تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-4-26

 

26-ئاپرېل خىتاي سودا سانائەت بانكىسى باش لىدىرى گاۋ شىياڭ ياڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا خىتاي ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى  بايان قىلىپ ،«ھازىر تۈركىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەبلەغنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى .
بۇ قېتىملىق25 – ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول » مۇزاكىرە يىغىنغا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى تايىپ ئەردوغان قاتناشمىغان بولۇپ ،قاتناش مىنىسترى چاخىت تۇرخاننى ئەۋەتكەن .ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشماسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليون خەلىقنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولغان نارازىلىقنى بىلدۈرۈش دېيىلمەكتە .

23-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى بېيجىڭ ،شاڭخەي، گۇاڭجۇ ،شېنجىن ،چىڭداۋ قاتارلىق بەش چوڭ شەھەردە ئۆتكۈزگەن ،تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىپ تۈركىيە ۋەتەنداشلىق ئېلىش ھەققدە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات پائالىيىتى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ باش ئايغى ئۈزۈلمىگەن .ئىگىلىنىشچە تۈركىيەنىڭ بۇ مەبلەغ يولى بىلەن ۋەتەنداشلىق بىرىش پائالىيىتى 2019يىلدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان. مەبلەغ سوممىسى پەقەت 250مىڭ دوللارلىق ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىش ياكى 500مىڭ دوللار بانكىغا پۇل ياتقۇزۇش بولۇپ ،پۈتۈن ئائىلە بويىنچە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىگە بولالايدىكەن .

 

مەنبە:

http://m.haber7.com/ekonomi/haber/2855281-cin-ve-turkiye-iliskileri-guclenerek-devam-edecek

https://edu.sina.cn/a/lxcg/2019-04-24/detail-ihvhiewr7944772.d.html?from=wap

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar