«ئالىم ساراڭ» ۋە «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ»

2020/1/16

سالاھىدىن سەيدەخمەت

گىرمانىيە

«ئەگەر رەببىم ماڭا جەننەتنى نېسىپ ئەتسە جەننەتتە تۇرۇپ ئەسلەيدىغان ئەسلىمەم چوقۇم بالىلىقىم بولىدۇ» دەپ ئويلايمەن.
ئۇ قەدەر گۈزەل بىر بالىلىقىم بولغان ئىدىكى، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن غۇلجىنىڭ توپىلىرىدا قانغۇچە يۇمۇلاپ، توقايلىرىدا ئۇخلاپ، چىمەنلىرىدە يۈگۈرۈپ، دەرياسىدا چۆمىلەپ، باغلىرىدا مىۋە يەپ، ھەر كۈنى سەھەردە كاككۇكنىڭ «كاككۇك» دېگەن ئاۋازى بىلەن ئويغانسام، ھەر كۈنى كەچتە مومامنىڭ «دۈمبىسى كاۋاك» دېگەن ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتىم.


سەھەرلىرى قېلىن قايماق تۇتقان ئەتكەن چايغا ياڭاق باداملارنى ئېزىپ سېلىپ، دۆڭمەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى ناۋايلارنىڭ ھېلىلا تۇنۇردىن چىقىپ گۈلنىڭ بەرگىسىدەك تازە ۋە پارقىراپ تۇرغان گىردىسىنى ياپىلاق توغراپ، ئۈستىگە سەھرادىن ئىلىپ كەلگەن سېرىق ماينى سۈركەپ، ئاپام ئۆزى قايناتقان «تاشئالـما ۋارىنىسى» بىلەن قىلغان ناشتىلىقلىرىمنى پۈتۈن دۇنياغا تەڭ قىلـمايمەن!


ھەر قېتىم شۇ بالىلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە ئويلىماي ئۆتمەيدىغان ئىككى كىشى بار، ئۇلار بەلكىم مەڭگۈ خاتىرەمدىن ئۆچمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلار مەھەللىنىڭ چوڭلىرى ئەمەس، ياكى مەھەللىمىزدىن چىققان داڭدار شەخىسلەرمۇ ئەمەس، بەلكى غۇلجىدىكى ھەر بىر مەھەللىگە خاس ۋە شۇ ئەتىراپنىلا ئايلىنىپ يۈرىدىغان، بالىلىقىمىزغا ئىختىيارسىز ھالدا چوڭقۇر ھەمراھ بولغان مەھەللە ساراڭلىرى. بىرى «ئالىم ساراڭ» يەنە بىرسى «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ». بۇ ئىككىسىنى غۇلجىنىڭ دۆڭمەھەللە ۋە زايىمكا ئەتىراپىدا تونىمايدىغانلار بولـمىسا كېرەك.


ئىككى ساراڭنىڭ خارەكتېرى تۈپتىن ئوخشىمايتتى ۋە قەلبىمىزدىكى تەسىرىمۇ ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنەتتى. ئەمما مەھەللىگە مەيلى قايسىسى كەلسە كەلسۇن پۈتۈن ئويۇنلار توختاپ، ئۇخلاۋاتقانلار ئويغۇنۇپ، ئاپىسى چاقاغانلار قېچىپ، تامىقى پىشقانلار تاشلاپ قويۇپ چىقىپ ئۇلارنى ئورىۋالاتتى.


ئالىم ساراڭ شۇ چاغلاردا 35 ياشلار چامىسىدا ئوتتۇرا بوي، ۋىجىك ۋە بۇغداي ئۆڭ، كالپۇكى بىلەن بۇرنىنىڭ ئارلىقى يېقىن، يۈزىدە داۋاملىق بىر تەبەسسۇم جىلۋە ئېتىپلا تۇرىدىغان، قولىدا دائىم بىر شاپتۇل تېلىنى كۆتۈرۈپلا يۈرىيدىغان، پات-پات ئىشتىنىنى تارتىپ قويغاچ كونا ئەتىرەڭ كاستومىنىڭ يېڭىغا بۇرنىنى سۈرتۈپ ماڭقىسىنى كۈچەپ تارتىدىغان، كىيىنىشى رەتسىز ۋە سەل مەينەتىرەك بىرى ئىدى. بىز ئالىم ساراڭدىن پەقەتلا قورقمايتتۇق. بەلكى ئۇنى قورشىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئۇ ئەڭ ئامىراق سەۋىتنىڭ «ئېرىس كۈمپۈتىنى» بېرىپ، يەپ بولىشىغىلا: ئالىم، ئالىم! بىزنى قوغلا،-دەپ ئۇنى قوغلىتىپ ئۆزىمىز ئالدىدا چۇرقىرىشىپ قېچىپ ئوينايتتۇق. ئۇ ئاقساپ يۈگۈرگەچكە بىزگە بەكمۇ قىززىقارلىق تۇيۇلاتتى.


مەھەللىنىڭ يەنە بىر سارىڭى «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ» دىن بولسا بەكمۇ قورقاتتۇق، ئۇنىڭ ھېكايىسىمۇ ھەم ئۆزىدەك سۈرلۈك ۋە سىرلىق ئىدى. مەھەللىدىكى چوڭلارنىڭ ئېتىپ بېرىشىچە تۇرسۇنئاي ھەدە كىچىك ۋاقتىدا كېچىدە ئۆيىنىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئۆلۈپ كېتىپ پەقەت بىر ئاكىسى ئىككىسىلا ھايات قالغان ئىكەن، كېيىنچە ئۇ ئاكىسىمۇ يوقاپ كېتىپ شۇ ئىشلارنىڭ تەسىرىدە ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ ئايالنى «كېتەلـمەيدۇ» دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئايال سەل ئېچىلىپ قالغان كۈنى ئۆزىگە سالام قىلغان بەزى ئادەملەرگە ئاكىسىنىڭ سەۋىتتە (روسىيە) ئىكەنلىكىنى، ئەينەكتىن چوڭ داچىلارنى سالغانلىقىنى، ماشىنىسى بارلىقىنى ۋە پات يېقىندا كېلىپ ئۆزىنى ئىلىپ كېتىدىغانلىقىنى 25 يىلنىڭ ياقى دەپ كېلىۋېتىپتۇ…


تۇرسۇنئاي ھەدە شۇ چاغلاردا 45 ياشلار ئەتىراپىدا ئىكەن ئەمما 60 ياشلاردا باردەك كۆرۈنەتتى، شۇنچىلىك تېتىك ۋە تېمەن ئىدىكى مەھەللە كوچىلىىدا ئىنتايىن ئالدىراش مېڭىپ يۈرەتتى، ئالىم ساراڭغا قارىغاندا كۆپ رەتلىك ۋە پاكىزە ئىدى، چىرايى ئانچە ئېسىمدە قالـماپتۇ ئەمما بېشىدىكى قولدا كەشتىلەنگەن قىزىل چىمەن دوپپىسى كۆزۈمنىڭ ئالدىدىلا تۇرىدۇ. ئىككىگە ئۆرۈۋالغان ئۇزۇن چېچىنى كەينىگە چۈشۈرۈپ دائىم ئازغىنە ئوتۇن، ئەدىراسمان ۋە مەھەللىدىكىلەر بەرگەن نەرسىلەرنى يۈدۈپ مېڭىپلا يۈرەتتى. بىر كۈنلىرى قۇياشتەك ئېچىلىپ كۈلۈپ كەلسە، بىر كۈنلىرى قىش ئاسمىنىدەك تۇتۇلۇپلا كېلەتتى. ئەگەر كەيپىياتى ياخشى ئەمەس كۈنلىرى ئۇ ئايالغا «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ» دەپلا قويسىڭىز دۇنيادا بار سەت گەپنىڭ ھەممىنى پېلېموتتەك تىزىپ ئۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلـماي قولىغا نىمە چىقسا ئېتىپ، ئاندىن يۇقىرى ئاۋازدا: مېنىڭ ئاكام سەۋىتتە، ھەقاسىڭ كۆرۈشىسە! مېنى ئەينەك داچىسىغا ئىلىپ كېتىدۇ! مېنىڭ جېنىم ئاكام، مېنى ئالغىلى كېلىدۇ، مەن كېتىمەن!،- دەپ، بەزىدە يىغلاپ كېتەتتى. شۇڭلاشقا بىز «كېتەلـمەيدۇ» دېگەن گەپنى قىلـماي ئارقىسىدىن ئەرگىشىپ جىممىدە ماڭاتتۇق، نىمە ئويلايدىغانلىقىغا قىززىقاتتۇق، قانداقمۇ ساراڭ بولۇپ قالغاندۇ، نىمە ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش نورمال ئويلىمايدىغاندۇ،-دەپ تولىمۇ قىززىقاتتۇق. ئېھ گۈزەل بالىلىق، ھەممە سەندە گۈزەل ئىكەنتۇق…


ئەنە شۇ كۆزلىرى ئويۇۋېلىنغان «مىرزات ئالىم»نىڭ ناخشىسىدىكى «تار كوچا»لارنى بۈگۈن مەيلى ئىستانبۇلدا ياكى پارىژدا بولسۇن ھېچ يەرگە تەڭ قىلـماي ئەسلەپ، سېغىنىپ تۇرىۋاتىمىز. ھەم بىزمۇ ئىستانبۇلنىڭ، نېۋيورۇكنىڭ، پارىژنىڭ، مەككىنىڭ، قاھىرەنىڭ ۋە مېئونخىننىڭ كوچىلىرىدا «ئالىم ساراڭ» ۋە «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ» دەك ساراڭلارچە ياشاپ كېتىۋاتىمىز! ھەممىمىز سەل بېنورمال بولغاچقا ئەتىراپىمىزدىكى «ساراڭلار» بىزگە بەك غەلىتە تۇيۇلـمايدۇ، بىر-بىرىمىزنىڭ كەينىدىن قىززىقىپ ماڭمايمىز، بىر -بىرىمىزگە ئىچ ئاغرىتىپ قارىمايمىز. ئەمما بىر-بىرىمىزگە «تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ» غا ئوخشاش ئەڭ ئەجەللىك ۋە تېرىكىدىغان گەپلىرىمىزنى نەشتەردەك سانجىپ، چىچاڭشىتىپ، قوغلىتىپ، يىغلىتىپ تۇرىمىز.


«ئالىم ساراڭ» لىرىمىزغا ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈركىيەنىڭ «ئۇيغۇر تۈركى» كەمپۈتىدىن بىرنى بېرىپ قويسا بىزنى سىياسەت مەھەللىسىنىڭ يۇمۇلاق كوچىلىرىدا ھارغۇچە قوغلايدۇ، بىزمۇ بايراقلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چۇرقىرىشىپ ھارمايمىز.


«تۇرسۇنئاي كېتەلـمەيدۇ» لىرىمىزغا ئارىمىزدىكى بەد قىلىق بالىلار نەزىرلەردە «كېتەلـمەيدىغانلىقىنى» دەپ قويۇپ چىچاڭشىتىۋېتىدۇ. «تۇرسۇنئاي» لار ئۆزىنىڭ بىركۈنى بولـماي بىركۈنى كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە كامپتىكى ئاكىسى سالغان داچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مۆل-مۆل يىغلاپ كېتىدۇ، بەد قىلىقنىڭ يىنىدىكى نۇرغۇن لامزەللە بالىلارمۇ «ھاي» دېمەي ئويۇن-تاماشىسىنى كۆرۈپ سەت گەپلەرنى ئاڭلاپ ھېجاراپ تۇرۇپ كېتىدۇ.


مانا بۇ مەھەللىلىرىدىن، تار كوچىلىرىدىن ئايرىلىپ ساراڭ بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ چوڭ كوچىلاردا تارتىۋاتقان سەرسانلىقى، سەرگەردانلىقى، شەرمەندەلىكى، شۇنى ئويلىسام بەكلا قورقىمەن:
بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىقىغا قانچىلىك ساراڭ ھەمراھ بولىۋاتقاندۇ ھە؟

2020/1/16 سالاھېدىن سەيدەخمەت «گىرمانىيە»

مەنبە: https://www.facebook.com/permalink.php?story_fbid=2545222099064622&id=100007305699422