دوكلات: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت سېستىمىسى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

«قارشى تېخنىكا» ساقچى يانفون ئەپنىڭ ئانالىز قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئىستىراتېگىيىسىنى ئاشكارىلىدى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يەنە بىر چوڭ دوكلاتى ئېلان قىلىندى، مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇيغۇر .ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىشنى ھاۋالە قىلدى

(نيۇ-يورك، 2019- يىلى 2- ماي) — «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى يانغون ئەپى ئارقىلىق خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلاغا قارىتا قانۇنسىز كەڭ كۆلەملىك نازارەت يۈرگۈزدى ۋە ئۇلارنى قارىسىغا تۇتۇپ تۇردى.» دەپ يازغان.

« خىتاينىڭ باستۇرۇش فورمۇلاسى: ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار ئىشلىتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئەپىنى يېشىپ چىقىش» دېگەن 68 بەتلىك دوكلاتىدا (ئۇيغۇر تىلىدا قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەۋسىيەلىرى بار)، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ تەركىۋى قىسمى قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 مىليون تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق باستۇردى. 2018- يىلى يانۋاردىن 2019- يىلى فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىشلىتىدىغان «بىر گەۋدىلەشكەن جەڭ قىلىش سۇپىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «جەڭ سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان يانفون ئەپىگە «قارشى تېخنىكا» دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكىنى مۇۋاپپەققىيەتلىك قوللىنىپ، شۇ ئەپنى يېشىپ چىقتى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلارنىڭ بۇ يانفون ئەپىدە شەخسلەر ۋە تەھدىت دەپ چېكىت قويۇلغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى بۇ يانفون ئەپىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئومۇمغا ئېچىۋېتىلگەن لاھىيىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كەڭ كۆلەملىك نازارەت سېستىمىسىنىڭ پائالىيىتىنى ۋە كىملەرنى نىشانلىقىدەك سىرنى يەشتى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز تۇنجى بولۇپ شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولغان ئىش- ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانۇنسىز ئۇچۇر توپلاپ، بۇ ئۇچۇرلارنى شۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئىشلىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر ھالقىنى كۈزىتىۋاتىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئىشەنچىسىز دەپ قارىغانلىرىنى ئىلغاپ چىقىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بالا تېپىپ بېرىۋاتىدۇ.»

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى يەنە ئۇ ئەپتىن تارتىۋالغان رەسىمنى ئېلان قىلغان.               

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋاتقىنى كىشىلەرنىڭ قان تىپىدىن، بوي ئېگىزلىكىگىچە، ئۇلارنىڭ «ئەتراپىدىكى دىنى مۇھىتتىن» ئۇلارنىڭ سىياسى قىياپىتىگىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ساقچىلارنىڭ يانفونىدىكى «جەڭ سۇپىسى» 36 خىل ئادەمنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى يىغىشنى نىشانلىغان. بۇلار ئەقلى يانفون ئىشلىتىشنى توختاتقانلار، «خۇلۇم- خوشنىلىرى بىلەن باردى- كەلدى قىلمىغان»، يەنە «ئاكتىپلىق بىلەن مەسچىتكە ئىئانە توپلىغان» كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يانفون «جەڭ سۇپىسى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىر ئادەمنى ئىز قوغلايدۇ. كىشىلەرنىڭ تېلېفونى، قاتناش قورالى ۋە كىملىك كارتىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزىتىدۇ. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشى ۋە بارىدىغان گاز پونكىتلىرىنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ بايقىشىچە بۇ سېستېما يەنە شۇ رايوندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار كۆرۈنمەس ياكى مەۋھۇم پاسىللارنى پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش ئەركىنلىكى بولسا ھۆكۈمەت خادىملىرى بايقىغان بۇ يانفون سېستېمىسىدىكى پروگراممىلاشقان ئامىللار بېكىتكەن تەھدىت دەرىجىسىگە قاراپ چەكلىنىدۇ.

بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىغان بىرەيلەننىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتىغا دەپ بېرىشىچە، ئۇ قارىسىغا تۇتۇلۇپ، قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دۇكانغان كىرگەندە، كىشىلەرنى تەكشۈرىدىغان بېخەتەرلىك سېستىمىسىنىڭ سېرىق دەرىجىلىك سىگنالى سايراپ كەتكەن. ساقچىلار كېلىپ ئۇنى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كەتكەن. «مەن ساقچىلارغا: <مەن تۇتۇپ تۇرۇلغان، لېكىن مېنى سىلەر قويۇۋەتكەن. مەن گۇناھسىز.> دېدىم… ساقچى ماڭا: <ھىچقانداق ئاممىۋى سورۇنغا بارما…> دەيدۇ. مەن: <ئەمىسە، ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ ئۆيدىلا ئولتۇرامدىمەن؟> دېسەم، ساقچى: <توغرا، شۇنداق قىلغىنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى. شۇنداقمۇ؟> دېدى.

دائىرىلەر بۇ يانفون ئەپىنى ياساپ، نۇرغۇن ئادەتتىكى ۋە قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى گۇمانلىق ئىش- ھەرىكەتنىڭ كۆرسەتكۈچىسى قىلغان. مەسىلەن:

  • ماشىنىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىگىسى بىلەن گاز قاچىلغىنى بىر ئادەم بولمىسا، سېستىما بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىدۇ. ئاندىن بۇ يانفون ئەپى ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، سەۋەبىنى يانفون ئەپىدىكى يەنە بىر ئايرىم كۆزنەكتە تىزىملايدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ گۇمانلىق ياكى ئەمەسلىكى، ساقچىلارنىڭ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشىنىڭ زۆرىيىتى بار ياكى يوقلۇقىنى قارار قىلىدۇ.
  • بۇ يانفون ئەپى يەنە چەتئەلگە چىقىپ، ناھايىتى ئۇزۇن تۇردى دەپ قارالغانلار توغرىلىق ئالاقىدار خادىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. شۇنداقلا «مۇددەتتىن ئۇزۇن تۇردى» دەپ قارالغانلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ۋە تونۇش- بىلىشلىرىدىن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە سوراق قىلىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. بۇ يانفون ئەپى يەنە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى «مۇددەتتىن ئۇزۇن تۇردى» دەپ قارالغان ئادەمنىڭ تېلېفونى ۋە ئۇنىڭدىكى «گۇمانلىق ئالاقىلاشقۇچىلارنى» تەكشۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.
  • ئەگەر بۇ سېستېما بىرەرسىنىڭ تېلېفونىنى ئىز قوغلىيالمىسا، ئالاقىدار خادىملارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تېلېفون ئىگىسىنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىنىڭ گۇمانلىق ياكى ئەمەسلىكى، تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتى بار يوقلۇقىنى قاراپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ بايقىشىچە، بەزى تەكشۈرۈشلەريەنە كىشىلەرنىڭ تېلېفونىدا گۇمانلىق دەپ قارىلىدىغان 51 ئىنتېرنېت قورالى، مەسىلەن: WhatsApp, Viber, Telegram,ۋە Virtual Private Networks (VPNs)قاتارلىقلارنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يانفون ئەپى يەنە كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ كۈزىتىدۇ. مەسىلەن: ساقچىلارنىڭ تىزىملىكىدە بولغانلار بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنى سۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ياكى يېڭى تېلېفون نومۇرى ئالغان ئادەملەر بىلەن ئالاقىسى بارلارنى كۈزىتىدۇ.

بۇ خىل كەڭ ۋە گۇمانى ئۆلچەملەر بىلەن بۇ سېستېما تۇتۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ باھالىشىغا سۇنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى ھۆججەتلىرىدىكى «تۇتۇشقا تېگىشلىك ھەر قانداق ئادەم تۇتۇلۇشى كېرەك.» دېگەن بايانلىرى «ئىشەنچىسىز» دەپ قاراپ تۇتىدىغانلارنىڭ سانىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىلەر ھىچقانداق قوغدىنىش كاپالىتىمۇ يوق ئەھۋالدا سوراق قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنى مەسلىھەت سوراش ھوقوقىمۇ بولمايدۇ. بىز 2018- يىلىدىكى دوكلاتتا بايان قىلغىنىمىزدەك ھەتتا بۇنداق تۇتۇلغان بەزىلىرى قىيناش ۋە خورلاشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇچرىغان بۇ خورلۇقلار ئۈچۈن ھىچقانداق تۆلەممۇ تەلەپ قىلالمايدۇ.

بۇ يانفون سېستىمىسىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ بىر ھەربى سودا ھۆددىگىرى بولغان «خىتاي ئېلېكترونىكا تېخنىكا گۇرۇھى» (CETC) ياساپ چىققان. بۇ يانفون ئەپىنى «خېبىي يىراق شەرق ئالاقە سېستىمىسى لاھىيىسى شېركىتى» HBFEC)) تۈزگەن بولۇپ، تۈزۈش داۋامىدا بۇ شىركەت CETCشىركىتىگە تولۇقى بىلەن تەۋە بولغان. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى بۇ يانفون ئەپى ۋە جەڭ سۇپىسىنىڭ ياسىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سوراپ، CETCۋە HBFECگە يازغان خېتىگە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان.

«قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار خادىملار يەنە 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ بېئولوگىيىلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرلىرىنىمۇ يىغقان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار DNA  ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، كۆز قارىچۇقى ۋە قان تىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. دائىرىلەر يەنە ئاھالىلەردىن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا ئاۋاز ئەۋرىشكىسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلەشكەن، تەكشۈرگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ سېستىما تاجاۋۇز خاراكتېرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسى لاھىيىسى خىتاينىڭ ھەممە يېرىدىكى ساقچىلار پىلانلاۋاتقان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان سېستىمىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ <جەڭ سۇپىسى>نى دەرھال ئۆچۈرۈشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەردىن توپلىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك.» دېدى،- شۇنداقلا بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاقىدار چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو ۋە باشقا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەك باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتا «ئامېرىكا يەرشارى ماگنېتىسكى جازا قانۇنى»، ۋىزا بەرمەسلىك، مال-مۈلكلىرىنى توڭلىتىش قاتارلىق قاراتمىلىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. ئۇلار يەنە مۇۋاپىق ئېكسپورت كونترول مېخانىزىمى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقوقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنى توسۇشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىر خەلقئارالىق ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈش ۋەزىپە ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى باھالاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

مايا ۋاڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دوزاق بەرپا قىلدى. چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئېكسپورت كونتروللۇقى، قاراتمىلىق جازالاش، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قوغداش قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى تونۇپ، خىتاينىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ قىلمىشلىرىنىڭ دۇنياغا تارىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.»

« خىتاينىڭ باستۇرۇش فورمۇلاسى: ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار ئىشلىتىۋاتقان بىر كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئەپىنى يېشىپ چىقىش» نى تۆۋەندىكى ئۇلىنشتىن كۆرۈڭ:

https://www.hrw.org/node/329384(دوكلاتنىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق نۇسخىسى)

https://www.hrw.org/sites/default/files/report_pdf/201905china_ijop_sum_recs_uyghur_1.pdf(ئۇيغۇر تىلىدىكى قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەۋسىيەلىرى)

«كىشىك ھوقۇقنى كۈزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باشقا دوكلاتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:

https://www.hrw.org/asia/china-and-tibet

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن، تۆۋەندىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

شياڭگاڭدا مايا ۋاڭ (ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە ۋە گۇاڭدۇڭ تىلى): +852-8170-1076(يانفون)؛ wangm@hrw.org. تۋىتتېر: @wang_maya

ۋاشىنگتون شەھىرىدە سوفى رىچاردسون (ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە): +1-202-612-4341؛ +1-917-721-7473(يانفون)؛ richars@hrw.org. تۋىتتېر: @SophieHRW

ئىستانبۇلدا ئەمما سىنكلاير-ۋەب (ئېنگىلىزچە، تۈركچە):+90-538-972-4486(يانفون)؛ sinclae@hrw.org. تۋىتتېر: @esinclairwebb

جاكارتادا ئاندرېئاس خارسونو (ئېنگىلىزچە، ھېندونوزچە): +62-815-950-9000(يانفون)؛ harsona@hrw.org. تۋىتتېر: @andreasharsono

بېريۇسسېلدا لوتتې لېيخت ( ئېنگىلىزچە، گېرمانچە، فرانسۇچە، دانىيەچە، شىۋېتچە): +32-475-68-17-08(يانفون)؛ leichtl@hrw.org. تۋىتتېر: @LotteLeicht1

بېرلىندا ۋەنزەل مىكالسكى (گېرمانچە، ئېنگلىزچە): +49-15-1419242-56(يانفون)؛ wenzel.michalski@hrw.org. تۋىتتېر: @WenzelMichalski

ئىستانبۇلدا مىھرا رىتتمانن (ئېنگلىزچە، رۇسچە): +1-917-385-3831(يانفون)؛ rittmam@hrw.org. تۋىتتېر: @MihraRittmann

سان-فرانسىسكودا براد ئادامس (ئېنگلىزچە): +1-347-463-3531(يانفون)؛ adamsb@hrw.org. تۋىتتېر: @BradMAdams

پارىژدا بېنېدىكتې ژىئاننېرود (فرانسۇزچە، ئېنگلىزچە): +33-6-74-32-88-94(يانفون)؛ jeanneb@hrw.org. تۋىتتېر: @BenJeannerod

سىدنىدا ئېلاينې پىئارسون (ئېنگىلىزچە): +61-400-505-186(يانفون)؛ pearsoe@hrw.org. تۋىتتېر: @pearsonelaine

توكيودا كانھې دوي (ئېنگلىزچە، ياپونچە):+81-3-5575-3774؛ +81-90-2301-4372(يانفون)؛ doik@hrw.org

جەنۋەدە جون فىشىر (ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە): +41-22-732-5760؛ fisherj@hrw.org. تۋىتتېر: @JohnFisher_hrw

نيۇ-يوركتا لۇئىس چاربوننېئاۋ (ئېنگلىزچە، گېرمانچە، چېخچە): +1-212-377-9468؛ +1-646-591-5178(يانفون)؛ charbol@hrw.org. تۋىتتېر: @loucharbon

لوندوندا مېئاناكشى گانگۇلى (ئېنگلىزچە، بېنگالچە، ھىندىچە): +91-9820-036032(يانفون)؛ gangulm@hrw.org. تۋىتتېر: @mg2411

نيۇ-يوركتا مىنكي ۋوردېن (ئېنگلىزچە): +1-212-216-1250(يانفون)؛ wordenm@hrw.org

بيۇ-يوركتا ئاخمەد بېنچەمسى (ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە): +1-929-343-7973(يانفون)؛ benchea@hrw.org. تۋىتتېر: @AhmedBenchemsi

بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىغانلارنىڭ دېگەنلىرى

كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنى تونۇغىدەك باشقا ئۇچۇرلىرى بېرىلمىدى. ھەممە ئىسىملارغا پەقەت تەخەللۇسلا ئىشلىتىلدى.

ماشىنا ھەيدەۋاتقىنىمدا بىر قاتناش ساقچىسى مېنى توختاتتى. ئاندىن ئالاھىدە قوراللىق قىسىمنىڭ بىر نەچچە ساقچىسى كېلىپ، مەندىن تېلېفونۇمنى ئۇلارغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەن بەردىم. ئاندىن ئۇلار تېلېفونۇمنى … گە چاتتى. ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان تېلېفونلارغا چاتىدىغان ئوخشىمىغان سىملار بار ئىكەن. ئۇلار مېنىڭ تېلېفونۇمنى چاتتى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نېمىنى ئىزدەۋاتقىنىنى كۆرمىدىم. بەش مىنۇتتىن كېيىن، ئۇلار تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بەردى. ئاندىن مېنىڭ قايتىشىمغا رۇخسەت بەردى.

ھېچكىم ئۆزىنىڭ يانفونى، يانفونىدىكى ئەپلەر ياكى تور بەتتىكى مەزمۇنلاردىن قايسىسىنىڭ «قانۇنسىز» ياكى «تېرورچى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. نېمىنىڭ قانۇنسىز مەزمۇن ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. قانۇنسىز مەزمۇن دەپ ئاڭلىغان، لېكىن مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.

-نۇرمۇھەممەت، 2017- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان، 2018- يىلى ئىيۇن

مەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق رايوندىن چىقماقچى بولغاندا، مېنىڭ كىملىكىم ساقچى پونكىتلىرىدا [سايرايدۇ]… ساقچى ماڭا مېنىڭ قارا تىزىملىكتە ئىكەنلىكىمنى، [نوپۇس]ۇم تۇرۇشلۇق رايوندىن چىقالمايدىغىنىمنى دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىزنىڭ يېزىلىق ساقچىغا باردىم ۋە «مېنىڭ بالىلىرىم بار، مەن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت سورايمەن» دېدىم، لېكىن ساقچى رۇخسەت بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزامدىن چىقالمىدىم. مېنىڭ ناھايىتى ئاچچىقىم كېلىپ: «يا سەن مېنى ئۆلتۈرۋەت، يا مېنى تۈرمىگە تاشلا. بولمىسا مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن.» دېدىم.

-ئەخمەت، سىياسى ئۆگىنىش لاگىرىدا بىر نەچچە ئاي يېتىپ چىققان، 2018- يىلى ماي

بىر ھۆكۈمەت خادىمى ئاپامغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قولىدىكى يانفون نومۇرىنى قاچاندىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئاپام: «11» دەپ جاۋاب بەردى. ساقچى ئۇنىڭغا :« يالغان سۆزلەۋاتىسەن. 7!» دېدى. ئاپام قورقۇپ كېتىپ، جىددىچىلىكتە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ قالدى.

      -ئايلىن، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان تېلېفون نومۇرىنى ئىشلەتكەچكە سىياسىي ئۆگىنىش لاگىرىغا قامالغان، 2018- يىلى ماي

 

سىن ۋە رەسىملەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ:

https://media.hrw.org/preview/2302/china-how-mass-surveillance-works-in-xinjiang/eng

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar