ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى

تۇنيۇقۇق

2020-2-18

ۋۇخەن ۋىرۇسى(ئاڭلىسام خىتاي ئاتاشنى بۇنداق ياقتۇرمايدىكەن )توغرىسىدا بىر نەرسە يىزىشنى ئۈچ ھەپتىدىن بىرى ئويلىشىپ كەلگەن بولساممۇ، ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە نېمىنى باش تېما قىلىشنى بىلىپ بولالماي ئۈچ ھەپتە ئۆتتى. ئارىلىقتا ۋىرۇس توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر، يازغانلارمۇ كۆپ بولدى، دىيىشكە تىگىلشلىكى دىيىلدى، يىزىشىمنىڭ ھاجىتى يوقكەن دەپمۇ ئويلۇدۇم. بىراق ھەر كۈنى سەھەر، ئاخشامدا كاللامدىكى بۇ تۈگۈننى يىشىش ئۈچۈن كۆپلەپ ماتىرىيال ئىزدەشتىن توختىيالمىدىم، ئاخىرى ئۇچراتقان ماتىرىياللار ئاساسىدا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.

1347- يىلى باشلانغان ۋابا كىسىلى غەربتە قارا ئۆلۈم، قارا كىسەل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كىسەل 14- ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە كەم دىگەندە 10 قىتىم يامراپ، ھەر قىتىمدا 2-3 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان. بولۇپمۇ 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا يامرىغان قارا كىسەل 100 مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان.

قارا كىسەلنىڭ تارقىلىش سەۋەبىگە قارىتا مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان دۇنياسىدا ئوخشاشلا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت بولغان، بىرى خالىس دىندارلارنىڭ « بۇ خۇدانىڭ گۇناھكارلارغا بەرگەن جازاسى» دىگەن قاراش، يەنە بىرى ۋابا خاراكتىرلىك ھاۋا بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىققان كىسەللىك دىگەن قاراش. بىز ئاۋال دىنىي قاراشلارغا نەزەر سالايلى.

مۇھاپىزىكار خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئىتىقادىدىكى ئەزەلىي گۇناھ تۇيغۇسى، ئىنجىل ۋە كىلاسسىك دىنىي ئەسەرلەرگە ئاساسەن گۇناھكارلارنى بۇ كىسەلنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتقان. ئوپچە ھالدا جازالاش، ئۆزىنى قامچىلاش نامايىشلىرى، يات دىندىكىلەرگە بولۇپمۇ يەھۇدىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئەۋج ئالغان. بەزى شەھەرلەردە تۈمەنلىگەن يەھۇدىلار قىرىپ تاشلانغان ياكى تىرىك كۆيدۈرۈۋىتىلگەن. يەھۇدىلارلار ئەمەس، باشقا يۇقۇملۇق كىسەل بىمارلىرى، كىپەن ئوغرىلىرى، سەرگەردان تىلەمچىلەر، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. خىرىستىيان پوپلىرى ۋە تىۋىپلىرى كىشىلەرنى كىسەللىك رايونىدىن قىچىپ چېقىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. چىركاۋلار مۇساپىرلارنىڭ پاناھگاھىغا ئايلانغان. تەقۋادار پوپلار كىسەللەرنى تۆۋە قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۆزلىرى يۇقۇملىنىپ تولىسى ئۆلگەن. ياۋروپا تىۋىپلىرى كىسەللەرگە كونا ئادەت بويىچە بۇزۇق قاننى چېقىرىۋىتىش، دەم سېلىش، يۇيۇنسا تىرە زەخمىلىنىپ كىسەل يۇقۇشتىن قورقاپ يۇيۇنماسلىق، ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق تەۋسىيەلەردە بولغان. ئەھۋال ناچارلاشقانسىرى دىن ۋە ھاكىمىيەت فۇنكىسىيەسىنى يوقۇتۇپ، شەھەر- يىزىلار پۈتۈنلەي تاقىلىپ، سودا ئۆلۈپ، ئاشلىق ئۈزۈلۈپ، ئاچارچىلىقتا قاراقچىلار ئەۋج ئالغان. خىرىستىيان دۇنياسىدا بۇ كىسەلگە قارىتا زامان ئاخىرى بولغاندەك ھىس قىلىپ ئۈمىدسىز، پاسسىپ كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن.

مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولسا، كۆپىنچە كىشىلەر «ۋابا كىسىلى باشقا تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئالغان سېنىقى، كىسەلدە ئۆلسە گۇناھكارلار جازالىنىدۇ، سەبىر قىلغان ياخشى بەندىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىپ شەھىد بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشى يۇقۇملۇق رايونغا كىرمەسلىكى ۋە چىقماسلىقى كىرەك» دەپ قارىغان. مۇسۇلمان تىۋىپلەر كىسەللەرگە ئايرىپ داۋالاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، خۇشپۇراقنى كۆپ ئىشلىتىش، شەخسىي تازىلىق ۋە ئۆينىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، غەم- غۇسسەدىن كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، ھەتتا نەغمە -ناۋا بىلەن كۆڭۈلنى خۇش تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلغان ( تىۋىپ ئۆلىما ئىبن خاتىمە). ئۆلۈم ئالدىدا ھەممىسى مىللەت، دىن، چوڭ، كىچىك ئايرىماي توپلۇشۇپ دۇئا قىلىشقان، يوقسۇللارغا قوي سويۇپ گۆش تارقىتىلغان ( تارىخچى توغرى بەردى(1411-1470). ئەلۋەتتە، زامان ئىتىبارى بىلەن مۇسۇلمانلاردا ھەم بەزى ئېغىر خاتالىقلار كۆرۈلگەن.

ئىمام ئىبن ھەجەر (1372-1449) ۋابا كسىلى مەزگىلىدە ياشىغان، سەھىھۇلبۇخارىغا مۇپەسسەل شەرھىي يازغان مۇھەددىس ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ قىزى ئىككى قىتىملىق ۋابا كىسىلىدە ۋاپات بولغان. ئىمام ئىبن ھەجەر شۇ دەۋىردىكى ئىختىلاپلارغا قارىتا جاۋابەن ۋابا كىسىلى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى شەرھىلەپ كىتاب يازغان. ئۇ كىتابىدا « ئاللاھ يۇقۇملۇق كىسەلنى يۇقۇشىنى تەقدىر قىلغان، ئۇنىڭدىن پەقەت ئاللاھ خالىغان ئادەملەرلا ساق قالىدۇ دىگەن قاراشنى رەت قىلىپ، كىسەل پەقەت ئاللاھ خالىغان ئادەملەرگىلا يۇقىدۇ، باشقا ئادەملەرگە يۇقمايدۇ. يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ يۇقۇشى ئوموميۈزلۈك ھادىسە ئەمەس، ئايرىم ھادىسە، شۇڭا يۇقۇملانغۇچىلارنى ساغلام كىشىلەردىن ئايرىۋىتىش توغرا ئەمەس، كىسەلنى يوقلاشنىڭ ساۋابلىرى كۆپ، كىسەلگە دۇئا ۋە دورا بىلەن داۋا قىلىش جائىزدۇر. يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ھاۋانىڭ بۇزۇلۇشى ئالاقىسىز» قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ قاراشتىكىلەردىن ئىمام ئىبن ھەجەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىمام ئىبن قەييۇم، ئىبن ھەجەردىن كىيىن ئۆتكەن ئىمام سۇيۇتى قاتارلىق كاتتا مۇھەددىس ئۆلىمالارنى ساناش مۇمكىن.

تەقدىر ۋە ھەدىسكە قارىتا بۇ خىل خاتا چۈشەنچىلەر مۇسۇلمانلاردا ۋاباغا قارشى ھۇشيارلىقنى سۇسلاشتۇرغان. مەسىلەن: 1363- يىلى، دەمەشىقتە ۋابا يۈز بەرگەندە، مىڭلىغان كىشىلەر شەھەر سىرتىغا يېغىلىپ، ۋابا كۆتۈرۈلۈپ كىتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان، نەتىجىدە كىسەل تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە يۇققان. 1430- يىلى قاھىرەدىمۇ ئەينەن ئەھۋال يۈز بەرگەن. دىنىي ئۆلىمالار توپلۇشۇپ دۇئا قىلىشقا قارىتا چەكلەش ۋە قوللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل قاراشتا بولغان. جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، جىنازا نامازلىرى، مىيىتنى يۇيۇپ كىپەنلەش قاتارلىقلاردا كونا ئادەت بويىچە ئىش كۆرگەن. كۈنىگە مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ جىنازا ئۇزۇتۇلغان زامانلاردا بۇ خىل زور كۆلەملىك جامائەت سورۇنلىرىنىڭ خەتىرى مۆلچەرلىگۈسىز- ئەلۋەتتە.

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار بولسا، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە كامىل ئىمان ئىيتىش بىلەن بىرگە، يۇقۇملۇق كىسەلنى نوقۇل ھالدا گۇناھلارنى پاكلاش ئۈچۈن بىرىلگەن ئىلاھىي جازا دەپ قارىماستىن، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، تەبىئىي سەۋەبلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ ئۇلارنىڭ قارا كىسەلگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى، تەدبىرلىرىدە تېخىمۇ ئايان بولىدۇ.

مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان تىۋىپلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان رىم ئىمپىرىيەسىدىكى مەشھۇر ۋىراچ گالىنۇس ۋە 10-ئەسىردە ياشىغان تىۋىپ ئىبن سىينانىڭ قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھاۋانىڭ بۇزۇلۇشىنى كىسەللىكنىڭ سەۋەبى دەپ قارىغان. مەسىلەن بۇ قاراشنى ياقىلايدىغان ھەمدە بۇ ۋابانى باشتىن كەچۈرگەن ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن فەقىھ ئۆلىما، مەشھۇر تىۋىپ ئىبن خاتىمە(1333-1369) ۋە ئۇنىڭ تىۋىپ دوستى ئىبن خەتىپ، ئاتا-ئانىسى، ئۇستازلىرى ۋابا كىسىلىدە ۋاپات بولغان مەشھۇر مۇتەپەككۇر جەمىيەتشۇناس ئىبن خەلدۇن (1332-1406)، ئىقتىسادشۇناس ئۆلىما ئىمام مەقرىزىي (1364- 1442) قاتارلىقلار بار. ئۇلار كىتابلىرىدا ئاھالىسى زىچ، ئەۋرەز يولى راۋان ئەمەس، شەھەر تازىلىقى ناچار، سەھىيە ئىشلىرى قالاق قاتارلىق سەۋەبىدىن شەھەرلەردە ۋابا كىسىلى كۆپ پەيدا بولىدىغانلىقى ۋە تارقىلىدىغانلىقىنى يازغان.

ئىمام مەقرىزىي ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كىسىلى تارقالغان مەزگىلدە ياشىغان. 1437-يىلى رامىزاندا مىسىردا ۋابا كىسىلى تارقالغان. مىسىرنىڭ سۇلتانى ئۆلىمالارنى يېغىپ، قانداق گۇناھ ئۆتكۈزسە ئاللاھ ۋابا كىسىلى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۆلىمالار زىنا يامرىسا، ئاياللار بۇزۇلسا ۋابا كىسىلى يامرايدىغانلىقىنى ئىيىتقان. شۇنىڭ بىلەن مىسىر سۇلتانى ئاياللارنى سىرتقا چىقىشتىن پۈتۈنلەي چەكلىگەن، بۇيرۇققا بويسۇنماي سىرتقا چىققان ئاياللار تاياق يىگەن. نەتىجىدە، بەزى ئاجىزەلەر، تۇل ئاياللار، يوقسۇللار، دىدەك ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى تەسكە توختىغان. تىجارەت تېخىمۇ كاساتلىشىپ، بازار ئۆلگەن. دۆلەت ئەركانلىرى كالتە پەملىك قىلغانلىقىنى سېزىپ، دىدەكلەرنىڭ، ئاجىزەلەرنىڭ بازارغا چىقىپ ئۆزى ۋە خوجىسىنىڭ كۈندىلىك ھاجىتىنى قامدىشىغا رۇخسەت قىلغان. مىسىر سۇلتانى يەنە ۋابانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ساۋاب تۈرمىلەرگە قامالغان جىنايەتچىلەر، قەرىزدارلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا قويۇپ بىرىپ، تۈرمىلەرنى تاقىۋەتكەن. نەتىجىدە ئوغرى- يالغان كۆپىيىپ كەتكەن. (مەقرىزىي – كىتابۇلسۇلۇك لمەرىفەت دۇۋەلىل مۇلۇك).

ئۇ كىتابىدا 1374 – يىلىدىكى ئاچارلىقنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ:« ئىگىرىكى ئۈممەتلەر ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن ھالاك بولغان بولسا، مىسىردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق، كاساتچىلىق، كىسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق ئىكەنلىكى، بايلار مەنسەپ سېتىۋىلىش ئۈچۈن مال باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ پاساتچىلىق نەتىجىسىدە پۇل پاخاللىقى، دىھقانلارنى كۆپلەپ ھاشارغا تۇتۇلۇپ، تېرىقچىلىق تاشلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئاچارلىق يۈز بەرگەن. ئاچارچىلىقتا كىشىلەر جان ساقلاش ئۈچۈن يىمىگەن نەرسە قالماي، يۇقۇملۇق كىسەللىك پەيدا بولۇپ، كىسەللىك يەنە ئاچارلىققا سەۋەب بولۇپ، بىر-بىرىگە يانداش ۋاباغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان. ( ئىغاسەتۇل ئۈممە بىكەشفىل غۇممە – مەقرىزىي)

ۋابا كىسىلىنىڭ تەسىرى ۋە نەتىجىسى

14- ئەسىردىكى نەچچە يىل داۋاملاشقان ۋابا كىسىلىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋەيران بولغان، مەدەنىيەتلەر چېكىنىپ، شەھەرلەر خاراپلىشىپ، ئايۋان- ساراي، كوچا-بازار، باغ-ۋارانلار مازارغا ئايلانغان. قارا كىسەل 4 يىل ئىچىدە ياۋرودىلا 25 مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولۇپ، ياۋروپا نوپوسىنىڭ يىرىمىنى دىگۈدەك ھالاك قىلغان. ھالاكەت ئالدىدا خىرىستىيان چىركاۋلىرىنىڭ بىقۇۋۇللۇقى، ئىتىقادنىڭ كىشىلەر ھاياتىدىكى ئورنىنى تەۋرىتىۋەتكەن. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەمچىللىكى نەتىجىسىدە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئ‍ۆسكەن، دىھقانلار قۇلدار پومىشچىكلارنىڭ قولىدىن ئازراق بولسىمۇ يۇلقۇنۇپ قولى پۇل كۆرگەن. تىجارەت تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىساد تىز سۈرئەتتە يۈكسەلگەن. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئامرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ بايقىلىشى قاتارلىق مەئىشەتتىكى باياشاتچىلىق كىيىنكى ئاقارتىشلارغا سەۋەب بولغان. ئوخشاش مەزگىلدە مىسىردا بولسا مال باھاسى ۋە ئىجارە ئىزچىل يۇقىرى، بىراق ئىش ھەققى يەنىلا تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبلىك نامراتلىق، ئاچارچىلىق ئىزچىل داۋاملىشىپ ئىنتايىن ئېغىر كۈننى باشتىن كەچۈرگەن. (« قارا كىسەل مىسىر ۋە ئەنگىلىيەدە» )

قارا كىسەل دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىل پەيدا بولۇپ، يەنە ئۆزلىكىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ تاكى 20- ئەسىرگە قەدەر داۋاملاشقان. 1895- يىلى خوڭكوڭدا پەيدا بولغاندا، فىرانسىيەلىك مۇتەخەسىس دوختۇر كىسەللىكنىڭ مەنبەسى ساچقان ۋە شەپەرەڭدەك ئىممۇنىت كۈچى كۈچلۈك ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا تارقىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە يۇقۇملۇق كىسەل تارقىتىدىغان بۈرگەلەر بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغاندىن كىيىن ۋاكسىنا كەشىپ قىلىنىپ، بۇ كىسەللىك بارا- بارا ئۈنۈملۈك ھالدا تىزگىنلەنگەن.

داۋامى:

يۇقارقى تارىخىي ماتىرىياللارنى ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم، ھەدىس رىۋايەتلەرگە تايانغان تەقۋادار مۇھەددىس ئالىملاردىن بەكرەك تەجىربە- ساۋاق، ئەمەلىي ھادىسەلەرگە تايانغان ئۆلىمالاردىن تىۋىپ ئىبن خاتىمە، جەمىيەتشۇناس ئىبن خەلدۇن، ئىقتىسادشۇناس ئىمام مەقرىزىيلەرنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەب ۋە تەدبىرلىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان. مۇھەددىس ئۆلىمالارنىڭ ئومۇمىيلىق بىلەن ئايرىملىقنى پەرق قىلماسلىقى، زەئىپ ھەدىسلەر، ئاجىز رىۋايەتلەر ھەتتاكى چۈشلەرگە قەدەر دەلىل قىلغانلىقى، ئەمما تىۋىپلەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى چەتكە قاققانلىقى مىنى قاتتىق ئويلاندۇردى. يەنە كىلىپ كاپىرلارغا ئازاپ، مۇسۇلمانلارغا رەھمەت دەپ قارالغان بۇ ۋابا كىسەللەر ئاقىۋەتتە ياۋروپانىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئارقىدا قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئېدى.

نۆۋەتتە خىتايدا ۋىرۇس تارقىلىپ، ۋەتىنىمىزگىچە يامرىدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتايغا ھىچقانداق بىر دۆلەت ئىقتىسادىي ئىمبارگو ياكى ئۇرۇش يۈرگۈزۈپمۇ ھاسىل قىلالمايدىغان، پۈتۈن خىتاي ئۆز ئۆيىگە قامالغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنىڭدىن دەسلەپ خۇش بولۇپ ئايالىمغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئايالىمنىڭ كۆزىگە قايغۇدىن دەرھال ياش كەلدى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر ئېدى.

خىتاي تارىخىدا كەڭ كۆلەملىك ۋابا كىسەللىرى تارقالغان مەزگىللەر كۆپ بولۇپ، يىقىنقى زامان تارىخىدىمۇ تۈمەنلەپ خىتاي ئۆلگەن ۋابا كىسىلى بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن، بىراق ئۇنىڭ بىزگە ھىچقانچە پايدىسى تەگمىكەن ئىكەن. نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلۈش نىسبىتى ئاشكارىلانغان ساندا ئارانلا 2.58% بولىۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ ھەقىقىي ساننى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىراق بىز خەلقئارادا يۇقۇملانغان 804 ئادەمدىن ئۈچ كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى، ئۆلۈش نىسبىتى %0.3 ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. 2014- يىلى غەربىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ئىبولا ۋىرۇسىدا ئۆلۈش نىسبىتى 74%، 2012- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن مىرسنىڭ %34.4، 1918- يىلى ئىسپانىيەدە تارالغان زۇكامنىڭ %10-20% كە قەدەر بولۇپ، 2003- يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن سارسنىڭمۇ ئۆلۈش نىسبىتى %9.5 بولغان. بىراق سارسنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن، ئۆلگەن 800 گە يىقىن ئادەمنىڭ 300 دىن ئارتۇقىلا خىتايدىن يەنە كىلىپ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولغاچ گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق ئۆتۈپ كەتكەن. ئىبولا، مىرس، سارسلارنىڭ ھەممىسى قىسقا مۇددەت داۋاملاشقان، مەلۇم بىر رايونغا مەركەزلەشكەن كىسەللىكلەر بولۇپ، سىياسىي ۋەزىيىتى ناچار دۆلەتلەردە داۋالغۇش پەيدا قىلغان بولسىمۇ، شۇ رايون ياكى دۆلەتنى ۋەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە تالاپەت يەتكۈزمىگەن. ئەمەلىيەتتە يىقىنقى 100 يىل مابەينىدە بىرەر دۆلەت ياكى رايوننى تۈگەشتۈرىۋەتكۈدەك كىسەللىكمۇ كۆرۈلمىدى. (دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئامرىكا يۇقۇملۇق كىسەللىكنى ئالدىنى ئىلىش مەركىزى توربەتلىرى)

بۇ قېتىم خىتايدا تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش سۈرئىتى ۋە نىسبىتى ئىبولا، مىرس ۋە سارسنىڭ ئومومىي يىغىندىسىدىنمۇ يۇقىرى بولماقتا. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش سۈرئىتى تىز، يوشۇرۇن مۇددىتى ئۇزۇن، ۋىرۇسنىڭ ھاياتىي كۈچى زور بولۇپ، تارقىلىش كۆلىمىمۇ ئىبولا، مىرس، سارسلاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ۋىرۇسقا قارشى بىكىنمە مەزگىلنىڭ ئۇزىراپ كىتىش ئىھتىماللىقى چوڭ. بۇ خىل بىكىنمە ئەھۋال قانچىكى ئۇزۇن داۋاملاشسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا شۇنچىكى زور زىيان بولىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالى ئوڭ تاناسىپ ھالەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. خىتايدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپلەپ ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، ھاكىمىيىتى ھالاك بولمىغان تەقدىردە، خىتاي يەنىلا ئىقتىسادى چىكىنسىمۇ، دۆلىتىنى ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىمتىيازلار بىلەن بىلەن 4-5 يىلدىن كىيىن جانلاندۇرۇپ كىتەلەيدۇ. 5 ئاي داۋاملاشقان سارس مەزگىلىدىن كىيىن خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يىڭى كىرگەنلىكى، بازارنى سىرتقا ئىچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 9 ئايدىلا ئەسلىگە كىلەلىگەن، بۇ قېتىم تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى، يىللىق ئىقتىسادىي ئىشىش نىسبىتى %2 كە چۈشۈپ قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. بۇ تېخى ۋول سىتچېرىتتىن چىقىرىلغان ئ‍ۈمىدسىز تەخمىن بولۇپ، بىز ئۈمىد قىلغان پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشتىن كۆپ يىراق. ئۇ ھالدا خەلقىمىز يەنىلا خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا يانجىلىپ كېتىۋىرىدۇ، ۋەتەن ئازاد بولۇپ قالمايدۇ، لاگىر تاقالمايدۇ، خىتايغا چۈشكەن بۇ ۋابانىڭ خەلقىمىزگە مىسقالچە پايدىسى بولمايدۇ.

يۇقارقىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر، سانلىق ئۇچۇرلارغا قاراپ ئاللاھ خىتاي دۆلىتىگە ئازاب چۈشۈرۈپ، پات پۇرسەتتە ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، خەلقىمىزنى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كۆز قاراشلارغا سوغۇق باقىمەن. ئەگەر ھەقىقەتەن خىتايلار ھالاك بولۇپ، بىز نىجاتلىققا ئىرىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بولسا { دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ. سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر} دىيەلەيمەن. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆزۈمىز يەتمىسە، خەلقىمىزنىڭ كىسەل، ئاچارچىلىق، پاساتچىلىقتا ھالاك بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ ۋاقىتتا يۈز بىرىدىغىنى يالغۇز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىلا بولماستىن، يەنە ئىنسانىيلىق كىرزىسىمۇ كۆرۈلۈشى ئېنىق.

ھىجىرىيەنىڭ 18- يىلى، شامدا ئەمۋاس ۋاباسى كۆرۈلگەندە، ۋابا ئىچىدىكى قوشۇننىڭ قوماندانى ئەبۇئۇبەيدە ئىبن جەرراھ ۋە مۇئاز ئىبن جەبەل قاتارلىق كاتتا ساھابىلەرۋابا كىسىلىدە ۋاپات بولسا شەھىد بولىدىغانلىقىنى كۆزلەپ، شىھىدلىكنى تىلەپ دۇئا قىلغان. ئۇلاردىن كىيىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان ساھابە ئەمرۇ ئىبن ئاس بولسا :« بۇ ھەقىقەتەن ئېغىر كىسەللىك، ئۇ خۇددى ئوتقا ئوخشاش ئۇلغىيىدۇ، شۇڭا تاغقا چېقىپ كىسەلدىن دالدىلىنايلى» دىگەندە، يەنە بىر ساھابە ئۇنىڭغا ھەدىس بىلەن رەددىيە قايتۇرغان. ئەمرۇ ئىبن ئاس:« مەن ساڭا رەددىيە قايتۇرمايمەن، ۋەللاھى، مەن بۇ ۋابا يەردە تۇرمايمەن» دەپ قوشۇننى قوزغاپ ھاۋاسى بۇزۇلغان ئورۇندىن يۆتكىلىپ تاغقا چىققان، نەتىجىدە ۋابا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەرگە بۇ خەۋەر يەتكەندە، ھەزرىتى ئۆمەر نارازىلىق بىلدۈرمىگەن، بەلكى بۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۈمىد قىلغىنى بىلەن بىردەك ئىدى.

خۇلاسە كالام، ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتايغا ئازاب -ئوقۇبەت، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا نىجاتلىق ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىش بەكلا بالدۇر، خىتايدىن 5 مىلىيون ئادەم ئۆلسە چوڭ گەپ يوق، بىزدىن 5 مىلىيون ئادەم ئۆلسە دەس تۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن. بىزگە ئەركەكلىرىمىزنىڭ كىسەل كۆرپىسىدە ياكى لاگىرلاردا شەھىدلىك قازىنىشىدىن بەكەرەك ئازادلىق جەڭلىرىدە شەھىدلىك قازىنىشى، بەلكى ۋەتەتندە ھايات تۇرۇپ بىرىشىمۇ زور رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ سۆزلىرىم ئانچە تەقۋادار ئەمەس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشى كەمچىل تۇيۇلىشى مۇمكىن، بىراق قارىماققا تەقۋا كۆرۈنگەن پەتىۋالارنىڭ ئۈممەتكە ئانچە مەنپەئەت قىلمىغانلىقىنى يۇقىرىدا تارىخى دەلىللەر بىلەن ساناپ ئۆتتۈم. بەلكىم سىز دەلىلگە كۈچلۈكتۇرسىز، بىراق مىنىڭ ئاخىرقى سۆزۈم ھەزرىتى ئەمرۇ ئىبن ئاس بىلەن ئوخشاشتۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
«قارا كىسەلنىڭ مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان دۇنياسىدىكى ئىنكاسى توغرىسىدا سىلىشتۇرما»

(دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئامرىكا يۇقۇملۇق كىسەللىكنى ئالدىنى ئىلىش مەركىزى توربەتلىرى)« قارا كىسەل ئەنگىلىيەدە ۋە مىسىردا» The black death in Egypt and England

( ئىغاسەتۇل ئۈممە بىكەشفىل غۇممە – مەقرىزىي)

(مەقرىزىي – كىتابۇلسۇلۇك لمەرىفەت دۇۋەلىل مۇلۇك)

ئىبن ھەجەر ( بەزلۇل مائۇن فىي فەزلىل تائۇن)

https://web.stanford.edu/…/history13/Readings/MichaelDol.htm