مىللىي كۆرەش يولىدىكى ساۋاقلار، ئەھۋاللار ۋە مۇھىم نۇقتىلار

قۇتلۇق

 

مىللى مۇستەقىللىغىمىزنىڭ سىموۋلى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تەڭرىتاغ باغرىدا قايتىدىن جەۋلان قىلدۇرۇش، ھەر بىر ئويغاق، مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى. بولۇپمۇ مىللىتىمىز تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن مىللىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاشمۇ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە يول خەرىتىسى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش روھىي ئۇيغاق، مەسئۇلىيەتچان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى.

1.مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ تارىخىي ساۋاقلىرى

تارىخىنى ئۇنۇتقان مىللىتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ.” بۇ ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ “ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرەمچورۇقۇڭنى قۇرۇتما” دىگەن ھېكمەتلىك سۆزىمۇ بۇ مەنىدە بولسا كېرەك. تېمىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چىڭ خاندانلىقى ۋەتىنىمىزنى ئىىكىنچى قېتىم ئىشغال قىلىپ ‘’شىنجاڭ” دىگەن نام بىلەن ئۆلكە قاتارىغا قوشقان 1884يىلىدىن بۇيانقى مىللى كۈرەشلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەجرىبى ساۋاقلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

1884يىلىدىن ھازىرغا قەدەر بولغان مىللىي كۈرەشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە مەيلى كۆلەم ۋە نەتىجە ئىتىبارى بىلەن بولسۇن 1933يىلى غازى خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى خەلق قوزغىلىڭى بىلەن 1944يىلىدىكى غۇلجىدا باشلانغان ۋە ئىلى، ئالتاي، تارغاباتاي 3 ۋىلايەتكە يېيىلغان خەلق قوزغىلىڭى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر ئىككى قېتىملىق ئىنقىلاپتا دۆلەت قۇرۇش غايىمىز قىسمەن بولسىمۇ روياپقا چىقتى ۋە جۇغراپىيىمىزنىڭ بەلگىلىك رايونلىرىنى تەسىرى ئاستىغا ئالدى. لېكىن ھەر ئىككىلا قېتىملىق ئىنقىلاپتا بىرلىككە كەلگەن بىر ئىدىيە ۋە پىكىر ئېقىمىنى، ئىنقىلاپقا يېتەكچىلىك قىلغان نوپۇزلۇق بىر تەشكىلىي كۈچنى كۆرەلمەيمىز. لۈكچۈن مۇھاسىرىسىدە مەخسۇت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قوزغىلاڭ يېتەكچىسى خوجانىياز ھاجىنىڭ “سەن ئۆلگىچە مەن ئۆلسەم بولمامدۇ مەخسۇت، ئەمدى قانداق قىلىمىز …” دەپ پەريات چېكىشى، ۋە 1934يىلىنىڭ باھار ئېيىدا 1جۇمھۈرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مىنىستىرى ساۋۇت داموللامنى ئۆز قولى بىلەن دۈشمەنگە تۇتۇپ بېرىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. 2جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇررىغا چىقارغان ئىنقىلاپنىڭ كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولى بارلىغى ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت، رەئىس جۇمھۇر ئېلىخان تۆرىنىڭ تاشكەنتكە يالاپ ئېلىپ كېتىلىشى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ باشچىلىقىدىكى 7كىشىلىك خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى ۋە ئەخمەتجان قاسىم قۇرغان ‘’ئىتتىپاق” ۋە جۇمھۇرىيەت ئىچكىي كابېنتىنىڭ “ئايرۇپىلان ھادىسىسى” بىلەن يوق قىلىنشى بۇنىڭ ئىسپاتى. ئۈچ ئەپەندى ۋە غۇلجا تەرەپدارلىرىنىڭ تالاشتارتىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى. بۇ ئىككى قېتىملىق ئىنقىلاپ ۋە مىللى كۈرەشنى خۇلاسىلىساق شۇنى روشەن كۆرەلەيمىزكى كۈرەشلىرىمىز تولاراق ئىستىخيلىق ۋە ياكى ‘’تاشقى كۈچنىڭ” رېژىسسورلىغىدا باشلانغان، ئىنقىلاپنى يېتەكلەيدىغان بىرلىككە كەلگەن بىر پىكىرئىدىيە ۋە يول خەرىتىسى بولغان ئەمەس، ياكى بىرلىككە كەلگەن بىر تەشكىلىي قۇرۇلما ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلغان ئەمەس. شۇڭا ھەلقىلغۇچ پەيتلەردىكى قارار قىلىش ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ئۆز قولىمىزدا بولمغان، ئاققان قانلار بىكارغا كەتكەن. 1949يىلىدىن كېيىنكى ھازىرغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەركەتلەرگە نەزەر سالساق، پەرقلىق سىنارىيە، ئوخشاش نەتىجىلەرنى كۆرەلەيمىز. ئۇرۇنۇشلىرىمىز، سانسىز قۇربانلىرىمىز بۇ سەۋەپتىن بىكارغا كەتكەن. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ھەرىكەت، كۈرەشلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس يارقىن نۇقتىلىرىمۇ بار، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىكى تەشكىلسىزلىك، پىكىرئىدىيە كەمچىللىگى بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى.

2.مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت

مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ھازىرقىي ئەھۋالى دىگىنىمىزدە ئاساسلىق ۋەتەن سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى كۆزدە تۇتىمىز. 2016يىلىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغان قانخور جاللات چېنچۇئەنگونىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي زۇلۇم سىياسىتى نەتىجىسىدە ۋەتىنىمىز ئاللىقاچان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى، خەلقىمىزنىڭ ئۆز مىللىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلىشىمۇ زور تەھدىتكە دۇچ كەلدى. شۇڭا ئاساسلىقى ۋەتەن سىرتىدىكى كۈرەش ئەھۋاللىرىمىزنى قىسقىچە ئانالىز قىلىمىز.

كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، نۆۋەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مەنىۋىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ئەسلىدە يۈزەكى بولسىمۇ ساقلانغان تەشكىلىي بىرلىك چاكچېكىدىن بۆسۈلۈپ، يېڭى تەشكىلات ۋەگۇرۇپپىلار ئارقائارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يەنە بىر قېتىملىق يېڭىدىن تەشكىللىنىش ۋە ئۇيۇشۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ باسقۇچنىڭ قاچان تاماملىنىشى ۋە يېڭى بىرلىكنىڭ قاچان ئوتتۇرىغا چىقىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەتەندىكى چەكتىن ئاشقان زۇلۇم ۋە خورلۇق بىر تۈركۈم يۇقۇرى مەلۇماتلىق، يېڭىچە پىكىردىكى ياش يىگىتقىزلارنى دەۋا سېپىغا باشلاپ كىردى. بۇ ۋەتەن سىرتىدىكى مىللى كۈرەشلىرىمىزدە ھىچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر ئەھۋال. بۇ يېڭى كۈچلەر ئۆزى بىلەن بىرگە يېڭىچە كۈرەش ئۇسۇللىرىنى، ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى رەقەملىك كۈرەش ئۇسۇللىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسى كۈرەشلىرىمىزدە غوللۇق رول ئوينىيالىغۇدەك قابىلىيەتتالانت ئىگىلىرىمۇ بار، پەقەتلا شانشۆھرەت تاماسىدا يانغان، پۇرسەتپەرەسلەرمۇ بار.

خەلقئارا ۋەزىيەتتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلمەكتە، خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى يېقىنقى يۈز يىلدىكى پەللىسىگە ئۇلاشتى. بۇرۇنقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى “يۇمشاقباش” سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ بارغانسېرى زومىگەرلىكىنى نامايان قىلماقتا. بۇ قارىماققا بىزنىڭ مىللى كۈرىشىمىز ئۈچۈن پايدىسىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل زورلۇقزومبۇلىقلىرى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى ۋە دۆلەت سىتراتىگىيسىنى تەڭشىشىگە سەۋەپچى بولدى. مۇئاۋىن پرېزدېنت پېنسىينىڭ خاردسۇن تەتقىقات ئورنىدىكى نۇتقى بۇنىڭ سۇ بۆلگۈچىدۇر. بىزنىڭ مىللىي كۈرىشىمىز كۈچلۈك بىر پوتېنسىيال ئىتتىپاقچىغا ئېرىشتى، چۈنكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ نىشانى بىلەن يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپئەتى پاراللىل يولدا. بىزنىڭ مىللىي كۈرىشىمىزگە چوڭقۇر تەسىرى بولغان باشقا ئىككى دۆلەت بولسا روسىيە بىلەن تۈركىيەدۇر. تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىي بىزنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقچىمىز، ئەمما بەزى چاغلاردا مەۋجۇت ھۆكۈمەت دۆلەت مەنئپەئەتى نۇقتىسىدىن بىزنىڭ مىللىي مەنپەتىمىزنى قۇربان قىلىۋېتىشى ياكى سەل قارىشى مۈمكىن، خۇددى يېقىن زامانلاردا ئىپادىلەنگەندەك. روسىيەگە كەلسەك، شۇنى ئېيتالايمىزكى يېقىنقى 100 يىللىق تارىختا مىللىي كۈرىشىمىزگە ھىچقايسى بىر دۆلەت رۇسىيەدەك ئېغىر زىيان سالمىغان. 2 جۇمھۇرىيەتنىڭ ھۇلىنى كولىغانمۇ دەل ئەينى يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، بۈگەنكى روسىيە. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبىي روسييە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىزنىڭ مۇستەقىللىغىمىز ياكى ۋەتىنىمىز دائىرىسدە بولغان مۇقىمسىزلىقنىڭ، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكە تۈركىي رىسبوپلىكىلىرىگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە ياكى قولدىن چىقىشىغا سەۋەپ بولىشىدىن ئەنسىرەش. بۇ خىل ۋەزىيەت سوۋېت ئىىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 رىسپوبلىكىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا شكىللەنگەن بۇ كۈچ ۋاكۇئومىنى خىتاي روسىيەنى يېنىغا تارتىپ قۇرغان “شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى” بىلەن توشقۇزۇشقا تىرىشتى. ئامېرىكا بۇ جايدا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۈچ ساقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، كونا دىكتاتورلارنىڭ كونتروللىغىدىن قۇتۇلالمىغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ۋە خىتايروسىيەلەرنىڭ يۇمشاققاتتىق تەھدىدلىرى ئاستىدا ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ بوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشماقتا. روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋاقتىنچە خىتاي بىلەن ھەكارلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا چوتلىرى بار، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن رىقابەتچىسى ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ، پەقەت “ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق” دىگەندەك، ئاجىزلاپ كەتكەن دۆلەت كۈچى سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە بىۋاستە توقۇنۇشتىن ساقلانماقتا.

3.مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇسلار

مىللىي كۈرىشىمىز ئۈچۈن ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولىۋاتقىنى كۈچلۈك تەشكىلىي ئاپارات ۋە توغرا سىتىراتگىيە. مەن پەقەت ئۆزەم مۇھىم دەپ قارىغان تەرەپلەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى تېزىس تەرىقىسدە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:

1.دوستدۈشمەن ۋە مىللىي بىرلىكسەپ مەسىلىسى

بىز ئەينى ۋاقىتتا خىتايلار ياپونغا قارشى ھاياتماماتلىق كۈرىشىدە قىلغىنىدەك كەڭ مىللىي بىرلىكسەپ قۇرۇشقا مۇھتاجمىز. بۇ بىر تەرەپتىن ئىچكىي جەھەتتىكى مىللىي بىرلىكسەپنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى خەلقئارالىق بىرلىكسەپنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكىي جەھەتتە پەننىي، دىنىي زىيالىيلارنىڭ ئىتتىپاقىي ۋە “مۇستەقىلچى”، “ئاپتونومىيىچى” دەپ قىلىنىۋاتقان تەرەپبازلىق جىدىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مۇھىم بولسا، تاشقىي جەھەتتە ئامېرىكا، ياپۋروپا ئەللىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، تۈركىيە ۋە ئەرەپمۇسالمان دۇنياسىنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇتتۇرا ئاسىيا جۇمھۈرىيەتلىرىدىكى تەشۋىقات مۇھىم نۇقتىلاردۇر. يېقىنقى 2جۇمھۈرىيىتىمىزنىڭ تارىخىدا ئەجەللىك سەلبىي رول ئوينىغان روسىيەمۇ بىزنىڭ قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرىمىزنىڭ بىرى بولىشى كېرەك. سابىق ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل “دۈشمەن مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەنپەئەت مەڭگۈلۈك” دەيدۇ. دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى دوستۇمىزدۇر، بۇرۇن شەكىللىنىپ قالغان كۆزقاراشلارنىڭ ئىشكەنجىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خەلقئارا سىياسىي جۇغراپىيىۋى ھالەتلارگە ئاساسەن روسىيەنى يېڭىدىن “تونۇشىمىز” كېرەك”. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي روسىيە ئۈچۈنمۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بىر تەھدىت، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۈرىيەتلىرى ۋە سىبېرىيەلەردىكى كۈندىنكۈنگە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، خىتاي مىللەتچىلىگىنىڭ كۈچىيىشى روسىيەنىڭ دىققىتىنى ئاللىقاچان دىققىتىنى قوزغىغىدى. روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈچەيتىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلاش ھەرىكەتلىرى، خەلق ئىچىدىكى ۋە زىيالىلار قاتلىمىدىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات، ئۇزۇنغا قالماي يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى توقۇنىشنىڭ بىشارىتى. ۋەتىنىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي جۇغراپىيىسىدە، روسىيەنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ بىر ئىش تەۋرەتمەك تەس. چۈنكى، جۇغراپيىۋى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بىۋاستە قول تىقىش ئىمكانىيتى تۆۋەن، بۇ رايوندا پەقەت روسىيەلا خىتاي بىلەن ئۆزەڭڭگە سوقۇشتۇرغىدەك كۈچكە ئىگە. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللىشىپ، روسىيە ئۈچۈن ئامېرىكا تەھدىدى مەۋجۇتلىقتىن قالسا، بەلكى روسىيە تېخىمۇ تېز خىتايغا قارشى سەپكە ئۆتۈشى ۋە بىزنىڭ كۈرىشىمىزگە ئەمەلىي ياردەم قىلىشى مۈمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۈرىيەتلىرىدىمۇ سوۋېت دەۋرىدىن قالغان كونا رەھبەرلەر ئارقائارقىدىن ئورنىنى بوشىتىپ 2ئەۋلات رەھبەرلەر تەختكە چىقماقتا، قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە، يالغۇز رەھبەرلىك قاتلىمىدىلا .ئەمەس، خەلق ئىچى ۋە زىيالىلار قاتلىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق شەكىلدە كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش، خىتاينىڭ رەزىل ئەپتىبەشىرىسى ۋە قارا نىيەتلىرىنى ئۇلارغا ئېچىپ كۆرسىتىش، “كالپۇك بولمىسا چىش توڭلايدۇ”غانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئۇلارغا تونۇتۇش كېرەك. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بۈيۈك پالاكەتتىن ساقلانماقچى بولسا بىردىنبىر تاللاشنىڭ بىزنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ياردەم بېرىش ئىكەنلىگىگە ئىشەندۈرىشىمىز كېرەك.

2.كۈرەشنىڭ ئستراتىگىيە ۋە تەشۋىقات مەسىلىسى

رىم شەھرى بىر كۈندە قۇرۇلغان ئەمەس”، بىزنىڭ چوقۇم قىسقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئستىراتىگىيىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پىلانلىرىمىز بولىشى كېرەك. كۈچلۈك ئىچكىتاشقى تەشۋىقات قوشۇنىمىز بولىشى كېرەك. ئىنتېرنېت ۋە رەقەملىك دۇنيادىن، ئەنئەنىۋى مېدىيادىن ئورتاق پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

كۈچىمىزنى خورىتىۋاتقان ئىچكىي نىزا ۋە تالاشتارتىشلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. كەڭ دائىرەدىكى پىكىر بىردەكلىگىنى ۋجۇتقا كەلتۈرۈش ۋە پرىنسىپال مەسىلەلەردىكى تالاشتارتىشنى تۈگىتىپ ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تەشكىلات بىرلىگى ئەمەلگە ئاشمىغان شارائىتتا “بۈيۈك ئۇيغۇر مەجلىسى” گە ئوخشاش، ئۆتكۈنچى بولسىمۇ بىر مۇزاكىرە ۋە قارار بېرىش مېخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ مەجلىسنىڭ زورلاش كۈچى بولماسلىقى مۈمكىن.

شۇنى ئۇنۇتماسلىق ۋە قەتئىي ئىشىنىش كېرەككى، بىزنىڭ كۈرىشىمىز ھەققانىي، بىز توغرا سىتىراتىگىيە قۇللانساق، توغرا ئىشلىسەك، توغرا ئۇسۇلدا تەشۋىقات قىلساق چوقۇم كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ.

 

 

قورالبالدىقىغا ئاتلايمەن