ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن ئامېرىكا كىلىشىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2020-3-2


قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىمزالانغان كېلىشىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 14 ئاي ئىچىدە ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

18 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەت ۋە 20 يىلغا يېقىن ئۇرۇشتىن كېيىن ، تالىبانلار بىلەن ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە چەتئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئايرىلىشىنى مەقسەت قىلغان كېلىشىم ئىمزالىدى.

تالىبان رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى 1996- يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، 2001- يىلى سىنتەبىردىن كىيىنى ھۇجۇمدا ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئامرىكا يۆلەپ چىقارغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىباننى قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيە دەپ ئىتراپ قىلىپ، بىرلىكتە ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە قېتىلغان بولسىمۇ، تالىبان :« ئامرىكا ئىشغالچى قوشۇنى بىر كۈن چېقىپ كەتمىسە، بىر كۈن تىنچلىق يوق» دەپ رەت قىلغان.

ئامرىكا گەرچە تالىباننى تىرورچى تەشكىلات دەپ قاراپ ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتىنى ئىتراپ قىلمىسىمۇ، تالىبان %70 ئافغانىستان زىمىنىنى كونتىرول قىلىپ تۇرماقتا. ئامرىكا 18 يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا 2400 ئەسكەر ئۆلۈپ، تىرىلىيون دوللار چىقىم قىلغان بىراق ھىچقانداق بىنلادىننى يوقۇتۇشتىن باشقا ئەمەلىي نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. ئامرىكا ئافغانىستاندا تىنىچلىق بەرپا قىلالمىدى، دىموكراتىك، ئەركىن دۆلەت تىكلىيەلمىدى. ئامرىكا تىكلىگەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىتراپقا ئىرىشەلمىدى. ئەينەن ئەھۋال قەززافى ۋە سادام ھۈسەيىننى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان لىۋىيە ۋە ئىراقتا يۈز بەرمەكتە. بۇ دۆلەتلەر ئامرىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغىنى يوق.

ئوڭچىل مىللەتچى دونالد تىرامپ پىرىزدىنت بولۇش سايلىمىدا ۋە كىيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلەرنى ياندۇرۇپ چېقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئامرىكا ئۇ يەردە ئادەم ۋە ئىقتىسادتىن زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. دونالد بولسا ھازىر قايتا سايلام مەزگىلىدە بولۇپ، بۇ كىلىشىم ئارقىلىق خەلقنىڭ قوللاش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ. مەزكۇر توختامدا ئامرىكا ھەر بىر ماددىدا دىگۈدەك تالىبان ۋە ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئىتراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، بۇ توختامنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولماقتا. بىراق ئامرىكا بىر يىل ئىچىدە ھەقىقەتەن ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان تەقدىردە، ئافغانىستان تىنىچلىققا ئىرىشەلىشى ناتايىن، خۇددى ئىراق ۋە لىۋىيەدەك ئافغانىستان تالىبانلىرى ھامان ئامرىكا تىكلەپ بەرگەن ھاكىمىيەتنى ئۆرۈش ئۈچۈن تىركىشىدۇ، ئۇندىن باشقا ئ‍افغانىستاندىكى شىئە، سۈننىي توقۇنۇشلىرى، مىللىي، قەبىلەۋىي زىددىيەتلەر، شىمالدىكى تاجىك، ئازەر، ئۆزبەكلەر بىلەن جەنۇبتىكى تالىبان باشلىق قوشۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىن. سوۋىت 1989- يىلى ئافغانىستاندىن چىكىنىپ چىققاندا، سوۋىت تىكلەپ قويغان ھاكىمىيەتنى ئىتراپ قىلماسلىق نەتىجىسىدە ئافغانىستاندا 6 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ، تالىبان ئۇتۇپ چىققان. بۇ قىتىم ئامرىكا تىكلەپ قويغان قورچاق ھۆكۈمەت ئامرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلسا ئۇزاققا بەرداشلىق بىرەلىشى ناتايىن. ئ‍ەگەر ئافغانىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىسا، خىتاينىڭ يىپەك يولى قۇرۇلۇشى تەسىرگە ئۇچراش ئىھتىماللىقىمۇ زور.

ئەلجەزىرەدە بىرىلگەن كىلىشىم مەزمۇنى ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان.

تالىبان رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى( ئافغانىستان قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئەمەس) 2020-يىلى 29-فېۋرال ئەتراپلىق تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن:

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئامېرىكا ، ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە بىرلەشمە شېرىكلىرىنىڭ بارلىق ھەربىي كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بېرىدۇ ، ئۇلار دىپلوماتىك بولمىغان پۇقرالار ، شەخسىي بىخەتەرلىك ھۆددىگەرلىرى ، مەشقاۋۇللار ، مەسلىھەتچىلەر ۋە ياردەمچى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېلىشىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ھەمدە بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ:

ئامرىكا 135 كۈن ئىچىدە ئ‍افغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى 14 مىڭدىن 8600 گە قىسقارتىدۇ، ئىتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ ماس كۆلەمدە ئەسكەر قىسقارتىدۇ.

قالغان 9.5 يىرىم ئاي ئىچىدە بارلىق ئەسكەرلىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىدۇ.

C. ئامېرىكا تالىبانغا ئەزا بەش مىڭ (5000) غا يېقىن مەھبۇسلىرى 10-مارتقىچە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە قالغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش نىشانى بار.

F. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش ياكى دۆلەت ئىچى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش تەھدىتى ياكى كۈچ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم

بۇ كېلىشىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋە تالىبان دەپ ئاتالغان ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، بازا تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق گۇرۇپپا ياكى شەخسنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالىدىغان شەخىس، گۇرۇپ ياكى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي يول رۇخسەت قىلماسلىققا، ھەمكارلاشماسلىقق، قوبۇل قىلماسلىققا ۋەدە بىرىدۇ ۋە ئەمەل قىلىدۇ. ئۇنداقلارغا ۋىزا ، پاسپورت ، ساياھەت كىنىشكىسى ياكى باشقا قانۇن ھۆججەتلىرى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

ئۈچىنچى بۆلۈم

  1. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە قوللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
  2. ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ئىسلام ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋە تالىبان دەپ ئاتالغان ، ئۆز-ئارا ئىجابىي مۇناسىۋەت ئىزدەيدۇ ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى يېڭى ئافغانىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ ئافغانىستان ئىچىدىكى دىئالوگ ۋە سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ئىجابىي بولىدۇ.
  3. ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۆھبەت ۋە سۆھبەتتە بېكىتىلگەن يېڭى ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى ئافغانىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىزدەيدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.