نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى: خىتاي مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماشقا قارىتا بولىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنى قانداق ئنكاسلار بىلەن پەسەيتىۋاتىدۇ

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ فېۋرال ئېيىدا بېجىڭدىكى ئۇچرىشىشى

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 8- ئاپرېل

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-10

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوردا مېھمانخانىسى (Emirates Palace hotel) ئابۇزابىنىڭ بىر ھوقۇق مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭرى ئۆگزىسى 114 دانە گۈمبەز بىلەن زىننەتلەنگەن. ئالدىنقى ئايدا، 10 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان خىتاي دىپلوماتلىرى بۇ مىھمانخانىدا ئىسلام دۇنياسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى كۆندۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

خىتاي ئىزچىل ئۆزىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) رايۇنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا قارىتا بولىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق 3- ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان 2 كۈنلۈك يېپىق يىغىندا، 57 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (Organization of Islamic Cooperation) بېيجىڭنى چوڭ بىر غەلبىگە ئىگە قىلدى. بۇ تەشكىلات ئىزچىل ھالدا روھىنگىيالىقلار ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئۇچۇق سۆزلەر بىلەن قوغداپ كەلگەن ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرنى قوغداش ھەققىدىكى بىر قارارنامىسىدە، بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ « مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا قىلغان غەمخورلىقىنى» ماختىغان.

خىتاينىڭ سوت قىلماستىنلا كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش سىياسىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا كونگرېسىىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولىسمۇ، بىراق جازا قوللىنىلمىدى، ياۋروپا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پەقەت ئاندا-ساندا تەنقىدلەندى. بۇ ئىنكاسلار مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا نەچچە دەرىجە كۈچلۈك، كىيىنكىسى—پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە باشقا خىتاينىڭ زور سوممىلىق قەرزىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر—خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلۇملىرىنى كۆرمەسكە سالدى

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ كەينى- كەينىدىن بويسۇنۇشىغا ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىغا قارىتا بولغان بېسىممۇ  ئازايدى.

خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسلىق توسالغۇ بولسا ئۇنىڭ كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي كۈچى.

ۋاشىنگىتوندا، پرېزدېنت ترامپنىڭ سودا كېلىشىمى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قالدى. خىتاي ھازىر ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى باي ۋە نامرات دۆلەتلەردە پورت، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى سېلىۋاتىدۇ، بۇلار ترىلىيون دوللارلىق خەلقئارالىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى «بىر يول بىر بەلۋاغ» نىڭ بىر قىسمى

بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىياغا ئوخشاش بەزى مۆتىدىل مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بار. كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى ئىلگىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا كۆڭۈل بۆلىشى يېتەرسىز بولىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

خوتەن ئاسمىنىدىن تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى: كېڭەيتىپ قۇرىلىۋاتقان بىر جازا لاگىرى

ئالدىنقى ئايدا كرايس چېرچ شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتتىكى چوڭ كۆلەملىك قۇراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرنمۇ (Jacinda Ardern) ئالدىنقى ھەپتىدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە، ئاساسلىق نوقتىنى خىتاي بىلەن بولغان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى.

ئۇ پەقەت يېپىق ھالەتتە خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن كەچۈرۋاتقانلىرىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، كىيىن مۇخبىرلارغا « سىز بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىش قىلالمايسىز.» دېگەن.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارغا بولغان ئىشەنچ

 – 1989يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقىغا قارىتا ئىمبارگو يۈزگۈزگەن ۋاقتىدا، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۆچ ئېلىشقا دۇچ كىلىشىنى ئويلىشىپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا خىتاي تېخى بىر ئاجىز دۆلەت بولۇپ، ھازىرقىدەك ئىقتىسادى تەسىرى يوق ئىدى.

خىتاي بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، بىر قانچە يېڭى ئەزا دۆلەتلەر خىتاي ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

بېرلىنغا جايلاشقان مېركاتور خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ (Mercator Institute for China Studies) مۇئاۋىن مۇدىرى مىككو خوتارى (Mikko Huotari) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ھېچقانداق دۆلەت بۇ ئىشنى يالغۇز قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ئومۇمەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.»

باشقا دۆلەتلەرگە جازا لاگىرلىرىنى ئاقلىغاندا، ختاي دىپلوماتلار ئاجايىپ كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ئۇلار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەنلىرىنى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) قوللانغانلىقىنى ئېيتقان.

يەرلىك ئەمەلدارلار « كەسپىي تەربىيلەش مەركىزى» دەپ سۈپەتلەۋاتقان جازا لاگىرى

خىتاي تەرەپنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئەسلىھەلەر (جازا لاگىرى) بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۇبانىڭ گۇەنتانامو قولتۇقىدىكى ھەربىي تۈرمىسى بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولۇپ، چەتئەللىك تېرورىزم گۇماندارلىرى سوت قىلىنماستىن ئۇ يەگە سولىنىدۇ.

ئىككى نەپەر دىئالوگقا قاتناشقان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئاخىرىدا ئادۋۇكاتلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئادىل سوتلىنىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، يەنە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى خەلقئارالىق كومىتىتىنىڭ (International Committee of The Red Cross) يوقلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكىمىتى بۇ لاگېرلارنى ئېكسترىمىزمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى دەپ چىڭ تۇرماقتا. بىراق گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگىرلار  شىنجاڭدىكى 11 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى كومپارتىيىنىڭ سادىق قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇشقا مەقسەت قىلغان بىر مەيدان چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ يادروسى ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا كۈلتۈر ۋە ئىلاھىيەت ئىنىستىتوتى (European School of Culture and Theology) ئوقۇتقۇچىسى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىنسانىيەت قارشى قىلىنغان جىنايەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئېنىقلىمىسىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسىنى مۇرەككەپلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بىزنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) شاھىت بولىۋاتقانلىرىمىز پەرقلىق، سان جەھەتتىن ئەمەس بەلكى سۈپەت جەھەتتىن: بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك، ماسلىشىپ بىرلىكتە، مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چېقىش ھەرىكىتى (ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش)، بۇ بەدەنگە قارىغاندا بەكراق روھىيەتكە قىلىنغان جىنايەت.»  

خىتايدىمۇ نارازىلىق يوق دېيەرلىك. دۆلەتنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەن ئاخبارات ئورگانلىرى تارقاتقان تەشۋىقات ۋىدىئولىرى جازا لاگىرلىرىنى خىزمەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان بوستانلىقتەك سۈرەتلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر يىغىۋېلىنغۇچىلار قاتار- قاتار خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرىدۇ.

كۆپلىگەن خىتايلار ھۆكىمەتنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنى قوللايدۇ، چۈنكى ئۇلار زوراۋان ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

ئالدىنقى يىلى ئىستانبولدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاي زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش

نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى جۇفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « زور كۆپچىلىك خىتايلار بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە، خىتايلارنىڭ چوڭقۇر ئىسلاملاشتۇرۇش ۋە ئىسلامى ئېكستىرىمىزمغا بولغان قورقۇسى كۈچىيىۋاتىدۇ.» 

بېيجىڭ دائىرىلىرى دەسلەپتە لاگىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى. كېيىن ئۇ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىسلامى ئېكستىرىمىزمغا بولغان قورقۇسىدىن پايدىلىنىشقا باشلىدى.

ئالدىنقى ئايدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەتتا باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلاشتۇرغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلغان، ھەمدە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن.

خىتاي ئىسلام رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىنى قانداق قولغا كەلتۈردى

 – 3ئايدىكى ئابۇزابى يىغىنىدىن ئېلگىرى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 12- ئايدا كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

يىغىندا، ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ قىلمىشنى « ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ» سۈپەتلەپ، بۇنىڭ نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭغا تەنتەنە قىلغان ئىدى. ئۇيغۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئۈچۈن، بۇ كەم ئۇچرايدىغان يورۇق نۇقتا.

ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتى مىلۋاۋكې شۆبىسىنىڭ 39 ياشلىق دوكتۇرانتى فاتىمە ئابدۇلغافۇر ئىككى يىلدىن بېرى ئالاقىلىشالمايۋاتقان قېرىندىشى ۋە دادىسىنىڭ لاگېردىن قۇيۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ 12- ئايدىكى ئۇ قېتىمىلىق يىغىندىن كىيىنكى ئويلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: « بەلكىم ئۈمىد بىزگە قاراپ كىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بەلكىم بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خەلقئارالىق ئاڭنى يۇقىرى كۆتىرەلىشىمىز مۇمكىن.» 

ئۇيغۇر ئەرلەر خوتەندىكى بىر مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتماقتا. (2015- يىلى)

بىراق خىتاي ھۆكىمىتى بىر مەيدان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى نىشانغا ئالغان دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇردى

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1- ئايدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 8 ئەمەلدارى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) 10 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلار بەزى تاللانغان ئەسلىھەلەرنى (جازا لاگىرى) زىيارەت قىلغان.

زىيارەتتە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ جازا لاگىرىغا بولغان قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بىراق بۇ پائالىيەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاينى غەش قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇلار پىكىرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

ئابۇزابىدىكى يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيتتىن ئىبارەت ئىككى دوست مەملىكەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن—بۇ ئىككى دۆلەت ئەزەلدىنلا ئەرەبلەردىن بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي يەنە جازا لاگىرلىرىنى ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلغان دۆلەتنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

 – 2ئايدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي (Hami Aksoy) ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «سېستىمىلىق ئاسىلمىلاتسىيە قىلىش» بولسا « ئىنسانلىق ئۈچۈن نومۇس» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن، ھەمدە خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا دەۋەت قىلغان.

خىتاي دائىرلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان، ھەمدە تۈركىيەدىكى بىر خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقاپ ئۆچ ئالغان. خىتاي باش ئەلچىسى دېڭلى ئاگاھلاندۇرۇپ، « دوستىڭىزنى ھەر يەردە ئاشكارا ئەيىبلەش» ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر زىيان سالىدۇ دېگەن.

تۈركىيە بولسا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى رەئىس دۆلىتى، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئابۇزابىدىكى يىغىندا تۈركىيە باياناتچىسى  سۆز قىلغاندا، ئۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتقان.

يىغىننىڭ قارارى بىردەك ماقۇللانغان. فاتىمە خانىمغا ئوخشىغان ئۇيغۇرلار بەك ئۈمىدسىزلەنگەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بىز ئۇلاردىن خەلقئارالىق قېرىنداشلىقنى ھېس قىلمىدۇق، ئۇلار پۇل ئۈچۈن ئۆز روھىنى ساتتى، ئىمانىنى ساتتى. ئۇلار مىليونلىغان كىشىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.»  

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar