چىخ پايتەختى شەھەر باشلىقى: خىتايدا ئۆچ ساقلاش پىسخىكىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن

ئەكرەم ئىلىك

2019-12-27

چېخ پايتەختى پراگانىڭ شەھەر باشلىقى Zdeněk Hřib ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتىگە مۇنداق دىدى :“خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىدىن ئىككى زور ساۋاققا ئېرىشتۇق: بىرى، خىتاي ئىشەنچسىز سودا شېرىكى ئىكەن؛ يەنە بىرى، خىتايدا ئۆچ ساقلاش پىسخىكىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن ”.

Image may contain: 1 person, smiling, text

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”خىتاي سىياسى ئېھتىياج ئۈچۈن ھەر ۋاقىت سودا كېلىشىمىنى قۇربان قىلالايدۇ. خىتاينىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ تىپتىكى سودا كېلىشىمى ياكى ھەمكارلىق توختامىنى دەقىقە ئىچىدە كېرەكسىز قەغەزگە ئايلاندۇرالايدۇ … بېيجىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىگە 5 يىلدا 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن، شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ چېخمۇ دىپلوماتىيەسىنى تەڭشەپ، بازارنى ئاچقانىدى. ئەمما ۋەدە قىلىنغان خىتاي مەبلىغى دىگەن جايىغا كەلمىدى“.

”مەن بېيجىڭنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغاندىن كېيىن، ئۇلار پراگا مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى زىيارەت كونسېرتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە باشقا دۆلەتتىكى سىياسئون، سەنئەتكار ۋە سودىگەرلەر ئايرىم-ئايرىم ئىندىۋىدۇئال شەخس ئەمەس. ئۇلارنىڭ لوگىكىسى مۇنداق:’بىر پراگالىق قاملاشمىغان ئىش قىلدىمۇ? ئەمىسە ھەممە پراگالىقنى جازالايمىز!“

ئالىي مەكتەپنى تەيۋەندە ئوقۇغان بۇ شەھەر باشلىقى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەيۋەن ۋەكىللىرىنى چىقىرۋېتىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، بېيجىڭنىڭ چىشىغا تەگكەنىدى. بۇ يىل 3-ئايدا ئۇ پراگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا تىبەت بايرىقى ئاستۇرغان ۋە ”خىتاي بىلەن تىبەت 1951-يىلى ئىمزالىغان تېنچلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، تىبەت يۈكسەك ئاپتونومىيەگە ئىگە. شۇڭا بايراق چىقىرىش ئىشىغا خىتاي ھىچ ئارىلاشماسلىقى كېرەك“ دەپ چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ يىل بېيجىڭ بىلەن پراگانىڭ ئاچا-سىڭىل شەھەر كېلىشىمىدىكى ‘تەيۋەن بىلەن تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش’ دىگەن ماددىنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىشى بېيجىڭنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە كېلىشىمنى بىكار قىلغان ئىدى.

پراگا بىلەن تەيبېي شەھرى كېلەر ئايدا ئاچا-سىڭىل شەھەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىماقچى.

مەنبە: ئەكرەم ئىلىك فەيىسبۇك بىتى

https://www.facebook.com/ekrem.hsb?__tn__=%2CdC-R-R&eid=ARA0BN_L4Szvdbk3N0IEyax0adZfj91k74wU3Rlyjm720kt7PyYZXuOe6uVyYQd3MlcDVtat8-AVWMIA&hc_ref=ARTT4TShzIIC201ySzuDAuA0qFDZy_MTMWWslXzbmogi3AWz1Er8xrgdYZ4wmZvfdRw&fref=nf