جاكارتادا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ 100 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

سەدەف

2019-12-27

يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشنى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل تۈردىكى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا، بۈگۈن يەنى 12_ئاينىڭ 27_كۈنى ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادا خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا يۈزمىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۈگۈن جۈمە نامىزىدا ھىندىنوزىيە دىكى جامىلەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خۇتبە ئۇقۇلغان ۋە دۇئالار قىلىنغان.


جاكارتادىكى فاتاھىللا جامىسىدە جۈمە نامىزىنىڭ ئالدىدا مىڭلارچە جامائەتكە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۇنۇشتۇرغان سىيت تۈمتۈرۈك ئەپەندى، جۈمە نامىزىدىن كىيىن مىڭلارچە جامائەت بىلەن بىرلىكتە خىتاي كۇنسۇلى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتناشقان ۋە ھەرقايسى ئاخپاراتچىلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلىقتىن چىققان زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى ھىندونوزىيە ئىسلامى جامائىتى ۋە شۇنىڭدەك نەچچە ئون ئاممىۋى تەشكىلات، ۋەقىفلەر بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، نامايىشقا ئاز دىگەندە يۈزمىڭ كىشى قاتناشقان بۇلۇپ، يوللار تۇسۇلۇپ، بىرنەچچە سائەت قاتناش تۇسۇلۇپ قالغان. نامايىشچى ئامما ”شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس“ دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، ئۆزلىرنىڭ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلار يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.