قاراقاشتىن 316 نەپەر ياش خىتايغا ئېلىپ كېلىندى

« 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئىشلەمچى خادىم نەننىڭ ۋۇشۈ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن چىقتى. ئۇلار ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەنزىلى بولغان گۇاڭشى چىنجۇ جۈنشېڭ پەن-تېخنىكا (چىنجۇ) چەكلىك شىركىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلدى. بۇ، گۇاڭشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىپ گۇاڭشىغا بارغان، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قاتناشقان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ. »

يۇقارقى خەۋەر خىتاي ئۇيغۇرچە رادىئوسى ئۈندىدار سەھىپىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كىسەل پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يامرىغان، شەھەر-شەھەر قامالغان بۇ شارائىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن ئەۋەتىلىشى، خىتاي ئىشلىگىلى ئۇنىمىسا ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ يىراق خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەنلەر جەمئىي 316 نەپەر بولۇپ، يۆتكەپ ئاپىرىپ زاۋۇتلاردا ئىشقا سېلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا.

قاراقاشلىق قىرىنداشلار ۋە باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئەگەر يۇقارقىدەك رەسىملەردىن تونۇشلىرى بولسا، ئ‍ۇيغۇر ئاگىنتلىقى ياكى تاھىر ئىمىن بىلەن ئالاقە قىلىپ، نامسىز بولسىمۇ گۇۋاھلىق بىرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!