ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق قانۇن لاھىيىسى »ئۈچۈن جىددى ھەرىكەت قىلماقتا

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-6-13

 

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى تۇمارىس ئالماس خانىمنىڭ بىلدۈرشىچە 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ، UHRP ، ۋە UAA نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى»گە پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ ئىشقا ساھىپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتكە قاتناشقان چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆزلىرىگە ياش ئالغان .
ھەربىر ئۇيغۇرغا بىر يەرلىك ھەمرا بولۇپ ، ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ جازا لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆز يىشى بىلەن بايان قىلىشقان . ئالدى كەينى بولۇپ 50 دىن ئارتۇق پارلامىت ئەزالىرىنىڭ ئىشىكى چىكىلگەن . پىدائىلار بىركۈن تاماق يىمەي ، 5 بىنانىڭ ئوتتۇرسىدا يۈگۈرەپ يۈرۈپ ھەممەيلەن ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىغان .


بۇ ھەقتە ئۆمەر قانات ئەپەندىممۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar