ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى: ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟

ئۆمەربېك ئەلى مارت ئېيىدا بىرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلغان كۆرۈنۈش

 

رىچارد نىكسون ئىلگىرى شىنجاڭلىقلارغا «ياق» دىگەن ئىدى، پىرىزدىنت تىرامپنىڭ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە پۇرسىتى بار.

 

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى

تارىخ تەتقىقاتچىسى چارلىس كائۇس يازمىسى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-4-9

 

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر قانچە ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەت ياشايدىغان شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋە ناتسىستلارنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە سىلىشتۇرۇلماقتا. بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق خەلقى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن مەجبۇرى ھالدا « قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا سولانماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ لاگىرلار تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولۇپ، خىتاي مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. بىراق رىئاللىق بولسا خىتاي تەشۋىقات قىلىغىنىدىن ئالاھىدە خەتەرلىك! لاگىرلاردىن نىجاتلىققا ئىرىشكەنلەر لاگىردىكى مىڭە يۇيۇش، قىيناش، مەجبۇرى ئەمگەك، ھەتتا ھاراق ۋە چوشقا گۆشىگە زورلاشتەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ كۈلتۈرى، ئىتىقادى، تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى شۇنداقلا لاگىرنىڭ ۋەھىمىسىگە ئۇچرىغان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر سىستىمىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىچىنىشلىق تىراگىدىيەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بەزى ئاممىۋى ۋەكىللەر تىرامپنى ماگىنىسكى قانۇنى بويىچە شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو ۋە سەپەر قىلىشنى چەكلەش جازاسى يۈرگۈزۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ.  باشقىلار بولسا ئۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، سودا ۋە كىلىمات ئۆزگۈرۈشى قاتارلىق باشقا مۇھىم ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ.

بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قىتىم شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈستىدە تاللاشقا دۇچ كىلىشى ئەمەس، شۇنداقلا يەنە تۇنجى قېتىم ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىمۇ ئەمەس.

بۇندىن تەخمىنەن 50 يىل مۇقەددەم، پىرىزدىنت نىكسون ھۆكۈمىتى بۇ سۇئاللارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ جۇغراپىيەلىك سىياسەت مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئالدىغا قويغان. بۇ تاللاش خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ خەلقئارا بېسىمىدىن سالامەت ئۆتۈپ كىتىشىگە پۇرسەت ياراتقان.

1970- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن شنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) خەلقىنىڭ ئىلتىجاسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق پائالىيەت قىلغان. ئەيسا يۈسۈپ نىيۇيوركلۇق دىموكراتلار پارلامىنت ئەزاسى جون مۇرفىي ئەپەندى بىلەن تېپىشقان. بۇ پارلامىنت ئەزاسى دىئاسئپورادىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە ئالىپتىكىننى دۆلەت مەجلىسىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى « ھۆرلۈكنى قوغدىغۇچى قەھرىمان» دەپ ماختىغان ۋە مۇستەملىكە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزچىسى دەپ سۈپەتلىگەن.

ئامرىكىنىڭ دەسلەپتىكى قوللىشىغا ئىرىشىپ رىغبەتلەنگەندىن كىيىن، ئالىپتىكىن ئامېرىكا پىرىزدىنتى رىچارد نىكسونغا بىر پارچە خەت يازغان. ئۇ خىتىدە « شەرقىي تۈركىستاندىكى جىددىي ۋە ۋەھشىي» ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىغان. ئالىپتىكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي بولمىغان خەلقلەرنى قەتئىي  يوقىتىدىغانلىقى ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپمۇ ئامېرىكىدىن ياردەم كۈتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇ ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن « ماددىي ياردەم» ۋە دىپلوماتىك قوللاش ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە، مۇرفىي ئۇ خەتنى ئاقسارايغا يەتكۈزگەن بولسىمۇ، خەتنىڭ پىرىزدىنت نىكسونغا يەتكۈزۈلگەنلىكى گۇمانلىق. دۆلەت ئىشلىرى ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى ھىنرىي كىسسىنگىر ئالىپتىكىننىڭ تەلىپىنى «ئورۇنداشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان.

نىمىشقا؟ چۈنكى بۇ ئېنىقلا زىيادە ئۈمىد كۈتكەن بىر پارچە خەت، ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) خىتاي كىڭەيمىچىلىكىدىكى ئىستىرادىگىيەلىك ئورنى ئاشۇرۇپ باھالانغان. ئالىپتىكىننىڭ خىتىدە يەنە سىياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بىر ئىلتىماس – شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بار. بۇ ئىلتىماس مەيلى ئەينى ۋاقىتتا ياكى ھازىر بولسۇن ھىچقايسى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ.

شۇنداقلىقىغا قارىماستىن، نىلسون ھۆكۈمىتى يەنىلا ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالىپتىكىننىڭ ئىلتىماسى قوبۇل كۆرۈلمىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ كىسسىنگىرغا ئېيتىپ بىرىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان ئۇنداق ئىشلارغا چىتىلىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان.

بۇ دەل نىلسون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتچىل سىياسىي مەنتىقىسى بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ زور سىياسىي ۋە ئىستىرادىگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن تەيۋەن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىگەندەك خىتاينىڭ سەزگۈر نىرۋىلىرىغا تەگمەسلىكنى تاللىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى ئەمەس ئىدى.

نىكسوننىڭ ئالىپتىكىنگە جاۋاب قايتۇرماسلىقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە مەيدان ھازىرلىغان، بۇ مۇناسىۋەت كىيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى.

بىراق، نىكسون ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارىتا باشقىچە ئامال ئىزدەشنى خالايدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسى ئامېرىكىدا قوشۇمچە مەسىلە سۈپىتىدە تاشلىنىپ قالغان، ھەتتا مەسىلە سانالمىغان بوۇشىمۇ مۇمكىن.

گەرچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئىزچىل كۈچلۈك تالاش- تارتىش پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، مەسىلەن 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدەك، ئۇ يەنىلا ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە ھىچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

بىراق، بۈگۈن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئەڭ ئالدىغا قويۇلۇشى كىرەك. خىتاي كومپارتىيىسى مىلىيونلىغان كىشىلەرنى دەھشەتلىك لاگىرلارغا سولىماقتا، پۈتۈن مىللىي مەدەنىيەت تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا. شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى ھىچقانداق يۇمشاش ئالامىتى كۆرۈلمىدى. ئەكسىنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگىرلارنى كىڭەيتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ئەنە شۇنداق ئىچىنىشلىق ۋەزىيەتتە ئامېرىكا خىتايدىن مەيلى قانداقلا ئىستىرادىگىيەلىك مەنپەئەتنى كۆزلىمىسۇن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسى ئامېرىكا- خىتاي سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كىرەك.

بەزى خۇش بىشارەتلەر بۇ سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئاللىبۇرۇن يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى نەنسى  پېلوسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك تەپتىش قىلىشقا چاقىرماقتا. سەنەتور ماركو رۇبىيو ۋە باشقىلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا. تاشقى ئىشلار كومىتىتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئۇيغۇر كىرىزىسىغا كۈچلۈك ۋە ئىنچىكە تەكلىپلەرنى بىرىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو خىتاينىڭ « ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمالارنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىغا» ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ :« كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە باشقىچە رىكورت ياراتقانلىقىنى» ئېيتتى. پومپىيو يەنە لاگىردا زىيانلانغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشىغا يەنىلا نۇرغۇن چارىلەر بار، پىرىزدىنت تىرامپنىڭ نىكسۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىگە يەنىلا پۇرسەت بار. ھازىر دەل ئامېرىكا پىرىزدىنتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) خەلقى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى!

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.washingtonpost.com/outlook/2019/04/09/will-us-continue-put-national-interest-over-chinas-human-rights-violations/?noredirect=on&utm_term=.14cefc370aa3

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar