بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئىشلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە خىتاينى ئەيىپلىدى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019.07.03

 

7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەيشەنبە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى يېپىق يىغىندا ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا نەچچە مىليۇن مۇسۇلمان خەلىققە قاراتقان قانۇنسىز قىلىمىشنى ئەيىپلىگەن.

يىغىنغا قاتناشقان بىر نەچچە ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان تاشقى ئىشلار خادىمى سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندىن تۈۋەندىكىلەرنى  ئاشكارلىغان . ئامېرىكانىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى ئەلچىسى كون ئەپەندىم خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم ۋە خورلاشلىرنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.

خىتاي تەرەپ چىچاڭشىپ كونا گىپىنى يورغۇلىتىپ بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز دەپ قاقشىغان.

بىر ئامېرىكا خادىمى  ئامېرىكا ھەردائىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ،قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلىمىغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ دىگەن.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar