى قاتالىق

    ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىر كۈچكە ئىگە كۆپ قىسىم زىيالىلار قاماققا ئېلىندى.
    ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەت تەسىركۈچكە ئېگە ئەمەلدارلارغا كەلدى. بۇ يىلى يىل بىشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە مۇئاۋىن نازىرى ۋە بۇرۇنقى نازىرى، شىنجاڭ ئۈنرىستىتىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ تىببي ئۈنۋىرسىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ پىداگوگىكا

    ئۇنۋىرستىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يەر بايلىقى ئىنىرگىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، شىنجاڭ گىزىتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ نەشىريەت باشلىقى، شىنجاڭ تىل يىزىق كومتىتىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھوقۇقلۇق شەخىسلەر تۇتقۇق قىلىندى. بۇ كىشىلەر

    2018-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان. نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يۇقارقى ئەمەلدارلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار دەل نۇر بەكرى شىنجاڭغا رەئىس بولۇپ تۇرىۋاتقاندا ھوقۇق تۇتقان ياكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كىشىلەر، بۇ كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا نۇر بەكرى بىلەن بىۋاستە

    مۇناسىۋەتلەردە بولغان. بۇ كىشىلەردىن «چاتاق چىققانلىقى» خىتتاي ھوكىمىتىنىڭ نۇر بەكرىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ياكى مۇشۇ كىشىلەر ئارىسىدىن بەزىللەر نۇر بەكرىنى پاش قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
    يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تۇتقۇن قىلىندى دىيىلگەن كىشىلەر ئېنىق يىل بىكىتىلىپ كىسىلگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئېنىق يىلى بىكىتىلىپ كىسىلگەن بولسىمۇ، لىكىن %50 تىدىن كۆپرەكلىرى يەنىلا «تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە» تۇرماقتا. بۇ يەردىكىلەر توختىماي خەنزۇتىلى ۋە سىياسەت

    يادىلايدىغان بولۇپ، بۇرۇن بىر سىناپتا كىسىلگەن ۋە كىسىلمىگەن ھەممە ئادەم ئارىلاش تۇراتى، ھازىر «تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى» رايونلارغا بولۇپ باشقۇرىۋاتىدۇ.

    «مۇتەخەسىسلەر» نىم دەيدۇ ؟
    يۇقارقى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى توغرىسىدا تاكى 2018-يىلى 6-ئايغىچە ھېچ بىر ئورگان چۈشەنچە بەرمىگەن، 6- ئايغا كەلگەندى خىتتاي ھۆكىمىتى تولۇق خەنزۇلاردىن تەركىپ تاپقان مەخسۇس «مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇلار 6-ئايدىن باشلاپ ناھىيە

    دەرجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا لىكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ. بۇلار خوجىنىياز ھاجىدىن تارتىپ مەمتىمىن بۇغراغىچە، مەمتىمىن ئىمىنوفتىن تارتىپ تۇرغۇن ئالماسقىچە ھەممىسىنى سۆكۈپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق مىللىي ھېسىياتىنى قوزغۇتۇپ

    قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتىدۇ. ئويدۇرۇپ چىقىلغان قانداقتۇر بىر ئىلمىي ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرۈكلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى، تۈرۈكلەرنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بىر مۇستەقىل دۆلىتى

    بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ.
    ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلار توغرىسىدا دىيشىچە يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچ نازىرىڭ تۇنقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەب مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرىسلىك كىتابقا مۇناسىۋەتلىك بولغان. 2000-يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ كىتابلارنى تۈزۈشكە يالقۇن

    روزى ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتناشقان، مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى رەھبەرلىك قىلغان. بۇ كىتابلاردىكى، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، باۋۇدۇنباي قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ۋە تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر خىتتاي

    رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق ئوۋغىسىنى قايتناتقان. بۇ مۇتە خەسىسلەر ئېنىق قىلىپ «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» نى سۆككەن. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە «تاشپۇلات تىيىپ بىلەن غالمۇرات غوپۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غوللۇق ئادىمىنى مەكتىپىدە لىكسىيە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ ئادەم

    ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇتراتقۇلۇق قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىر يىلدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئىش چىققان.» ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى 2008-يىلى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى ۋە تىببى ئۈنۋىرىستىتىدا لىكسىيە سۆزلىگەنلىك ئىشى.

  2. مەن ئاخشام بىر مەزمۇن يوللىغان ئېدىم، بىلمىدىم قۇبۇل قىلدىڭلىمىكىن ؟ جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ يوللاۋاتىمەن.

    1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدرلىك قېرىنداش،
      خەتەرگە قارىماي ۋەتەننىڭ ۋەزەيىتىنى ناھايىتى سىستېمىلىق ۋە تەپسىلى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئاللاھ سىزنى خىتتايلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسۇن، سىزنى ئامان قىلسۇن .
      ۋەتەن سىرتىدا قېرىنداشلار قولىدىن كېلىشىچە خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ، سىز ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىڭىز خەۋەر تاپقان پائالىيەتلەرگە قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە ۋەتەن سىرتىدىكىلەر قانداق ياردەملەرنى قىلالايدۇ ؟

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar