ئامېرىكا ئاۋازى: خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 17- مارت

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-17

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ھەيئىتى شەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 16- كۈنى) چۈشتىن كىيىن تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئىلگىرىكى سېكرىتارى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن نۇر بەكرى نۆۋەتتە خىتايدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىغا چېتىشلىق بولمىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. 2015- يىلى 1- ئايدا رەسمىي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپىگە  ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۆتكەن، ئېلگىرى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان.

بۇلتۇر 9- ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ھەيئىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، نۇر بەكرى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈلگەن. شەنبە كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك نازارەت قىلىش ھەيئىتى تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، نۇر بەكرى تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى چىققان، ئاچكۆزلۈك بىلەن چىرىكلەشكەن ، تۇرمۇشتا راھەت – پاراغەتكە بېرىلگەن، ئىسراپخورلۇق قىلغان، ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا بېرىلگەن، ئەمەل سودىسى قىلغان، چوڭ جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلەشكەن،  خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا خىزمەت تەڭشىگەن، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرگەن ، كارخانا تىجارىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش بەدىلىگە بىۋاسىتە ياكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز زور مىقداردا پارا ئالغان.

نۇر بەكرى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىشىنى قوللىغان، ھەمدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، زوراۋان تېرورچى كۈچلەرنى ئېغىر جازالاشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭلاشقا بەزى ئۇيغۇرلار ئۇنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قورچىقى، ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ ئەيىپلەيدۇ.

ۋال كوچىسى گېزىتى بولتۇر نۇر بەكرى تەكشۈرۈلگەندە يازغان ئوبزورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشى بىلەن خىتاينىڭ شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) قاراتقان سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك بەس مۇنازىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. لېكىن، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي قايتا تەربىيىلەش لاگىرىغا بولغان دىققەت نەزىرى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن 1 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-energy-head-expelled-from-party-20190316/4834151.html

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Skip to toolbar