خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-25

 

24– ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈنكى نامايىش 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىللىقىنى خاتىرلەش ھارپىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرپىدىن جىددىي ئۇرۇنلاشتۇرلدى.بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم مۇنداق دىدى: ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ (ش ت )مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيتىنىڭ ناھايىتى ياخشى كىتىۋاتقانلىقى ۋە  «جازا لاگىرنىڭ» يوقلىقى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى بولغان، بۇ رەزىل قىلمىشتىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەھبەرلىكى بۇ قېتىملىق نامايىشىقا جىددىي چاقىرىق قىلدۇق.بىز ئارلىقنى يىراق كۆرمەي مىڭ نەچچە يۈز كىلومىتىر يولنى بېسىپ چاقىرقىمىزغا ئاۋاز قوشۇپ بۈگۈنكى نامايىشىقا كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە ھەرقانداق كۈرەش بەدەلسىز بولمايدۇ، بىز مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي كۈرەش قىلغاندىلا مۇستەقىللىقىمىز يېقىن. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىشىنى ئورۇنلاشتۇرشىمىزدىن خەۋەردار بولغان خىتاي ئەركىن تۇنىيازنىڭ دوكىلات بېرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇمۇ بىزنىڭ كىچىك بىر غەلبىمىز.

بۈگۈنكى نامايىشىقا ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە، شىۋىسيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە،ئاۋىستىريە، بىلگىيە  قاتارلىق 7 دۆلەتتىن ئۇيغۇر تەشكىلار ۋە شەخىسلەر بولۇپ 200دىن كۆپ ئۇيغۇرلار قاتناشتى. گەرچە يول يىراق، ھاۋا ئىسسىق بولسىمۇ نامايىشقا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ھېرىپ چارچاشقا قارىماي ھەممىسى تىك ۋە جانلىق تۇرۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارشىسىدىكى مەيداندىن ئاۋازىنى بىنا ئىچىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا  يەتكۈزۈشكە تىرىشىتى. بۈگۈنكى پىژغىرىم ئىسسىق بىرمۇ ئۇيغۇرنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى. ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جەمىئەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئارقا -ئارقىدىن سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ داۋا يولىدىكى ئىرادىللىرىنى  ۋە كۈرەشنىڭ غەلبە قىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىكىنى بىلدرۈشتى .

نامايىشچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى يولدىن ئۆتكەن يۇلۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ھەربىرى توختاپ نامايىش ئۈچۈن قويۇلغان لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى تەپسىلى كۆردى ۋە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەلۋەتتە نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ بەرزەن تەربىيەسىز ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىمۇ جاۋاپسىز قالمىدى.

بۈگۈنكى نامايىشنى بىر قانچە تېلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرىلىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى.

ئاخىردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم يىغىندىن چىقىپ يىغىندىن دوكلات بەردى ۋە تەكرار رەھمىتىنى بىلدۈردى.نامايىشقا كەلگەنلەرمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپاغا چىدايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4 thoughts on “خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

  1. سىۋىتسىيە دىگەن دۆلەت ئىسمىدە ۋە باشقا سۆزلەرنىڭ ئىملالىرىدا ا خاتالىقلار بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى دەپ رەسمىي قۇرۇلما شەكلىدە تور خەۋەرلىرى تارقىتىۋاتقان بولغاندىكىن ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان بولسا ، ئۈزىمىزنىڭ تىلىمىزنى ئۈزىمىزتوغرا قوللانمىساق خىتاينىڭ جاپا تارتىشىنىڭ ھاجىتى يوق .

    1. توغرا دەيسىز، بىزگە بىر تەھرىر كەم. خەۋەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلىپ ئاندىن چىقىرايلى دىسەك، تەھرىرنىڭ ۋاقتى يەتكۈچە خەۋەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىدىكەن.خەۋەر تەرجىمىسى، تەھرىرلىكى ئاندىن ئىلان قىلىش قاتارلىقلارنى تەرتىپ بىلەن قىلغاندا بۈگۈن ئەتىگەن تەرجىمە قىلىنغان خەۋەر ئەتە ياكى ئۆگۈنگە قالىدىغان ئىش كۆرۈلۈپ، تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەمگىكى زايە بولۇپ كىتىدىكەن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالدۇق.

  2. پائالىيەتلەر بەك ياخشى بۇلاپتۇ ، يولنى يىراق كۆرمەي ئىسسىققا چىداپ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى خىتتايغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن . ۋەتىنىمىزنىڭ بۇرۇنراق ئازات بۇلۇشقا نىسىپ قىلسۇن

  3. پائالىيەتلەر بەك ياخشى بۇلاپتۇ ، يولنى يىراق كۆرمەي ئىسسىققا چىداپ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى خىتتايغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن . ۋەتىنىمىزنىڭ بۇرۇنراق ئازات بۇلۇشقا نىسىپ قىلسۇن

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar