«جاللات خېنم» نىڭ دەۋرىمىزدىكى قىرغىنچىلىقى

ئاپتورى: كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-08

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تارىخ يېزىش بېلىقچىنىڭ يايمىسىدىن ئۆزى ياقتۇرغان بېلقنى سېتۋېلىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن تاماقنى ئىتىشكە ئوخشايدۇ. 

–ئىنگلىز تارىخچى E.H Carr

 

قاچان ۋە كىمدىن ئاڭلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، « تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۈمبسىگە ئۇرغان تامغسى » دەيدىغان بىر گەپ ھازىرمۇ ئېسىمدە. ئىنگىلىز تارىخچى Carr بولسا  «What is History » دېگەن كىتابىدا تارىختىكى ھەممە ۋەقەلەر تارىخ بولالايدىغانلىقى، لىكىن تارىخچىنىڭ مەيدانى، مەنپەتى ۋە يېزىش مېتودىغا ئاساسەن ئۆزى موھىم دەپ قارىغان بىر ۋەقەنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئوخشىمغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشگە ئىگە ئىككى تارىخچىنىڭ ئوخشاش ۋەقەنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. يەنى بىر مىللەتنىڭ تارىخى، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سىياسى كۈچى بولسا ھەمدە  شۇ مەدەنىيەتكە سادىق كىشى تەرپىدىن يېزىلسا ئاندىن شۇ مىللەتنىڭ تارىخى بولىدۇ دېگەن گەپ. لىكىن ئاسارەتكە چۈشۈپ قالغاندىن بېرى تارىخىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. (تەبئي، نۇرغۇن يازغۇچى ۋە تارىخچىلىرىمىز بار بولغان شارائىتتىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىپ تارىخ ياكى تارىخى رومان شەكلىدە تارىخىمىزنى بىزلەرگە يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. ) مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرىنچىسى ياسىنجان سادىقنىڭ «جاللات خېنم » رومانىدۇر. بۇ كىتاب، يەنە كېلىپ قەستەن تارىخى رومان دېگەن ماركا بىلەن ئېلان قىلىندى. شۇنداق ئېيتشقا بولىدۇكى «جاللات خېنم» ئۇيغۇر جەمىيتىگە ئەڭ زور سەلبى تەسىر كۆرسەتكەن ئاز ساندىكى ئەخلەت كىتابلارنىڭ بىرىدۇر. ئىلىمگە بولۇپمۇ تارىخ ئىلمىگە  تەشنا ساددا خەلقىمىز بۇ كىتابنى سۆيۈپ ئوقۇدى. بىر بىرلىرىگە تەۋسىيە قىلىشتى. ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ كىتابنىڭ قىلچىمۇ ئاساسسىز تايىنى يوق بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدى، لىكىن بۇ كىتابنىڭ يېيىلىشى ۋە ئونىڭ جەميەتتىكى تەسىرىنى توسۇپ بولالمىدى ياكى بەك چەكلىك دەرىجىدە توسۇپ قالالىدى. قىلچىلىك تارىخ نەزەرىيسى ۋە يېزىش ئۇسلۇبىدىن خەۋىرى بولمىغان، تارىخنىمۇ بىلمەيدىغان ئەڭ موھىمى تارىخ كەسپىدىن چىقمىغان چاپانچى يازغۇچى خۇددى بىر يەردىن بۇيرۇق كەلگەندەك بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتى. يەنە كېلىپ ھېچ ئاساسى بولمىغان بىرمۇنچە تۆھمەتلەرنى خۇددى ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان «ۋەھىي» چۈشدىغان «خوجا»دەك  تۆت تامنىڭ ئوتترسىدا ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتى. بۇ ئىلىم ئەھلى بولغان بىرى ئۈچۈن ئەڭ نۇمۇس قىلارلىق ئىشتۇر. لىكىن نۇمۇس قىلغۇدەكمۇ ساپا بولمىغان ياسىنجان سادىق تېخىمۇ ئىلھام ئېلىپ «باھادىرنامە »  دېگەن ئەسىرىنى نەشىردىن چىقاردى. مەن شەخسەن «جاللات خېنم» نى ئوقۇغاندىن كىين بۇ ئادەمنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسەم ئاچچىقىم كېلدىغان بولۇپ قالغاچقا باھاردىرنامەسىنى ئوقۇپ باقمىدىم. بىرىدىن ئاڭلىسام ئو زامانلارغا ئائىت تولۇق ۋە ئىشەنچلىك تارىخ يوق دەپ بۇ ھەم ئۇزۇن ھەم سېسىق، ھورۇن خوتۇننىڭ پايپىقىدەك ئەسەرنى يېزىپ چىققانمىش. بۇ بىر نەرسە يوقكەن دەپلا يېزىپ قويىدىغان ئىشمۇ؟ سىز قايسى كەسپتە ئوقۇغان؟ تارىخ يېزىش مىتودىنى بىلەمسىز؟ مۇناسىۋەتلىك تىللارنى بىلەمسىز؟ ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ياسىنجان سادىق چاغاتايچىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇنداق بولسا بۇ كىتابلىرىنى نېمىدىن پايدىلىنىپ يازدى؟ ئەگەر بۇ ئادەمنىڭ ئەسەرلىرىنى كەسىپ، مىتود، ئىلمىي ئەخلاق ۋە قابىليەت جەھەتتىن باھالايدىغان بولساق بىر ئەخلەت كىتاب بولۇپ چىقىدۇ. مەن بۇ يازمامدا پەقەت «جاللات خېنىم » رومانىنىڭ جەمىيتىمزدە قانداق جاللاتلىق ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىلا توختىتىلمەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابتىكى بايانلارغا ئالدانماسلىققا دەۋەت قىلمەن.

بىرىنچى، جاللات خېنىم رومانىنىڭ قىلچىمۇ تارىخى ئاساسى يوق. ۋەقەلەر پۈتۈنلەي ئويدۇرما. ئۇ دەۋرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەزكىرەئى ئەزىزان، تەزكىرەئى خوجىگان، سىدىقنامە، بۇرقۇم ئەۋلىيا قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھىچ بىرىدە خوجىلارنى ياسىنجان سادىق يازغاندەك ئاچكۆز، ساتقىن، نىيتى يامان، شەھۋەتخور قېلىپ تەسۋىرلىمگەن. ھەتتا ئەڭ نوپۇزلۇق كىتابلاردىن بىرى بولغان كروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىدىمۇ خوجىلارنىڭ ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىدىن باشقا سەلبى بايان يوق. ئەكسىچە خوجىلارنىڭ شەرقىي تۈركستان ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلغانلىقى يېزىلغان. تەبئىي، خوجىلارنىڭ بۈيۈك پىشىۋالىرىدىن بىرى بولغان ئاپاق خوجا تارىخىمزنىڭ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلانغان شەخستۇر. لىكىن ئونىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بورھانىدىن خوجا ۋە  جاھانگىر خوجىلار جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ دۈشمەن ئالدىدا مەردچلەرچە قۇربان بولغان. بۇرھانىدىن خوجىنىڭ كاللىسى تېنىدىن ئاجىرتىلىپ خىتايلارغا ئاپرىپ بېرىلگەن. ئونىڭ باشسىز تېنى چۆلدە قالغان. جاھانگىر خوجىنى بولسا قەپەزگە سولاپ بېيجىڭغا ئاپىرىپ بەدىنىنى چاناپ ئىتقا تاشلاپ بەرگەن. مەكتەپلەرنىڭ تارىخ كىتابلىردىمۇ «چوڭ -كىچىك خوجىلار توپىلىڭى» دېگەن تېمىدا بۇ ۋەقەلىكلەر (تومتاقراق) بايان قىلىنغان. لىكىن ئولارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «يەتتە خوجىلار» كۆرەشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ بايانلار ئابدۇۋېلى ئەلىنىڭ «تورغاق خوجىلار»، ۋىي لىياڭتاۋنىڭ « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»  ۋە لىن گەننىڭ « ئۇيغۇر تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردا ئوچۇق ئاشكارا بار. شۇنداقلا بەزى خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق قاتارلىق تەرىقەتلەرگە بۆلىنىپ كېتىشى جەمىيتىمىزگە ئوڭشاپ بولغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي كىسەللىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. لىكىن بىرىنىڭ جىنايىتى سەۋەبىدىن ھەممىنى قارىلاپ يامانلىساق، چېتىپ جازالاش تۈزۈمىنىڭ سادىق ئىجراجىسى زالىم خىتايدىن نىمە پەرقىمىز بولىدۇ. ئاپاق خوجا سەۋەبلىك خوجىلارنىڭ ھەممىنى ساتقىنغا چىقىرۋەتسەك ئىككى توك توك سۈرىيەگە كەتكەنلەرنى باھانە قىلىپ ئۈچ مىليۇن شەرقىي تۈركستانلىقنى ناتسىست جازا لاگرىغا سولىۋالغان كومنست خىتايلار بىلەن نىمە پەرقىمىز قالىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن خوجىلارنى ئاقلىماقچى ئەمەس، ياكى مەن بىرەر يەرنىڭ تالىپى ياكى شەيخى ئەمەس. مەن غەربنىڭ مەدەنىيەت سىستمسىدا تەربىيە ئالغان «زىيالى» تەبىقىسىگە تەۋە بىرى بولىشىم مۇمكىن. موشۇ تەربىيە ۋە كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ خوجىلار ھەققىدە چىقارغان يەكۈنۈم يۇقارقىدەك. ھەممىنىڭ جاۋابكارى خوجا -ئىشانلار ئەمەس. لىكىن ياسىنجان سادىق تۈڭلۈكتىن كىرگەن ئىلھام بىلەن نەسلى قۇرۇپ كەتكىچە خىتاي بىلەن جەڭ قىلغان خوجىلارنىڭ ھەققىنى يېدى. ۋىي لىياڭتاۋنىڭ كىتابىغا قارسىڭىز خوجىلارنىڭ نەسەبنامىسى بار ۋە قەيەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

ئىككىنچى، ياسىنجان سادىق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ياراتقان  جاللات خېنم تارىختا قانچىلىك جاللاتلىق قىلغىنى نا ئېنىق بولسىمۇ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە ئەشەددى ئىجتىمائىي جالاتلىق ئېلىپ بارغىنى ئېنىق بولدى. دۈشمەننىڭ دېپىغا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇسۇل  ئويناپ ئوبرازى   خۇنۇكلەشتۈرۈلگەن «نادان  موللا» ۋە «ئىمانسىز زىيالى» داراممىسى «جاللات خېنم» قىلچ يالىڭاچلاپ مەيدانغا چۈشىشى بىلەن تېخىمۇ قىززىدى، يەنى سەن -مەن ئايرىمى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. موللا، شەيىخ ، ئىشان  دېسىلا «جاللات خېنم» روماندىكى ياسىنجان سادىقنىڭ كاسا يانچۇقىدىن چىققان «سوپى ئىشانلار» كاللىمىزغا  كېلىپ ئولارنى كەمستتۇق، زاڭلىق قىلدۇق ۋە يىرگەندۇق. ئەلىخان تۆرەنىڭ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، مەمتىمىن بۇغرالارنىڭمۇ موللا ئىكەنلىكىنى يادىمىزغا ئەكەلمىدۇق، ئەكەلسەكمۇ موللا بولغانلىقى ئۈچۈن تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى خالىمدۇق. دىننى ئىنكار قىلالماي تورغانلىرىمىزغا باھانە بولۇپ بەردى ۋە جاللات خېنمىدىن مىساللارنى كەلتۈرۈپ ھوجۇم قىلشنى باشلىدۇق. بۇنىڭ تەسىرىدە پەقەتلا ھەپتىيەكنى يادلىۋالغان، ئىسلام دىننى بەش قېتىم ناماز ئوقۇش دەپلا بىلدىغان، ئىلمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئەمەس خەقنىڭ كىيگەن كىيمىنى سانتىلاشنى ۋە ئۇيغۇرنى ئەرەبلەشتۈرۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلۋالغان «تالىپ» لار زىيالىلارنىڭ ئىمانىغا تىل تەككۈزشكە باشلىدى. گەرچە بۇ تۆھمەتلەر بۇرۇنمۇ بولسىمۇ «جاللات» خېنمنىڭ قوشۇن باشلاپ كىلشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. بۇ يەردە جاللات خېنمنىڭ پادىشاھىنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنمۇ پەرەز قىلشنىڭ قىين ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆتۈپ كىتەيلى. دۈشمەن ئەسلىدىنلا ئايرىپ قويغان ئىككى گۇرۇپ جاللات خېنم بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشتى. مانا مۇھاجىرەتتىمۇ جاللات خېنمنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايۋاتىمىز. ھە دېسىلا موللىنى دۆت دەۋالغۇسى  كەپكىتدىغان، زىيالىنى دىنسىز  بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغۇسى كىلدىغان خائىشلاردا جاللات خېنمنىڭ رولى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. لىكىن بۇ يەردە شۇنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي بىلىملىك زىيالى ۋە دىني ئۇستازلار باشتىن بېرى بۇنداق تۆۋەن سەۋىيەلىك ۋە زىيانلىق تالشىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلدى. مانا بۇ توغرىنى بىلگەنلىكتۇر.

مەن ئاخىرىدا كەسكىن قىلىپ شۇنداق دەيمەنكى «جاللات خېنم»نى چۇڭقۇر كولاپ كۆمىۋىتىڭ، بۇ بىر ئەخلەت كىتاب، ۋاقتىڭىزنى ۋە زىھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.

ئەقىللىق ئادەمگە دۈشمەن ئەينەكتۇر، «ئانا يۇرت» رومانىغا موكاپات بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟ لىكىن «جاللات خېنم»غا بېيجىڭدا كاتتا داغدۇغا بىلەن 200 مىڭ كوي (170مىڭ بولشىمۇ مۇمكىن) موكاپات بەردى. پۈتۈن «جاللات خېنم» رومانى ئەدەبىيلىك ۋە باشقا ھەرقانداق جەھەتتە «ئانا يۇرت» نىڭ بىر ۋارىقىغا تەڭ بولالمايدۇ، گەپ بۇ قەدەر ئېنىق.

ئەڭ ئاخرىدا شۇ ئابزاس بىلەن ئاخرلاشتۇرىمەن، ئەگەر سىز دىن دۈشمنى بولۇپ، دىننى ئۇيغۇرلاردىن ۋە باشقا شەرقىي تۈركستانلىقلاردىن ئايرىۋەتمەكچى  بولسىڭىز ۋە ياكى ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركستانلىقلارغا ئەرەب ياكى پارس ئۇسلۇبى ئىسلام ئاشقۇنلۇقىنى تاڭماقچى بولسىڭىز سىز بەك خەتەرلىك توڭ سويما دېگەن گەپ. مەيلى ئەزھەرنىڭ شەيخى  ياكى خارۋاردنىڭ ئالىي پروففىسورى بولۇپ كىتىڭ سىز جەمىيتىمىزنىڭ دۈشمىنى ۋە زەھەرلىك ئۆسمىسى. دىنسىز جەمىيەتنى بىلمەكچى بولسىڭىز خىتايلار بىلەن سۆۋىت ئىتپاقىغا قاراڭ، پەقەت دىن بىلەنلا دۆلەت قۇرىمەن دېسىڭىز يەمەن بىلەن پاكستانلارغا قاراڭ، ئىككسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلىگە قاراي دەپقالسىڭىز قارا خانلارغا، سەلچۇقلارغا، ئوسمانلىلارغا، ئەينى يىللاردىكى ئەنگلىيەگە ۋە ھازىرقى ئامېرىكىغا قاراڭ. Oswald Spengler ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «The Decline of The West» تە دىننى ئىنكار قىلشقا مېڭۋاتقان ياۋروپانىڭ 2200-يىلدا باشقا مەدەنىيەت تەروپىدىن ئىشغال قىلندىغانلىقىنى ئوتترىغا قويغان. 20-ئەسىردىكى داڭلىق فرانسوز سىياسەت پەلسەپىچسى Alexes De Touqievellie   ئامېرىكىدا نەچچە يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقلىق 1835-يىلدا يېزىپ ۋە نەشىر قىلدۇرغان« Democracy In American» دېگەن ئەسرىدە ئامېرىكىدىكى جۇشقۇن ھايات ۋە ئۇچقاندەك تەرەقىياتنىڭ سەۋەبىنى يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ ۋە ۋەقىف دەرنەكلەر رولى ۋە دىننىڭ روھىدىن  (خىرسىتيان دىنىنىڭ) ئىبارەت ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىغان. بۇ كىتاب ئامېرىكىنىڭ باش تاجى كىتابىغا ئايلانغان، ئىشەنمسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ، تېپىش ئەڭ قولاي كىتابلارنىڭ بىرى.  

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar