خوڭكوڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن جىددىيلەشمەكتە

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: ئەردەم
2019- 6- 11

    خوڭكوڭ خەلقى خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش بەلگىلىمىسى»گە قارشى مىلىيون كىشىلىك  نامايىش قىلغان بولسىمۇ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى يەنىلا قانۇن لاھىيەسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوڭكوڭ خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ بىپەرۋالىقىغا غەزەپلىنىپ بازار تاشلاش، ئىش تاشلاش، دەرس تاشلاش ئارقىلىق «ئېنىقسىز ۋە سىياسىيلاشقان»بۇ قانۇن لاھىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى پىلانلىماقتا. ھازىرغا قەدەر ئون نەچچە شىركەت ۋە كارخانىلار ئاۋا قوشقان بولۇپ، ئۇلار 12- ئىيۇل بازار تاشلىماقچى بولغان. ئۇلار بۇ قانۇن لاھىيەسى ماقۇللانسا، خوڭكوڭنىڭ خەلقارادىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئەۋزەللىكى تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىانلىقىنى بىلدۈرگەن.

10- ئىيۇل، ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى ئەگەر خوڭكوڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»ئەۋزەللىكىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى ماقۇللانسا، ئامرىكىنىڭ خەلقئارا مۇئامىلىدىكى ئالاھىدە ئورنى تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى، خوڭكوڭنىڭمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق خىتايلىرىغا ئوخشاشلا باج ۋە پەن- تېخنىكا چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئاگاھلاندۇرۇپ،  ئامرىكىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئىيىتقان.

خىتاي باياناتچىسى يەنە نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئارانلا 240 مىڭ ئادەم ئىكەنلىكى، چەتئەل تاراتقۇلىرى ئىيىتقاندەك بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئەمەسلىكى، نارازى ئاممىنىڭ سانىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئغۋارگەرچىلىك تۇغدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

تەيۋەن پىرىزدىنتى سەي يىڭۋىن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزى ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە ھەرگىزمۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»دىگەندەك ياغلىما يالغانلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىيىتى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar