مەمەت ئايدېمىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ساياھىتىم» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

سەدەف

2019-1-14

ۋەتىنىمىزدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا مېدىياسىدا بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى . دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.


1980_ يىلدىن بىرى گىرمانىيەدە ياشاپ كىلۋاتقان فوتوگرافچى، سەيياھ ۋە يازغۇچى مەمەت ئايدېمىر قەشقەردىن باشلاپ قۇمۇلغىچە بولغان 3000 كىلومىتىرلىق يالغۇز كىشلىك سەپىرىدە كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ _ئادىتى ۋە مەدەنىيەتلەرنى، قورقۇ ۋە ئەندىشىسىگە تولغان ھاياتلىرىنى تۈركچە ۋە نىمىسچە ئىككى خىل تىلدا يېزىپ چىققان. كىتابنىڭ بىرىنجى نەشىرى ”ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ساياھەت“ دىگەن ئىسىمدا، ئىككىنجى نەشىرى بولسا ”شەرقىي تۈركىستان ساياھىتىم“ دىگەن ئىسىمدا بولۇپ، كىتاپ گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە نەشىرىدىن چىققان.


ئاخىردا بىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىزنى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزنى ئۆزىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەر گە تونۇتقان ئاپتورغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.