نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مېدىيا ئورگانلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 25-فېۋرال 

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-02-27

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي  «ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) نىڭ ئۈچ نەپەر مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مېدىيا ئورگانلىرى، ھەمدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن. 

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر قىسمەن  ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار مۇخبىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئىستىخبارات توپلاش خىزمىتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ (National Security Council) باياناتچىسى جون ئۇللىيوت (John Ullyot) مۇنداق دېدى:« ئامېرىكا بېيجىڭنىڭ ئۈچ نەپەر «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ قېتىمقى قوغلاپ چىقىرىش مېدىياغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايغا ئالاقىدار مۇھىم خەۋەرلەرنى بىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« بۇ خىل ئىنتايىن ناچار قىلمىشىغا قارىتا، ئامېرىكا بىر قاتار ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ ئۆچ ئېلىشى جازانى ئۇلغايتىشى مۇمكىن، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت ۋە شەخسكە قاراشلىق مېدىيا ئورگانلىرى ھەمدە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن چېتىلىدۇ. 

تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئىسلاھاتچى لىياڭ چىچاۋ (梁启超) 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «شەرقنىڭ كىسەل كۆرپىسى» (东方病夫) دېگەن سۆزنى ياساپ چىقىپ چىڭ سۇلالىسىنى سۈپەتلىگەن، بىراق خىتاي ئەمەلدارلىرى «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ خىتاي خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە گېزىتنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى. 

خىتاي بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 مېدىيا ئورگىنىنى «چەتئەل ئەلچىلىكى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق چەتئەل دىپلوماتلىرىغا ئوخشاش تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

بېيجىڭ نىشانغا ئالغان بۇ ئۈچ مۇخبىرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئۇ ماقالە ياكى ماقالىنىڭ تېمىسى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. ئامېرىكىدىكى كۆپ گېزىتلەرگە ئوخشاش، «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر بۆلىمى بىلەن ئوبزور بۆلۈمى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

«خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى» (The Foreign Correspondents’ Club of China) چارشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بولسا « خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا چەكتىن ئاشقان ۋاستىلار ئارقىلىق خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارنى جازالىشى ۋە شۇ ئارقىلىق  چەتئەل مېدىيالىرىنى قورقۇتۇش.»

بۇ بىرلەشمىنىڭ دېيىشىچە، 2013-يىلىدىن بېرى 9 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ ۋىزىسى ئۇزارتىپ بېرىلمەي قوغلاپ چىقىرىلغان ۋەياكى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغان. 

جون ئۇللىيوت دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ ساننى تىلغا ئالدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئەسلىدە دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاقسارايدا يىغىن ئېچىپ، خىتاي مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشنى بىكىتكەن. بۇ يىغىن توغرۇلۇق بلومبېرگ ئاگېنتلىقى (Bloomberg News) ئەڭ ئاۋۋال خەۋەر بەرگەن. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولسا، ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا، بىر ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مېدىيالارنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدىكى خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ قىسمەن ۋاقىتلاردا، خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا دوكلات تاپشۇرۇدىكەن. 

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ گۇمانلانغان خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆپ خىل كىملىكى بار بولۇپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئىتراپ قىلغان مۇخبىرلارنىڭ تۇلۇق كۈن ئىشلەيدىغان ئىستىخبارات خادىمى بولىشى مۇمكىن ئىكەن. 

گەرچە بۇ مۇخبىرلار قەرەللىك ھالدا خەۋەر ئىشلىسىمۇ، بىراق ئۇلار خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغىمۇ ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى يوللايدۇ دەپ قارالماقتا. بىر ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر مۇخبىرلار بىرىنچى قول ئۇچۇرلارغا ئېرىشسە، ئەمەلدار ئۇلاردىن بۇ ئۇچۇرلار بىلەن خەۋەر يازماستىن ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. 

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئاتالمىش خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچى ۋە تەشۋىقات كۈچىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئۇلار ھەرخىل خىتاي پۇخرالىرى—دىپلومات، مۇخبىر ۋە ئالىملارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستىخبارات توپلاش خىزمىتى ئېلىپ باردى. بۇلتۇر 9-ئايدا، ئامېرىكا مەخپىي ھالدا خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقارغان، سەۋەبى بولسا ئۇلار ئاياللىرى بىلەن بىرگە ۋىرگىنىيە شىتاتىتىغا جايلاشقان بىر سەزگۈر ھەربىي بازىسىغا ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن. بۇ 30 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاي دىپلوماتىنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى ئىكەن. 

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا خىتاي مۇخبىرلىرىغا بىرىلگەن ۋىزا سانى خىتايدا مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئامېرىكىلىقلار قارىغاندا 100 نەچچە كىشى كۆپ ئىكەن. ئەمەلدارلارنىڭ دېيىشىچە، دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغا قەدەر، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ قەدەر چوڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشمىغان. بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، كىلىش ئالدىدا تۇرغان قوغلاپ چىقىرىش دولقۇنىدا 12 ئەتراپىدا خىتاي مۇخبىرى قوغلىنىدىكەن. 

بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ قوغلاپ چىقىرىش ئامېرىكىنىڭ مېدىيا ئەركىنلىكى پرىنسىپىغا توغرا كەلمەيدىكەن. 

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇدا جىددىي بولىۋاتقان بولۇپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئىككى دۆلەت بۇلتۇر 12- ئايدا بىر دەسلەپكى سودا كېلىشىمىنى تۈزدى، بىراق ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تېخنىكىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى رەت قىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇلار بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىكەن. 

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2012- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بۇ چەتئەل مېدىيالىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايدا ياشايدىغان چەتئەل مۇخبىرلىرى ئادەتتە بىر يىللىق تۇرۇش ۋىزىسى ئالالايدۇ، بىراق بەزى ئەھۋاللاردا، بۇ مۆھلەت پەقەت بىر قانچە ئايغا قىسقىرايدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇخبىرلارغا شىنجاڭ رايونىدا (شەرقى تۈركىستان) مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلدۇرمايدۇ. 

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماتتېۋ پوتتىنگېر (Matthew Pottinger) ئىلگىرى «ۋال كوچىسى گېزىتى» بېيجىڭ تارمىقىنىڭ مۇخبىرى ئىدى. ئۇ بۇ كېڭەشتە خىزمەت قىلىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاسىيا رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى بولدى، ئۇ ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارىتا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەرنى قوللاپ كەلمەكتە. 

 «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ قوغلاپ چىقىرىلغان 2 نەپەر مۇخبىرى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىن ئايرىلدى، ئۇلار بولسا بۇ گېزىتنىڭ بېيجىڭ تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئامېرىكا پۇقراسى جوش چىن (Josh Chin) ۋە ئاۋسترالىيە پۇقراسى فىلىپ ۋېن (Philip Wen). ئۈچىنچى مۇخبىر بولسا ئامېرىكا پۇقراسى دېڭ چاۋ (Deng Chao)، ئۇ ئىزچىل ۋۇخەندىكى كورونا ۋىروسى كارىنتىن قىلىش رايونىدىن خەۋەر بەرگەن. ئۇ كارېنتىن قىلىش تەدبىرلىرى تۈپەيلى ئايرىلالمىغان. 

بۇ قېتىمقى قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ ئىچكى قىسمىدا بىنورمال ئىنكاس قوزغىغان. پەيشەنبە كۈنى، بۇ گېزىتنىڭ 53 نەپەر مۇخبىرى ۋە تەھرىرى (كۆپىنچىسى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خوڭكوڭدىن كەلگەنلەر) دوۋ جونىسنىڭ (Dow Jones) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە بۇ گېزىتنىڭ چىقارغۇچىسى ۋېللىيام لېۋىس (William Lewis)، ھەمدە دوۋ جونىسنىڭ باش شىركىتى بولغان «خەۋەر گۇرۇھى» (News Corp) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روبېرت تومسېن (Robert Thomson) غا مەكتۇپ يوللاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەھرىرلەرنىڭ 3-فېۋرالدىكى ئوبزورنىڭ تېمىسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلغان. مەكتۇپتا گېزىت رەھبەرلىكىنىڭ رەسمىي ھالدا كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. 

ھەپتە ئاخىرى، ۋېللىيام لېۋىس مەكتۇپ يازغان خىزمەتچىلەرگە، ئۆزىنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، لېكىن تەھرىرلەرنىڭ قارارىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە قوغلاپ چىقىرىلغان مۇخبىرلارنىڭ مۇخبىرلىق قىلىش رەسمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا ۋەدە بەرگەن. 

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» ئېرىشكەن بىر پارچە ئىلخەتتە، ئۇ مۇنۇلارنى يازغان :« مەن بۇ تېمىنىڭ سىلەر، سىلەر ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ۋە باشقا جېق كىشىنىڭ زىتىغا تەگكەنلىكىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن. مەن سىلەرنىڭ نېمىشقا شىركەتنىڭ ۋەياكى باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەھرىرلەرنىڭ خىزمىتىگە ئارىلاشسا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان :« مەن كۆپ كىشىلەرنىڭ ئازار يىگەنلىكىگە مۇھىم قارايمەن، لېكىن بۇ بىر مۇرەككەپ ئەھۋال، شىركەت سىياسەتتىكى ئىككى تەرىپى قىيىن بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.»

مەنبە: نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى