ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇش يوللىرى، ئالامەتلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش

ئابدۇغىنى سابىت

2020-3-5

1. كورونا ۋىرۇسى – يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋىرۇس بولۇپ، سارىسقا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ بىرخىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس. WHO تەرىپىدىن 2019-nCoV دەپ نام بېرىلدى. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 1-تۈركۈمدىكى 2019-nCoV گېنومى تەرتىپىنى ئېنىقلاش تاماملاندى، ئارقىدىنلا كەينى-كەينىدىن بەش ئەۋرىشكىلىك گېنوم تەرتىپى ئېلان قىلىندى.

2. تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ھايۋانلاردىن ئادەمگە قانداق يۇقىدۇ؟
يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇس ۋە سارس ۋىرۇسىنىڭ ۋىرۇسلار توپى مەنبەسى ئاساسلىقى شەپەرەڭ تېنىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بولۇپ، ئىنسانلارغا يۇققان ياكى ئىنسانلار بىلەن ئالاقىسى بولغان ۋىرۇسلار شەپەرەڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نۇرغۇنلىغان تاجىسىمان ۋىرۇسلارنىڭ پارازىت ئىگىسى دەل شەپەرەڭدۇر. شەپەرەڭنىڭ بۇ قېتىم بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەسلى پارازىت ئىگىسى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ خىل ۋىرۇس تەدرىجى ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىپ، شەپەرەڭدىن ئوتتۇرىدىكى پارازىت توشۇغۇچىغا، ئاندىن ئادەمگە يۇقۇشتىن ئىبارەت مۇساپىسىنى تاماملىغان. ئەمما شەپەرەڭدىن ئادەمگە يۇقۇشتا بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىدىكى پارازىت توشۇغۇچى بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى باسقۇچتا ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.

3. بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش يوللىرى قايسى؟

تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ھايۋاناتتىن ئادەمگە، ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى ئۇچرىشىشتىن يۇقۇش . ئككىنچى چاچراندىلاردىن يۇقۇش

4. يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرى قايسىلار ؟

ئاساسلىق تارقىلىش شەكلى چاچراندىلاردىن تارقىلىش، ئۇچرىشىشتىن تارقىلىش(قولدىكى مىكروبلاردا ئۆز-ئۆزىنى يۇقۇملاندۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىكلىكتىكى نەپەس يولى ئاجرالما دانچىلىرىغا يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش
قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5. كىملەر بۇ ۋىرۇستىن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟

ھەممە ئادەملەر ئومۇمەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەن ياكى نورمال كىشىلەر بولسۇن ئوخشاشلا يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭ ھەم ئۇچراشقان ۋىرۇسنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەنمۇ ئوخشاشلا زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر بىرلا قېتىمدا ئۇچراشقان ۋىرۇسنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاندا كىشىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى نورمال بولغان تەقدىردىمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر، مەسىلەن ياشانغانلار، ھامىلدارلار ۋە جىگەر-بۆرەك فۇنكىسىيىسى تۆۋەن كىشىلەر يۇقۇملانسا كېسەللىكنىڭ تەرەقىياتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، تېخىمۇ تېز ئېغىرلىشىدۇ.

ئادەتتە ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇش-يۇقماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ھەرگىزمۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بالىلارنىڭ ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى تۆۋەن، شۇڭا يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ تۆۋەن. ئوخشاش ئۇچرىشىش شارائىتى ئاستىدا ياشانغانلار، سوزۇلما خارەكتېرلىك كېسىلى بارلار ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلارنىڭ يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ھازىرقى جىددى خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسغا ئاساسەن، چاچراندىلاردىن يۇقۇش ئاساسلىق كېسەل تارقىلىش يولى ھىسابلىنىدۇ.

6.بۇ ۋىرۇس ئادەمدىن ئادەمگە يۇقامدۇ؟

نۆۋەتتە 95% دىن ئارتۇق بولغان يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋېرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكى شۇ كېسەللىك تارقالغان ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەزى توپلىشىشتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك مەنبەسى ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىشى روشەن! مەلۇم دائىرىدە جامائەتتىن يۇقۇملىنىشچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

7.چاچراندىلاردىن تارقىلىش دېگەن نېمە؟

چاچراندىلار دېگىنىمىز دېئامېتىرى 5 مىكرومېتىردىن چوڭ بولغان دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ. چاچراندىلار ئادەتتە بىر مېتىر ئەتراپىدىكى ئارلىقتىن يېنىك بولغاچقا ھاۋادا ئۇزۇن لەيلەپ يۈرمەيلا ئاسان يۇقۇملىنىدىغان شىللىق پەردىلەرگە قونىدۇ.

نەپەس يولىدىن چىقىدىغان چاچراندىلارنىڭ پەيدا بولۇش يوللىرى.

يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە گەپ قىلىش.

نەپەس يولىغا بىۋاسىتە كىرىش مەشغۇلاتلىرى، مەسىلەن، بەلغەم سۈمۈرتۈش، ئۆپكە شاخسىمان كانايچىسىنى ئەينەكتە تەكشۈرۈتۈش. نەپەس يولىغا نەيچە كىرگۈزۈش. ئۆرۈلۈش، دۈمبىگە ئۇرۇش قاتارلىق يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان غىدىقلىنىش جەريانى ۋە سۈنئىي يۈرەك ئۆپكىنى قايتا قوزغىتىش جەريانى قاتارلىقلار.

چاچراندىلار ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىك مىكروبلىرى. يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى. سارس تاجىسىمان ۋىرۇسى. بەز ۋىرۇسى، بۇرۇن ۋىرۇسى، مىكرو پىلازما زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى ۋە مېڭە پارالىچى قوش تاياقچە باكتېرىيىسى

8. ھاۋادىن تارقىلىش دېگەن نېمە؟

ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغان دانچىلار ئادەتتە دىئامېتىرى بەش مىكرومېتىردىن كىچىك ئۇزۇن مۇددەت يىراق ئارىلىققىمۇ تارقىلالايدىغان يۇقۇملۇق دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ھاۋادىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك مىكروبلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ يۇقۇملاندۇرالايدۇ. مەخسۇس ھاۋادىن تارقىلىدىغان كېسەللىك مىكروبلىرى: تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ. كۆپ خىل يول بىلەن تارقىلىدىغان ھاۋادىن تارقىلىشنى ئاساس قىلىدىغان مىكروبلار: قىزىل ۋىرۇسى، سۇ چېچىكى، بەلۋاغسىمان قوقاق ۋىرۇسى.

9. ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملىنىش دېگەن نېمە؟

بىۋاسىتە ئۇچرىشىش دېگىنىمىز مىكروبلار شىللىق پەردە ياكى تېرىگە بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇملىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى قان ياكى قان سۇيۇقلۇقى زەخىملەنگەن ياكى شىللىق پەردە ئارقىلىق تېرىدىن بىۋاسىتە ئادەم بەدىنىگە كىرىش جەريانىدۇر.

ۋاسىتىلىك يۇقۇملىنىش دېگىنىمىز يۇقۇملۇق كېسەللىك مەنبەلىرى بىلەن مىكروبلانغان نەرسە ياكى ئادەملەردىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاتوگېنلار، كۆپىنچە ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدۇ.

10. قويۇق ئۇچراشقۇچىلار دېگەن نېمە؟

بىمار بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇچرىشىش شەكىللىرىنىڭ مەلۇم بىرى بولغانلار:
1. بىمار بىلەن بىللە تۇرۇش، ئۆگىنىش قىلىش، خىزمەت قىلىش ياكى باشقا زىچ ئۇچراشقۇچىلار.
2. دىئاگىنوز قويۇش، پەرۋىش قىلىش، كېسەل يوقلاش جەريانىدا ئۈنۈملۈك قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان داۋالاش خادىملىرى، ئائىلە تاۋاباتلىرى ياكى بىمار بىلەن يۇقارقىغا ئوخشاشراق شەكىللەردە يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقۇچىلار.
3. بىمار بىلەن ئوخشاش كېسەلخانىدا تۇرغۇچى باشقا بىمار ۋە ھەمراھ بولغۇچىلار.
4. بىمار بىلەن بىر قاتناش ۋاستىسىغا ئولتۇرغان ۋە يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقۇچىلار.
5. نەخمەيدان تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن باھالاش ئارقىلىق شەرتكە توشقان دەپ قارالغۇچىلار.

11. نېمە ئۈچۈن قويۇق ئۇچراشقۇچىلارغا 14 كۈنلۈك كېلىنكىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، قىسقىسى ئىككى ئۈچ كۈن، ئۇزۇنى 10∽12 كۈنگىچە بولىدۇ.

نۆۋەتتە قويۇق ئۇچراشقۇچىلارغا نىسبەتەن قاتتىق بولغان كېلىنكىلىق كۆزىتىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىرىنسىپىدۇر. باشقا تاجىسىمان ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ۋە بۇ قېتىمقى تاجىسىمان ۋىرۇس بىمارلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئەمەلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، زىچ ئۇچراشقۇچىلارغا بولغان كېلىنكىلىق كۆزىتىش مۇددىتى 14 كۈن قىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە زىچ ئۇچراشقۇچىلارغا ئائىلىدە تۇرۇپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

12. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ قانداق كلىنىكىلىق ئىپادىسى بار؟

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغىدا قىززىش ئاساسلىق كىسەللىك ئىپادىسى بولۇپ، قوشۇلۇپ يېنىك دەرىجىدىكى قۇرۇق يۆتەل، ماغدۇرسىزلىنىش، نەپەس راۋان بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر ئاز كۆرۈلىدۇ.

يېرىم بىماردا بىر ھەپتىدىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىش، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جىددىي خارەكتىرلىك نەپەس سىقىلىش يىغىندا كېسەللىكى، يىرىڭدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىك شۈك بوپ قىلىش، تۈزىتىش تەس بولغان مېتابولىزىم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارىغا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولۇپ، قىزىمايدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا كېسەللىك قوزغىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى نورمال ياكى تۆۋەنلەپ، لىمفا ھۈجەيرىلىرى سانى ئازىيىپ، بىر قىسىم بىمارلاردا جىگەر ئېنىزىملىرى، مۇسكۇل ئېنىزىملىرى ۋە مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلى كۆپىيىپ كېتىدۇ.

13. بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللانساق بولىدۇ؟

ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ياكى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار:

دائىم سوپۇن ۋە سۇ بىلەن قولىڭىزنى يۇيۇڭ. يۇيغاندىن كىيىن ئۇلارنى قەغەز لۆڭگە بىلەن قۇرۇتۇڭ ۋە دەرھال تاشلىۋىتىڭ. پەقەت سۇ ۋە سوپۇن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىسپىرت ياكى قول دىزىنفىكسىيە پۈركىمىسىنى ئىشلىتىڭ . مەسىلەن ، بۇرنىڭىزنى تازلىغاندىن كىيىن.
كۆزىڭىزنى ، بۇرنىڭىزنى ۋە ئاغزىڭىزنى ئىمكانقەدەر ئاز تۇتۇڭ.

بۇرنىڭىزنى تازلاش ئۈچۈن قەغەز لۆڭگە ئىىشلىتىڭ ۋە ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال تاشلىۋىتىڭ.

يۆتەل ۋە كۆپ چۈشكۈرىدىغان كىشىلەردىن 2 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇڭ.

ماسكىنى ئىشلەتمىگەن ياخشى. كۆپىنچە ئېغىز ماسكىلىرى ۋىرۇسقا ياخشى تاقابىل تۇرالمايدۇ. ماسكىنى توغرا ئىشلىتىش تەس ھەم ماسكا
ئىچىدە نەپەس ئېلىش تەس. ماسكا ئىسسىق بولىدۇ. نەتىجىدە ، كىشىلەر ئۇنى دائىم قولى بىلەن تۇتىدۇ. ماسكا سرتىدا ھەم ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىن. دائىم قولىڭىز بىلەن تۇتقاندا ۋىرۇسقا ئىرىشىسىز ھەم ئۇنى قولىڭىز بىلەن تارقىتىسىز. ماسكا تاقىغاندا ئۇنى ھەم ئىككى سائەتتىن تۆت سائەتكىچە چوقۇم ئالماشتۇرۇش كىرەك. لىكىن تاجىسىمان ۋىرۇسى بار كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېغىز ماسكىسى ناھايىتى مۇھىم.

14. قول يۇيۇشنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى نېمە؟

قول بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش يوللىرى ئاساسلىقى: سۇ ئارقىلىق تارقىلىش، يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلىش، قان ۋە قان ياسالمىلىرى ئارقىلىق تارقىلىش، ھاۋا چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىش، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىش، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قولنى توغرا يۇيۇش ئىچ سۈرۈش ۋە نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

15. قولنى توغرا يۇيۇش ئۇسۇلى قانداق؟

بىرىنچى قەدەم، ئىككى قول بىلەن ئالقاننى بىر-بىرىگە ئۇۋىلاپ يۇيىمىز (ئون بەش قېتىم ئۇۋۇلىنىدۇ).
ئىككىنچى قەدەمدە، ئىككى قول گىرەلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش (قول ئالقىنىنى قول دۈمبىسى بىلەن ئىككى قولنى گىرەلەشتۈرۈپ يۇيۇش، ھەر بىر قولنى ئۇۋۇلاش بەش قېتىم).
3-قەدەم، قولنىڭ ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ قول يۇيۇش، (ئالقان بىلەن ئالقاننى، بارماق بىلەن بارماقنى گىرەلەشتۈرۈپ بارماق ئارلىقلىرىنى بەش قېتىم يۇيىدۇ).
4-قەدەم، قول ئۇچىنى ئالقانغا سۈركەپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش، ئوڭ قول بىلەن ئوڭ قول ئوخشاش (بارماق ئۇچىنى ئالقىنىغا قويۇپ بىر-بىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش).
5-قەدەم: بىر قول يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.
6-قەدەم: بارماق ئۇچىنى ئالقانغا سۈركەش ياكى بىر قولنى تۇتۇپ، يەنە بىر قول بېغىشىنى ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاش، سول قول، ئوڭ قول بىلەن ئوخشاش.

16. ئەگەر ئۆزىنى يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندەك ھېس قىلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

شۇ جايدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ۋاقتىدا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش، دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغاننى تەكشۈرتۈش كېرەك، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە كېسەل ئەھۋالى ۋە داۋالىنىش جەريانىنى ئەينەن تەپسىلىي بايان قىلىش، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋىرۇس كۆپ تارقالغان جايلاردا ساياھەت قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخى، ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ياكى گۇمانىي بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، ھايۋانات بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، داۋالاش پۈتۈن جەريانغا تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقاپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوغداش كېرەك.

17. مەن ئۆزۈمنى كېسەل ھېس قىلىۋاتىمەن، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولامدىم؟

ئەگەردە سىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بولسا:

زۇكام ئالامەتلىرى ۋە قىززىپ قىلىش،
كورونا بىمارى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسىڭىز ياكى كورونا ۋىرۇسى كۆپ تارقالغان رايونلارغا( خىتاي،سىنگاپور، ئىران، جەنۇبى كورىيە ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئائوستا ۋادىسى ، پىدمونت ، لومباردى ، ترېنتېنو-جەنۇبى تىرول ، فرۇلى-جۇلىئان-ۋېنىتسىيە ، ۋېنىتو ، ئېمىليا-روماگنا ۋە لىگۇرىيە قاتارلىق ئۆلكىلەر) بارغان بولسىڭىز ، ئۇ ھالدا دوختۇرغا تېلېفون قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. كېسەللىك ئالامەتلىرىڭىز يېنىكرەك. بۇ ئادەتتىكى زۇكام بولۇشى مۇمكىن. لىكىن ئۆيدە تۇرۇڭ ، كېسەل بولۇپ ، باشقىلارغا يۇقۇملانماسلىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىڭ. شۇڭا باشقىلاردىن يىراق تۇرۇڭ.

ئەگەردە كىسەللىك ئالامەتلىرىڭىز ئىغىرلاشسا،

مەسىلەن: قىززىىش، قىززىتمىڭىز 38 گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا. ھۆتەل ھەم نەپەس قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى بولسا ئۇ ھالدا ئائىلە دوختۇرىڭىزغا تېلفون قىلىڭ. ئائىلە دوختۇرىڭىز سىزنى كىرەكلىك زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە : كورونا ۋېروسىغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق ئۇچۇرلار ، بەزىلىرى داتچ تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئابدۇغىنى سابىتنىڭ فەيىبسۇك بىتىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى، ئابدۇغىنى سابىتنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت!